- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-12-23
- تىزىملاش
- 1970-1-1
- ھوقۇق
- 150
- توردا
- 304سائەت
- جۇغلانما
- 570
- نادىر تېما
- 5
- يازما
- 161
- تېما
- 83
 
- توردا
- 304سائەت
- نادىر تېما
- 5
- دوست
- 5
- يازما
- 161
- تېما
- 83
|
ئەگەر يەرشارىنى بىر 100 كىشىلىك مەھەللە دەسەك
يۇقۇرىقى تەما يېقىندا ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان بىر كىتاپنىڭ نامى بولۇپ، بۇنىڭدا يەرشارى ناھايىتى چۈشىنىشلىك تونۇشتۇرۇلغان. تۆۋەندىكىسى ئەشۇ كىتاپنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىدىن ئۈزۈندىلەر.
دۇنيادا 6 مىليارت 300 مىليون ئادەم بار بولۇپ، ناۋادا بۇنى كىقىكلىتىلگەن 100 كىشىلىك نوپۇسقا ئىگە بىر مەھەللە دەپ قارىساق، قانداق بولىشى مۇمكىن؟
100 ئادەمنىڭ ئىچىدە:
52 ئادەم ئايال،
48 ئادەم ئەر؛
بالىلارنىڭ سانى 30،
چوڭلارنىڭ سانى 70، بۇنىڭ ئىچىدە ياشانغانلار 7؛
90 ئادەم يات جىنىس بىلەن مۇھاببەتلەشكەن؛
10 ئادەم ئوخشاش جىنىس بىلەن مۇھاببەتلەشكەن؛
70 ئادەم رەڭلىك ئىرىقتىكى كىشىلەر بولۇپ،
30 ئادەم ئاك تەنلىك.
61 ئادەم ئاسىيالىق،
13 ئادەم ئافرىقىلىق،
13 ئادەم شىمالى ۋە جەنۇبى ئامەرىكىلىق،
12 ئادەم ياۋروپالىق،
قالغانلار جەنۇبى تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كىشىلەردۇر؛
33 ئادەم خىرىستيان دىنىغا،
19 ئادەم ئىسلام دىنىغا،
13 ئادەم ھىندى دىنىغا،
6 ئادەم بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ،
5 ئادەم دەرەخ ياكى تاش قاتارلىك تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەممە نەرسىلەردە روھ (ئىلاھ) بولىدۇ دەپ قارايدۇ ۋە شۇنىڭگا ئەتىقاد قىلىدۇ،
24 ئادەم يۇقۇرىقىلاردىن باشقا خىلمۇ-خىل دىنلارغا ئەتىقاد قىلىدۇ ياكى ھىچقانداق دىنغا ئەتىقاد قىلمايدۇ؛
17 ئادەم خەنزۇ تىلىدا،
9 ئادەم ئەڭلىش تىلىدا،
8 ئادەم ھىندى ۋە ئوردۇ تىللىرىدا،
6 ئادەم ئىسپان تىلىدا،
6 ئادەم رۇس تىلىدا،
4 ئادەم ئەرەپ تىلىدا سوزلىشىدىغان بولۇپ،
بۇلار مەھەللە نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى تەشكىل كىلىدۇ،
قالگان يەرىمى بەنگال تىلى، پورتۇگال تىلى، ھىندونەزىيە تىلى، ياپون تىلى، نەمىس تىلى، فرانسۇز تىلى كاتارلىق تىللاردا سوزلىشىدۇ.
خىلمۇ-خىل ئادەملەر توپلانغان بۇ مەھەللىدە ئۆزىڭىز بىلەن ئوخشىمايدىغان ئادەملەرنى چۈشىنىش، قارشى تەرەپنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئەتىراپ قىلىش، بولۇپمۇ ئالدى بىلەن مۇشۇنداق قىلىشنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىمدۇر.
يەنە مۇنداق نۇقتىدىنمۇ ئويلىشىپ بېقىڭ!
مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق 100 ئادەمنىڭ ئىچىدە:
20 ئادەم ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن قىينىلىۋاتقان، بىر ئادەم سەكراتتا ياتقان، 15 ئادەم سەمرىپ تىقىلىپ كەتكەن.
بارلىق بايلىقلارنىڭ ئىچىدە:
6 ئادەم 59% بايلىقنى ئىشلىتىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامەرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ ئادەملىرىدۇر. قالغان
74 ئادەم 39% بايلىقنى،
20 ئادەم بولسا ئاران 2%نى ئىشلىتىۋاتقان بولىدۇ.
بارلىق ئېنېرگىيىلەرنىڭ ئىچىدە:
20 ئادەم ئۇنىڭ 80%نى ئىگىلىۋالغان. قالغان
80 ئادەمگە 20%تى ئايرىپ بەرىلگەن.
