- ئاخىرقى قېتىم
- 2010-12-10
- تىزىملاش
- 2010-11-15
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 32سائەت
- جۇغلانما
- 1093
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 256
- تېما
- 47
- توردا
- 32سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 9
- يازما
- 256
- تېما
- 47
|
1. ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغانلاردىن رەنجىپ كەتمە، ھاياتتا ھېچكىمنىڭ ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىش مەجبۇرىيىتى يوق. ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغان كىشىلەرگە مىننەتدارلىقىڭنى بىلدۈرگىن، ئۇلارنى قەدىرلە ھەم ئېھتىيات قىل. چۈنكى، ئادەم قىلغان ھەر قانداق ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ. ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلارنىڭ ھەممىسى سېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ كېتىشى ناتايىن، قارشى تەرەپكە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمە.
2. ئايرىلىپ قالسا قەتئىي بولمايدىغان ئادەم، ئېرىشمىسە قەتئىي بولمايدىغان نەرسە بولمايدۇ. بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يەتسەڭ، كەلگۈسىدە ئەڭ يېقىن ئادەملىرىڭ سېنى تاشلاپ كەتكەندە ياكى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىڭدىن ئايرىلغاندا ئانچە قايغۇرۇپ كەتمەيسەن.
3. ھاياتلىق ناھايىتى قىسقا بولىدۇ، بۈگۈننى بىھۇدە ئۆتكۈزىۋەتسەڭ، ئەتىلا ھاياتلىقنىڭ سەندىن يىراقلاشقانلىقىنى ھېس قىلىسەن. شۇڭا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى تىلەپ ئولتۇرماي، ھازىردىن باشلاپ ھاياتنى قەدىرلە، ھەر بىر كۈنىڭدىن بەھرى ئال.
4. گەرچە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلارنىڭ ئىچىدە كۆپ تەربىيە كۆرمىگەنلەرمۇ بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەربىيە كۆرمىسىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. سەن ئۆگەنگەن بىلىم، خۇددى سېنىڭ قورالىڭغا ئوخشايدۇ. ئادەمدە قورال بولمىسا ھېچقانداق ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ.
5. مەن قېرىغاندا سېنىڭ بېقىشىڭنى تەلەپ قىلمايمەن، ئوخشاشلا، سېنى قاتارغا قوشۇپ بولغاندىن كېيىن مېنىڭ مەجبۇرىيىتىممۇ ئادا بولغان بولىدۇ. شۇڭا، سەن كېيىنكى ئۆمرىڭدە ماڭا تايىنىۋالماي، مۇستەقىل ياشىشىڭ كېرەك. قانداق ياشاش ئۆزۈڭگە باغلىق.
6 . سەن چوقۇم لەۋزىدە تۇرىدىغان ئادەم بولغىن، ئەمما باشقىلارغا ۋەدەڭگە ۋاپا قىل، دەپ تەلەپ قىلما. ئۆزۈڭ باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىل، باشقىلاردىن ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلما. سەن باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغىنىڭدا باشقىلار ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا، ئازابلىنىپ كەتمە، چۈنكى ئادەم بىلەن ئادەم ئوخشىمايدۇ.
7. مەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان لاتارىيە بېلىتى ئېلىۋاتىمەن، ئەمما بىرەر قېتىممۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ باقمىدىم. بۇ دەل باي بولۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەش لازىملىقىنى، «ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ئولتۇرسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
8. قېرىنداشلىق - ئادەمگە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ، شۇڭا قېرىنداشلىق مېھرىنى قەدىرلەش كېرەك.
شىنجاڭ پەن - تېخنىكا گېزىتى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-6 19:16
|
|