ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 130|ئىنكاس: 4
go

ساراڭ

توردا
32سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
256 
تېما
47 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بازىرىمىز ناھىيە ئىچىگە جايلاشقان بۇلۇپ تەۋەلىكىمىزىدە بىر ساراڭ بار ، ئۇ مەن ئەقلىمىگە كەلسەم بار ئىدى ، دائىم كۇچىلاردا غەمىكىن يۇرەتتى بىر ەر ئادەمگمىۇ گەپ سۇز قىلمايتى باشقلار پۇل بەرسە ئالاتتى ،ئاش بەرسە يەيىتى لىكىن رەخمەت دىيىشنى بىلىمەيتى چۇنىكى ئۇ ساراڭ دە .قىزىق يىرى شۇ كى ئۇ ئايال بۇلۇپ كىيىم كىچەكىنى شۇنداق ياراشتۇرۇپ كىيەتتى ئۇنىڭ يا باللىرى يۇق ياكى ئۇرۇق تۇققانلىرى يۇق ،ئۇيلاپ قالاتتىم بۇ ئايال بۇ كىيىم كىچەكلەرنى ئۇ نەدىنمۇ تاپىدىغاندۇ دەپ . ئۇ كىيۋالغان كىيملەر قىممەت پۇللۇق بۇلمىسمۇ لىكىن يارىشىملىق كىيملەرنى تىپىپ كىيەتتى ، بىز بەزىدە ئىشخاندىكلەر بۇ ئايال تۇغىرسىدا قىزىق -قىزىق مۇلاھىزىلەرنى قىلشاتتۇق ، بىرسى بۇ ئايالنىڭ ئاتا- ئانىسىدىن قالغان ئالتۇن كۇمۇشى باركەن دىسە يەنە بىرسى ۋۇي ئۇ ئايال دىگە بۇرۇن پۇلنى كۇپ تاپقان ئايالكەن بانكىدا نۇرغۇن پۇلى بارمىش ، دەپ ھەرخىل پىكىرىلەرنى قىلشاتتۇق ، مەيلى قانداقلا بۇلمىسۇن ئۇ ئايال كىشلەرنىڭ نەزىردە ساراڭ ئاتىلاتتى .
بىر كۇنى ئۇ ئايال كۇچىدا بىر قىزىق ئىشنى قىلغىنى كۇزۇم بىلەن كۇردۇم ، بۇ مۇنداق يۇز بەردى كۇچا ئارىلاپ كىتىۋاتسام بىر دھقاننىڭ 7ياشلار ئۇپچۇرىسدىكى بىر قىزى بىر دۇكاندى بىر ئۇيۇنچۇقنى ئىلىپ بىرسەن دەپ يىغلاپ پەقەت ماڭغىلى ئۇنىمىدى ،بىچارە دھىقان بۇۋاي بالام كىيىن ئىلىپ بىرەي ھازىر كىراغا چۇشلۇق پۇل قالدى دەپ يالۋۇراتتى ، بۇ بالا بەلكىم ئۇ بۇۋاينىڭ نەۋىرىسى بۇلسا كىرەك يەردە ئۇلتۇرۋىلىپ قۇپقىلى ئۇنىمايۋاتاتتى ، ساراڭ ئايال ئۇدۇل ئۇ قىزنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن كۇلۇپ تۇرۇپ تۇر بالام بۇۋاڭ پۇل بەرمىسە مەن ئىلىپ بىرىمەن نىمە ئالسەن دەپ بالنى ئۇرۇندىن تۇرغۇزىدى دە قۇلىدىن يۇتلەپ دۇكانغا ئىلىپ كىرىدى ، بۇۋاي بىر ئىزىدا نىمە قىلارنى بىلمەي تۇراتتى ، بالا كىچىك بۇلغاچىقمۇ يا يىتىرقاش يۇق يا تارتىنىش يۇق ، مۇما مۇنۇ قۇنچاقنى ئالاتتىم بۇۋام پۇل يۇق دەپ ئىلىپ بەرمىدى ، دىدى ، ساراڭ ئايال دۇكاندارىغا 20يۇئەنلىك پۇلدىن بىرنى بىرىپ قىزنىڭ قۇلىغا قۇنچاقنى تۇتقۇزىدى ، ئۇنڭىغىچە دۇكاندار ئاشقان پۇلنى ساراڭ ئايالغا بەرىدى ، ئۇ پۇلنى قۇلغا ئالدى دە ئۇن تۇنىسىز سىرتقا چىقىپ قاراپ ماڭىدى . بۇ ئشىلارنى كۇرۇپ ھەيىران قالدىم ، ساراڭ دىسە ئۇڭدەك ئۇڭ دىسە ساراڭدەك ، ھىلىقى بۇۋاي بىر ئىزىدا قاراپ تۇراتتى نەۋىرىسى بۇلسا كۇزىلىرىدكى ياش يۇقلىرنى سۇرتۇپ بۇۋا ماڭساڭچۇ كىتەيلى دەپ دادسىنى ئىسىگە كەلتۇرىدى ، بۇۋاي ھە بالام يۇرە دەپ يۇلىغا راۋان بۇلدى ، مەن بۇ ئايالغا شۇندىن كىيىن بىر خىل گۇمانى نەزەر بىلەن قارايىدىغان بۇلدۇم ،بۇ ئايالنىڭ ساڭ ئىكەنلىگگە پەقەتمۇ ئىشەنىمىدىم . ھەرقىتىم كۇچىلارىدا بۇ ساراڭ ئايالنى كۇرسەم قاراپ تۇرۇپ قالاتتىم . بۇ ئايال زادى ساراڭمىدۇ ياكى جاھان سارىڭىمىدۇ؟

توردا
17سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
141 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش xax55 نىڭ يازمىسى

قارغاندا ساراڭ ئەمەس.بەلكى ئادملەردىن كۆڭىلى قاتتىق رەنجىگەن

توردا
128سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
225 
تېما
52 

تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك قاملىشىپتۇ يەنە يوللاپ تۇرۇڭ رەھمەت سىزگە..............

توردا
27سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
112 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ ئايال بۇرۇن چۇقۇم ساراڭ ئەمەس بۇكىشى مۇمكىن بۇئايال تۇرمۇشتىن قاتتىق ئازار يىگەن بۇلىشى ياكى بىرەر يىقىن ئادىمىدىن ئايرىلىپ قىلىپ شۇڭا نىرۋىسى ئاجىزلاپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن.

توردا
170سائەت 
نادىر تېما
دوست
31 
يازما
563 
تېما
35 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 21:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭچىمۇ ساراڭ ئەمەس...........قارىغاندا بىر ئىش تۇپەيلى قاتتىق ئازار يىگەن بۇلۇشى مۇمكىن............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 )

GMT+8, 2010-12-10 15:36

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.