ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تەرجىمە ئەسەرلەر، فىليەتون دىرېكتورنىڭ قايغۇسى...
كۆرۈش: 208|ئىنكاس: 7
go

دىرېكتورنىڭ قايغۇسى...

Rank: 8Rank: 8

توردا
263سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
235 
تېما
125 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

دىرېكتورنىڭ قايغۇسى



(فېليەتون)



ئاپتورى: شاۋ خويەن



زاۋۇتىمىز دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، «ئاتاق -ئىناۋەت» ئىسلاھاتىنى يۈرگۈزدى. بۇ مۇناسىۋەتتە مەنمۇ بىر بۆلۈمنىڭ دىرېكتورى بولدۇم.
شۇ كۈنى ئىسىم كارتام باستۇرۇلدى، كارتىدا «شاۋ خۇيەن - دىرېكتور» دېگەن نام - ئەمىلىم جۇلالىنىپ تۇراتتى، يان تېلېفون نومۇرۇممۇ يېزىقلىق ئىدى. ئاتا - ئانامغا تېلېفون بېرىپ، ئۇلارنىڭ مېنى كەنتىمىزدىن چىققان ئىستىقباللىق دىرېكتور ئىكەنلىكىمنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆتۈندۈم.
دىرېكتور بولغاندىن كېيىن يۇرتقا بېرىپ ئۆزۈمنى كۆرسىتىشىم كېرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ، قارا تاكسىغا ئولتۇرۇپلا يۇرتقا ماڭدىم، بۇ كۈنى ھاۋامۇ ئوچۇق ئىدى. پىكاپتىن چۈشىدىغان چاغدا ئالايىتەن تاقىۋالغان قىزىل رەڭلىك گالىستۇكۇمنى ئوڭشاپ قويدۇم. ياپىر، يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى مېنى قارشى ئالغىلى كەنت دوقمۇشىدا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. كەنت باشلىقى كۈلۈمسىرىگىنىچە ئالدىمغا كېلىپ:
- يۇرتىمىزدىن چىققان دىرېكتورنى قىزغىن قارشى ئالىمىز،- دېدى قولۇمنى چىڭ سىقىپ. يۇرتداشلار چاۋاك چېلىشىپ مەن بىلەن قىزغىن كۆرۈشتى. مەنمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، نام - ئەمەل كارتامنى تارقاتتىم. يۇرتداشلار كارتىنى خۇددى ئەڭگۈشتەرگە ئېرىشكەندەك شادلىقتا يانچۇقلىرىغا سېلىشتى.
بۇ قېتىم يۇرتقا بېرىپ كاتتا ئابرۇيغا ئېرىشتىم، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر نەچچە كۈنگىچە مەستخۇشلۇقتا يۈردۈم. يۇرتداشلار ماڭا تېلېفون بەرگەندىن كېيىنلا كىملىكىمنى ھېس قىلدىم.
جاڭ بوۋاي تېلېفون بېرىپ، ھەمرايىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى، مەندىن تونۇش دوختۇر تېپىپ بېرىشنى ئۆتۈندى. ليۇ ئېر تاغام تاۋۇزلىرىنى ساتالمىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنى ئىشچى - خىزمەتچىلىرىمگە تارقىتىپ بېرىپ، ياردەم قىلىشىمنى ئۆتۈندى. جاۋ تاغام ئوغلىنىڭ شەھەردىكى نۇقتىلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ نەچچە نومۇرى كەملەپ قالغانلىقىنى، مەكتەپ مۇدىرىنى تېپىپ ئارقا ئىشىك قىلىپ بېرىشىمنى ئۆتۈندى. ۋاڭ سەن يەڭگە قىزىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمايۋاتقانلىقىنى، شۇڭا شىركىتىمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشۇمنى ئۆتۈندى...
بۇ تېلېفونلارنىڭ ئاخىرىدىكى «سىز شەھەردىكى چوڭ دىرېكتور ، بۇ سىز ئۈچۈن قانچىلىك ئىشتى» دېگەن جۈملە ئوخشاش ئىدى.
بېشىم قاتتى، ئەھۋالىم ئۆزۈمگە ئايان ئىدى. تېلېفونلاردىكى ئۆتۈنۈشلەرنى رەت قىلىۋېتەلمەي، مۈجمەل گەپلەر بىلەن ئارقىغا سۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. مەن ئۈچۈن بىر كۈن ئۆتسە شۇ غەنىيمەت ئىدى.

