ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › ئۇيغۇر ئىجادىيەتچىلەر › تەتقىقاتچى ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەققىدە...
كۆرۈش: 197|ئىنكاس: 5
go

تەتقىقاتچى ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەققىدە...

Rank: 8Rank: 8

توردا
277سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
2 
يازما
271 
تېما
152 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

مائارىپ تەتقىقاتچى ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەققىدە...





ئابدۇقادىر جالالىدىن 1964-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1982-يىلى 9-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇغان. 1986-يىلى 7-ئايدىن 1988-يىلى 9-ئايغىچە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1988-يىلى 10-ئايدىن 1990-يىلى 7-ئايغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى ئىلمىي تەتقىقات ئورنىدا ئىلمىي ژۇرنال مۇھەررىرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان. 1990-يىلى 8-ئايدىن ھازىرغىچە شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىدۇ. 1993-يىلى 1-ئايدا لېكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1998-يىلى 11-ئايدا مۇئاۋىن پىروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
-2004يىلى 11-ئايدا پروففىسورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ پەننىي ساھەدىكى باشلامچىسى بولۇپ باھالانغان. 2009-يىلى 11-ئايدا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىتىغا يۆتكىلىپ كىلىپ، ئاسپىرانت يىتەكچىسى بولغان.

مۇكاپاتلىنىش ئەھۋالى

-1998يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر» يازغۇچى دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن. 1998-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن «ئىلغار شەخس» بولۇپ باھالانغان. 1999-يىلى خەنزۇ ئەدەبىياتى فاكۇلتىتىدىكى ئىلمىي ماقالە باھالاشتا 1-دەرىجىگە ئېرىشكەن. 2000-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.2000-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ «ئۈچ مائارىپ» خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى مائارىپ ئىنىستىتۇتىدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2001-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالانغان. 2002-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۈتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك ناخشا توپلاش پائالىيىتىدە يازغان تېكىستى 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2003-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇتۇش نەتىجە مۇكاپاتىنىڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2004-يىلى شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2005-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالانغان. 2006-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان.

ئەسەرلىرى

-2010يىلى 10-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى توپلىمى» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى؛ 2005-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئۆزىنى ئىزدەش بۇسۇغىسىدا ناملىق ماقالىلەر توپلىمى»، 1995-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «ئەقىل - پاراسەت مىۋىسى ۋە شەيتان» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى، 1993-يىلى شىنجاڭ ياش - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «سوقۇۋاتقان يۈرەك» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2001-يىلى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان «بوشلۇق» ناملىق شېئىرلار توپلىمى قاتارلىقلار بار.

مەنبە: خەلق تورى
قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
20سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
1 
يازما
25 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن ھەقىقەتەن بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىدۇر، مەن مۇشۇنداق بىر كىشنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن باش كۆتۈرۈپ، بىزنى دۇنياغا تونۇتقانلىقى ئۈچۈن چەكسىز تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.

توردا
107سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
21 
يازما
529 
تېما
20 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن ئابدۇقادىر جالالىدىنىنىڭ ( سوقۇۋاتقان يۈرەك ) نامىلىق كىتابىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيتۇم... ئۆمىرى ئۇزۇن بولغاي

توردا
165سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
3 
يازما
305 
تېما
9 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ بۇ ئاكاشىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇشىنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن اللاھ ئۆمۈرىنى ئۇزۇن قىلىغاي بۇئاكاشىنىڭ

توردا
2سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
9 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇنداق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بولۇشى بىزدەك كىيىنكىلەرگە زور ئىلھام بولغۇسى.

توردا
3سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
19 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئايگۈل تورداش،سالام سىزگە!تىلىمىزدا‹‹ئاكاش،داداش،ئاچاش...››دېگەندەك سۆزلەر بۇرۇن يوق ئىدى. بوپتۇ،تىلىمىز ‹‹تەرەققى قىلدى››مۇ
دەيلى،تورغا ئىنكاس يازغۇدەك چوڭ بىر ئادەمنىڭ 2--3 ياشلىق بالىدەك ئەكىلەپ تەلەپپۇز قىلىش ئادىتىنى قەلەمگە ئېلىپ ئولتۇرۇشى ئەمەلىيەتتە تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەتسىزلىكمۇ--قانداق؟ئايگۈل تىلشۇناسلار بىلەن مۇشۇ ھەقتە بىر پىكىرلىشىپ باققان بولسىڭىز،بىزمۇ كۆز قارىشىمىزدىكى بۇ مۇجىمەللىكنى ئوڭشىۋالساق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 )

GMT+8, 2010-12-23 21:14

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.