ئالىم ئەھەت، ئەر، ئۇيغۇر، 1973-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ شايار ناھىيسىدە تۇغۇلغان. 1995-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكولتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. «قوللىنىشچان ماتېماتىكا» كەسپىدە ئاسپرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 2009-يىلى «كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى» ماگىستېرلىق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن.
ئۇ ھازىر مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى
IT ياشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسى ياش پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. 2009-يىللىق جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر ياش.
شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ بۈگۈنكى سۆھبەت پروگراممىسىدا ئالىم ئەھەت بىلەن«تور بېخەتەرلىكى»دېگەن تېمىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلگەن، ھەممىڭلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا menggutax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-20 14:56
|