- ئاخىرقى قېتىم
 - 2010-12-8 
 - تىزىملاش
 - 2010-10-18 
 - ھوقۇق
 - 1 
 - توردا
 - 25سائەت 
 - جۇغلانما
 - 404 
 - نادىر تېما
 - 0 
 - يازما
 - 87 
 - تېما
 - 16 
  
 
 
 
- توردا
 - 25سائەت 
 - نادىر تېما
 - 0 
 - دوست
 - 3 
 - يازما
 - 87 
 - تېما
 - 16 
 
  
 
 
 
 | 
  
 
رېمىت  
 
خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە فىرانسىيە ، بىلگىيە ، دانىيە ، گوللاندىيە ، ئىسپانىيە ، شىۋېتسىيە ، شىۋىتسارىيەدىن ئىبارەت 7 دۆلەت ئەزا ئىدى . 2010–يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان جەنۇبىي ئافرىقا ، بۇنىڭدىن 100يىل ئىلگىرى ، يەنى 1910–يىلى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىگە قاتناشقان بولۇپ ، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى ياۋروپا قىتئەسى سىرتىدىكى ئەزاسى ئىدى . خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ھەقىقىي تۈردە زورىيىشىنى سۆزلىگىنىمىزدە بىر ئادەمنى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز ، ئۇ بولسىمۇ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاتىسى— جۇلېس رىمېت (Jules Rimet) . فىرانسىيەلىك بۇ كىشى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ بۈيۈك ‹‹ رىمېت دەۋرى ››نى بەرپا قىلغان . 
 
رېمىت لوڭقىسى  
 
 
 
ھازىرقى دۇنيا لوڭقىسى كۈچ -قۇۋەت ئىلاھى لوڭقىسى  
 
 1921–يىلى 3–ئاينىڭ 1–كۈنى ، 48 ياشلىق رىمېت خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى . ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ئىككى مۇھىم ئىش قىلغان بولۇپ ، بىرى ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ كۆلىمىنى زورايتقان ، 1954–يىلى ۋەزىپىسىدىن بوشانغاندا ، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سانى ئەسلىدىكى 12 دىن 84كە يەتكەن . بولۇپمۇ ، 1946–يىلى بۈيۈك برىتانىيە ۋە شىمالىي ئېرلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىدىن ئەنگىلىيە ، شوتلاندىيە ، ۋېلش ، شىمالىي ئېرلاندىيەدىن ئىبارەت تۆت ئەزانى قوبۇل قىلدى ، بۇ ھازىرقى زامان پۇتبول ھەرىكىتى بارلىققا كەلگەن جاي بولۇپ ، دۇنيادىكى بىردىن بىر تۆت پۇتبول جەمئىيىتى خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان دۆلەتلەر . بۇ تۆت پۇتبول جەمئىيىتى ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئۆز ئالدىغا كوماندا چىقىرىپ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغان . يەنە بىرى ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى رىمېت بارلىققا كەلتۈرگەن ، تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقسى 1930–يىلى 7–ئاينىڭ 18–كۈنى ئۇراگۋايدا باشلانغان بولۇپ ، پۇتبول ھەركىتىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى . شۇ سەۋەپتىن رىمېت ‹‹ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئاتىسى ›› دېگەن نامغا ئېرىشكەن ، شۇنداقلا ، دەسلەپكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ نامى رىمېتنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان . 1970–يىلى بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا ئۈچنىچى قېتىم چېمپىيون بولۇپ ، ‹‹ رىمېت لوڭقىسى ›› نىڭ مەڭگۈلۈك ئىگىسى بولۇپ قالغان . ئۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ‹‹ كۈچ- قۇۋۋەت ئىلاھى ›› ناملىق دۇنيا لوڭقىسنى ياسىغان . 
 
مەنبە:ھۇررا تورى                       
                                                          پەخىردىن 
 |   
 
  
 |