75 ئادەمنىڭ زاپاس يىمەك-ئىچمىكى بار بولۇپ، ئاپەتلىك يىللارغىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئەمما قالغان
25 ئادەم ئۇنداق ئەمەس. بولۇپمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى
17 ئادەم پاكىز ۋە بىخەتەر سۇ ئىچەلمەيدۇ.
بانكىدا ئامانەت پۇلى بار بولغان،
ھەميان(پورتمال)ئىدا پۇلى بار بولغان،
ئۆيىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدا پارچە پۇللار چېچىلىپ تۇرىدىغان ئادەم، بۇ مەھەللىدىكى ئەڭ باي دەپ قارالغان 8 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى بىر ئادەمدۇر.
ئەگەر سىزنىڭ شەخسىي ماشىنىڭىز بار بولسا، سىز بۇ مەھەللىدىكى ماشىنىسى بار 7 ئادەمنىڭ ئىچىدىكى بىرىدۇرسىز.
توڭلاتقۇدا يىمەك-ئىچمەكلەرىڭىز بار بولسا
كىيىم ئىشكاپلىرىدا كىيىملىرىڭىز، بېشىڭىزنىڭ ئۈستىدە ئۆگزىڭىز بار بولسا،
يەتىپ ئۇخلايدىغانغا كارۋىتىڭىز بار بولسا، سىز بۇ مەھەللىدىكى ئەشۇنداك نەرسىلىرى يوق 75 ئادەمگە قارىغاندا بەختلىكتۇرسىز.
مەھەللىدە
1 ئادەم ئالى مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە بولۇپ،
2 ئادەمنىڭ ئۆيىدە كومپيۇتېر قويۇقلۇق. لەكىن
14 ئادەم ساۋاتسىز بولغاچقا ئۆز ئىسمىنىمۇ يازالمايدۇ.
ئەگەردە سىز
بوزەك قىلىنىش، قولغا ئېلىنىش، قىيىن-قىستاققا ئۇچراش ۋە ئۆلۈم ھەۋپىگە ئۇچراشتىن خالى ھالدا، ئۆزىڭىزنىڭ ئېتىقادى، ئەركىنلىكى ۋە ۋىجدانىڭىز بىلەن ياشاۋاتقان، بولۇپمۇ بېشىڭىزنى تىك تۇتۇپ دىمەكچى بولغان گەپلىرىڭىزنى دىيەلىۋاتقان بولسىڭىز، مۇشۇنداق ئىمتىيازغا ئىگە بولالمايۋاتقان 48 ئادەمگە قارىگاندا، سىزنى ناھايىتى بەختلىك دىيىشكە بولىدۇ.
ئەگەردە سىز
ئەتىگىنى كۆزىڭىزنى ئېچىپ ئورنىڭىزدىن تۇرغان ۋاقتتا، "خۇداغا شۇكرى سالامەت ئىكەنمەن"، دىيەلىسىڭىز، ھەپتە ئاخىرىغىچە بۇ دۇنيادىن كۆز يۇمۇش ئالدىدا تۇرغانلارغا قارىغاندا بەختلىكتۇرسىز.
ئەگەردە سىز، ھاۋادىن بومباردىمان قىلىنىش، ئوققا تۇتۇلۇش، مىناغا دەسسىۋەلىپ ئۆلۈپ كېتىش، قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمى ياكى تەھدىدىگە ئۇچراش، گۆرۆگە ئېلىنىشلاردىن خالى ھالدا خاتىرجەم ياشاۋاتقان بولسىڭىز، مۇشۇنداق خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىنتىزار بولىۋاتقان 20 ئادەمگە قارىغاندا بەختلىكسىز.
بۇ مەھەللىدە بىر يىل ئىچىدە بىر ئادەم ۋاپات بولىدۇ. لەكىن
بىر يىلدا ئىككى بوۋاق تۇغۇلىدىغان بولغاچقا، كېلەر يىلى بۇ مەھەللىنىڭ نوپۇسى 101 بولىدۇ.
ئەگەر سىز مۇشۇ ھەتلەرنى ئوقۇيالىغان بولسىڭىز،
دەل مۇشۇ دەقىقىدە، سىزنى 2 ھەتتا 3 ھەسسە بەختلىك ئادەم دىيىشكە بولىدۇ.
نىمە ئۈچۈن دىگەندە،
دۇنيانىڭ قايسى بىر جايىدا سىز ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ، سىزگە مۇشۇ خەتلەرنى يوللاۋاتقان بىرەيلەننىڭ بار بولغانلىقىلا ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ ساۋادىڭىزنىڭ، ھەم كومپيۇتېرىڭىزنىڭ بار بولغانلىقى،
تېخىمۇ موھىمى، دەل مۇشۇ دەقىقىدە سىزنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىڭىزدىندۇر.
ياپونچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: پەيزۇللا زەيدۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muhemmet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-20 12:40
|
|