ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار قائىدە = ئادەت

      

كۆرۈش: 58|ئىنكاس: 2
go

قائىدە = ئادەت

توردا
87سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
221 
تېما
131 

شۆھرەت مۇكاپاتى تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

قائىدە = ئادەت

بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان "قائىدە" ئەسلىدە <<تۈزۈم ئىختىساتسۇناسلىقى>>دا كۆپ شلىتىلىدىغان بىر سۆز بولۇپ، دىمەكچى بولغىنى مۇنداق: ئەگەر كىشىلەر مەلۇم بىر تۈزۈمگە ئادەتلىنىپ قالسا، ئاسانلىقچە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشقا ئىنتىلمەيدۇ.

تۆۋەندىكى ھېكايىنى ئوقۇسىڭىز، "قائىدە"نىڭ "ئادەت"كە ئايلىنىشىنى چۈشىنەلەيسىز:

تەتقىقاتچىلار 5 مايمۇننى بىر قەپەزگە سولاپ، قەپەزنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تىزىق باناننى ئېسىپ قويغان. ئاندىن، ئەگەر قايسى بىر مايمۇن بانانغا قول ئۇزارتسا، دەرھال يۇقۇرى بېسىملىق سۇ بىلەن ھەممە مايمۇننى جازالىغان، بۇ ئىش شۇ تەرىقىدە تاكى مايمۇنلارنىڭ ھېچقايسىسى باناننى ئېلىشقا پېتىنالمايدىغان بولغانغا قەدەر داۋاملاشقان. تەجرىبىنىڭ كېيىنكى باسقۇچىدا، 5 مايمۇننىڭ بىرسى قەپەزدىن ئەپكېتىلىپ، ئورنىغا يېڭى بىر مايمۇن ئەپكىرىلگەن. يېڭى مايمۇن قەپەز ئىچىدىكى قائىدىنى بىلمىگەچكە، ئەلۋەتتە ئۆزى ئامراق بولغان مىۋىنى يىيىشكە ئۇرۇنىدۇ. لېكىن بۇ "نادان" مايمۇن باشقا مايمۇنلارنىڭ دۇمبالىشىغا ئۇچراپ، ئاخىرىدا باشقىلارغا ئوخشاشلا بانان يىيىشنى "ئويلىمايدىغان" بولىدۇ. دىمەك، بۇ يەردە كونا مايمۇنلار ئادەمنىڭ ئورنىدا يېڭى مايمۇننى "قائىدە" بويىچە ئىش كۆرۈشكە ئۆگىتىدۇ.

تەجرىبە تېخى ئاخىرلاشمىدى. تەجرىبە قىلغۇچىلار ئوخشاش ئۇسول بىلەن دەسلەپتە يۇقۇرى بېسىملىق سۇنىڭ مەجبۇرلىشىدا قائىدە ئۆگەنگەن مايمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى بىر بىرلەپ ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، گەرچە قەپەزدىكى مايمۇنلارنىڭ ھەممىسىلا يۇقۇرى بېسىملىق سۇنىڭ ئازابىنى كۆرمىگەن يېڭى مايمۇنلار بولسىمۇ، لېكىن "بانان يىيىشكە بولمايدۇ" دىگەن قائىدە ئۇلارغا ئادەت بولۇپ قېپقالغان --- مايمۇنلار ئۆز تەبىئىتىگە خىلاپ ھالدا بانان يىمەسلىككە ئادەتلەنگەن.

