ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر كۆڭلۈمدىكى سۆز ياخشى دادا بولۇشنىڭ شەرتلىرى
كۆرۈش: 137|ئىنكاس: 8
go

ياخشى دادا بولۇشنىڭ شەرتلىرى

Rank: 8Rank: 8

توردا
277سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
271 
تېما
152 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ياخشى دادا بولۇشنىڭ شەرتلىرى


1. دادا بالىغا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلدۈرۈپ،بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى، بالىغا ھەر جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى يىتەكلىشى لازىم.

2. بالا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل جاۋاپ بېرىشى لازىم. بۇ دادىنىڭ بالا قەلبىدىكى ئورنىنى يۇقىرلىتىپلا قالماستىن، بەلكى بالىنىڭ تەپەككۈرىنى بېيىتىدۇ.

3. ئايالى بالىغا تەربىيە بەرگەندە، گەرچە ئۇسۇلى خاتا بولسىمۇ،بالىنىڭ ئالدىدا ئايالىنى تەنقىدلىمەسلىكى لازىم. دادا ئۆزىنى يۇقۇرى ئورۇنغا قويۇپ، ئايالىنى كەمسىتمەسلىكى، ئانىنىڭ بالا قەلبىدىكى ئورنىغا داغ تەككۈزمەسلىكى لازىم.

4. دادا ئۆزىنىڭ ياخشى نەتىجىسى بىلەن بالىلىرىغا ئۈلگە بولىشى لازىم.

5. بالا ئالدىدا خىزمەتداشلىرىنىڭ كەمچىلىكىنى سۆزلىمەسلىكى، خىزمەتتىكى كۆڭۈلسىزلىكتىن كەلگەن ئاچچىقىنى ئائىلىدىن ياكى بالىدىن چىقارماسلىقى لازىم.

6. بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، خاتىرە كۈنلىرىدە سوۋغات ئېلىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى لازىم.

7. بالا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن قەرەللىك ھالدا پارچە پۇل بېرىپ، بالىنىڭ توغرا، مۇستەقىل خەجلەپ بېقىشىغا قويۇپ بېرىشى لازىم.

8. دادا ئائىلىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرگە ئۆگۈنىدىغان ياخشى مۇھىتنى يارىتىشى، ئائىلىدە كىچىك كۇتۇپخانا تەسىس قىلىشى لازىم.

9. بالىنى قىزىقىشىغا يارىشا يېتەكلىشى، ئۆز خاھىشىنى، كۆز قارىشىنى بالىغا تاڭماسلىقى لازىم.

10. بالىنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەرتىپلىك ياشاشقا ئىلھاملاندۇرىشى لازىم.

مەنبە: تەرمىلەر ژورنىلى

توردا
325سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
559 
تېما
29 

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دادا بولغۇچى پول تىپىش بىلەنلا بوپكەتمەي .بالىلارنىڭمۇ ئىلىم ۋە بىلمدە تەربىيلىنىشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. ياخشى تەربىيگە ئىگە بولغان بالا كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بۇلىدۇ.

Rank: 8Rank: 8

توردا
171سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
151 
تېما
23 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى سۆزلەركەن دادا بولغۇچى بۇلۇپمۇ ئوغول بالنىڭ ئۆلگۈسى ئەمەسمۇ ؟
بالا كىچكىدىن باشلاپ دوراشقا ئامراق كىلىدۇ بۇ ئاستا-ئاستا بالىنىڭ خاراكتىرى مىجەزىدىمۇ يىتىلىدۇ.

توردا
20سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
158 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش fatima نىڭ يازمىسى

رەھمەت مەن چۇقۇم ياخشى دادا بۇلمەن

توردا
165سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
305 
تېما

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنىڭىغا ئوغۇللار بەكرەك دىققەت قىلىپ قۇيارسىلەر.... رەخمەت سىزگە ئوغۇللار دادا بۇلۇشىنىڭ تەلەپلىرىنى بىلىۋالدىغان بولدى-دە، ھارمىغايسىز

توردا
20سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
25 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاتا-ئۆزىنىڭ ئىزلىرى بىلەن ئۇلۇقتۇر.

توردا
182سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1290 
تېما
74 

شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىشقىلىپ ھەر قانداق دادا پەرزەنىتلىرىگە كۈيۇندىكەن ...يىقىنلاردىن چۇشەندىم

Rank: 8Rank: 8

توردا
165سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
233 
تېما
143 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭ داداممۇ شۇنداق. ئۇلارنىڭ قىلغىنىنىڭ مىڭدىن بىرىنى قىلالمايمىز.

توردا
3سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
19 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 15 سائەت ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توقاچ بەرسە ئانام تونۇردىن،
ئەرك بەرگەن ئاتام جەڭلەردە.
كۆڭلەك بەرسە ئانام ماتادىن،
بايراق بەرگەن ئاتام زەپەردە!

مەن يىقىلسام ئانام يىغلىدى،
ئاتام سىلكىپ مىندۈردى ئاتقا،
جاپالاردا تاۋلىدى راسا،
خار قىلماي دەپ ياۋلارغا-ياتقا!
ئابدۇرېھىم ئابدۇللا‹‹ئاتىلار››دىن پارچە


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 )

GMT+8, 2010-12-23 21:13

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.