بىر كۈنى ئىشلەۋاتاتتىم، سىرتتا:
- دىرېكتورۇڭلار قەيەردە؟ – دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى.
- قايسى دىرېكتورنى دەيسىز؟
- قانچە دىرېكتورۇڭلار بار؟
- بۇ پۇرچاق ئۇيۇتمىسى پىششىقلاش شىركىتى. شىركەتتە سېرىق پۇرچاق بۆلۈمى، پۇرچاق سۈتى بۆلۈمى، سۇ بىلەن تەمىنلەش بۆلۈمى، يەنە پۇرچاق تىرىپى بۆلۈمى بار. ھەممىمىز دىرېكتور.
- ئۇنداقتا شاۋ خۇيەن دىرېكتور قايسى بۆلۈمدە؟
- ئۇدۇل ماڭسىڭىز ئىككىنچى ئىشىك، سۇ بىلەن تەمىنلەش بۆلۈمىدە. ئۇ ئېھتىمال ھازىر سۇ توشۇۋاتقاندۇ.
مېنى سۈرۈشتۈرگەن كەنت باشلىقىمىز ئىدى. ئۆزۈمنى چەتكە ئالاي دېگۈچە ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ ئۈلگۈردى. بەدىنىم چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈلگەنىدى.

- كەنت باشلىقى، مېنى نېمە ئىش بىلەن ئىزدىگەن؟... - دېدىم ئوڭايسىزلانغان ھالدا.
- كەنتتىكىلەر يېڭى يول ياساشنى ئويلاشقان، ئەسلىدە سېنى ئازراق مەبلەغ ياردەم قىلارمىكىن دەپ ئويلىغان، ھەي... بولدىلا، سېنى ئاۋارە قىلماي، – دېدى كەنت باشلىقى دىمىقىنى قېقىپ.
- مەن... مەن... - دېدىم تىلىمنى چايناپ.
- بولىدۇ، سۈيۈڭنى توشۇۋەرگىن، مەن قايتاي، - كەنت باشلىقى ماڭا مەنىلىك قاراپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.

(قاھار زەيدىن تەرجىمىسى)
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

توردا
88سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
422 
تېما
13 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تۇرمۇشىدىن كىم رازى بۇلۇپ باققان بىزنىڭ مۇشۇنداقلىقىمىزدىن كۆز ئالدىمىزدىكى بەخىتىنى بىلمەي يۈرىيمىز ياخشى تىمىكەن

توردا
32سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
256 
تېما
47 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھاھاھاھا پۇچى دىرىكتۇر سۇ تۇشۇيدىغان دىرىكتۇر ھاھاھاھاھاھاھاھاھا

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
141 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش xax55 نىڭ يازمىسى

.gif

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
141 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
abdusali يوللانغان ۋاقتى 2010-12-7 01:04
ئىنكاس قايتۇرۇش xax55 نىڭ يازمىسى

.gif

قانداق دىرىكتۇر ئۇ

توردا
128سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
225 
تېما
52 

تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇزىنى شۇنچىلىك چۆڭ كۆرسەتكەن دىرىكتۇرنىڭ ھالى شۇنچىلىككەندە .سۇ تۇشۇشنىڭ دىرىكتۇرى .ياخشى يوللاپسىز .ياخشى تىمىكەن يەنە بولسا يوللاپ تۇرۇڭ.

توردا
157سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
260 
تېما

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پو ئاتقانغا باج ئالمايدۇ-دە ، قايغۇرماڭ دىرىكتۇر ھى ھى ھى

توردا
22سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
20 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يالغانچىلىق ھامان ئاشكارلىندۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 )

GMT+8, 2010-12-10 15:36

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.