تۆۋەندىكى ھېكايە تېخىمۇ قىزىقارلىق:

ئامېرىكىدا تۆمۈريول رېلىسىنىڭ كەڭلىكى 4.85 ئېنگلىز ئىنچى كېلىدۇ.
--- بۇ غەيرى ئۆلچەم قەيەردىن كەلگەن؟
--- ئامېرىكىدىكى تۆمۈريوللارنى دەسلەپتە ئەنگىلىيەلىك ئېنجھىنېرلار لاھىلىگەن، بۇ ئەنگىلىيەنىڭ ئۆلچىمى.
--- ئەنگىلىيە نىمىشقا بۇنداق ئۆلچەمنى ئىشلىتىدۇ؟
--- بۇ يەردە ئىشلىتىلگىنى ئات ھارۋىسىنىڭ ئۆلچىمى، ئەينى ۋاقتتىكى پويىز ياسىغۇچىلار ئات ھارۋا ياساش ئۇستىلىرى.
--- ئۇنداقتا ئات ھارۋىسىنىڭ ئىككى چاقىنىڭ ئارىلىقى نىمىشقا 4.85 ئېنگلىز ئىنچى بولىدۇ؟
--- بۇ ئۆلچەم قەدىمكى رىملىقلارنىڭ جەڭ ھارۋىسىنىڭ كەڭلىكىدىن كەلگەن.
--- جەڭ ھارۋىلىرى شۇ ئۆلچەمنى ئىشلەتكەچكە، باشقا ھارۋىلارمۇ شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولغان. چۈنكى ئەگەر ئۇنداق قىلمىغاندا، ھارۋىلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى تولا مېڭىپ چوڭقۇر ئىز چىقىرىپ بولغان يوللاردا مېڭىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى.
--- يەنە بىر سۇئال، قەدىمكى رىملىقلار بۇنداق غەلىتە ئۆلچەمنى نەدىن تاپقان.
--- ئۇلار ھارۋانى تارقۇچى ئىككى ئات تەڭ ماڭغان چاغدىكى كەڭلىكى، يەنى ئىككى ئاتنىڭ قوڭىنىڭ كەڭلىكىگە ئاساسەن شۇنداق لايىھىلىگەن.
--- ... ...

شۇنداق قىلىپ، ئىككى مىڭ يىل بۇرۇنلا ئىككى ئاتنىڭ قوڭىنىڭ كەڭلىكى زامانىمىزدىكى ئەڭ ئىلغار بولغان "ھارۋا" --- راكىتا قوزغاتقۇچ --- نىڭ كەڭلىكىنى بەلگىلەپ بولغان. چۈنكى راكىتا قوزغاتقۇچ زاۋۇتتا ئىشلىنىپ چىققاندىن كېيىن پويىز ئارقىلىق راكىتا قويۇپ بېرىش ئورنىغا ئېپبېرىلىدىغان بولغاچقا، زاۋۇت تەرپمۇ راكىتا قوزغاتقۇچنى تېخىمۇ ھەيۋەتلىك قىلىپ ئىشلەشكە ئامالسىز قالغان.




توردا
12سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
15 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق قىلىپ ئاتا بوۋىلىرمىزدىن قالغان ئادەت دەپ بەزى خاتا لىقلارنىمۇ قارىغۇلارچە قوبول قىلىۋالمىز

توردا
61سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
599 
تېما

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ismayiljan998 يوللانغان ۋاقتى 2010-12-20 18:01
شۇنداق قىلىپ ئاتا بوۋىلىرمىزدىن قالغان ئادەت دەپ بەزى ...

بۇ سىزنىڭ چۈشىنىشىڭىزگە باغلىق بەلكىم بىز بەزىلىرىنىڭ پايدىسنى ھىس قىلىپ يىتەلمىگەندىمىز ياكى بولمىسا بەزىلىرى بىزنىڭ تۇرمشىمىزغا ماس كەلمەيدىغاندۇ ، بۇنىڭلىق بىلەن بىز ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ئادەتلەردىن بىزارلىق ھىس قىلساق بولمايدۇ دەپ قارايمەن . مەن بۇنى پەقەت سىزگە ئەمەس بەلكى سىزگە ئوخشاش ئويلايدىغانلارنىڭ ئويلىنىپ بىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 )

GMT+8, 2010-12-23 21:14

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.