ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر يۇمۇر چاقچاقلار بىر يۈرۈش خەلقئارا خەۋەرلەر...
كۆرۈش: 118|ئىنكاس: 3
go

بىر يۈرۈش خەلقئارا خەۋەرلەر...

توردا
235سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
438 
تېما
80 

ئاكتىپ ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىران يادرو مەسىلىسى سۆھبىتى بۈگۈن قايتا باشلىنىدۇ

 ئىران ۋە ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىر يىلدىن ئارتۇق ئۈزۈلۈپ قالغان ئىران يادرو مەسىلىسى سۆھبىتى 6-دېكابىردىن 7-دېكابىرغىچە شىۋېيتسارىيەدىكى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە قانداق نەتىجە كېلىپ چىقىدىغانلىقى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ يېقىندا مۇنداق دېدى: ئىران يادرو مەسىلىسىنى دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشتا ھازىر يېڭى پۇرسەت تۇغۇلدى. جۇڭگو تەرەپ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بىرلىكتە تىرىشىپ، بۇ سۆھبەتتە ئاكتىپ ئۈنۈم يارىتىشىنى، ئىران يادرو مەسىلىسىنى سۆھبەتلىشىش يولىغا قايتۇرۇپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىملىق سۆھبەتكە ئىجابىي قىياپەتتە قاتنىشىدۇ. (مۇخبىر موۋ زۇڭسۇڭ، گۇ يۈچىڭ)


  مەنبە: خەلق تورى

ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى: «بازا» تەشكىلاتىنى 30 يىلغىچە مەغلۇپ قىلغىلى بولمايدۇ

ئەنگلىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە ئىشتاب باشلىقى داۋىد رېچارد 14 – نويابىر: غەرب دۆلەتلىرى «بازا» تەشكىلاتى قاتارلىق رادىكال گۇرۇھلارنى ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇپ قىلالمايدۇ، ئۇلارنى پەقەت «تىزگىنلىيەلەيدۇ»، دېدى.

  دۆلەت مۇداپىئە ئىشتاب باشلىقى دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ياردەمچىسى. 10 – ئايدا ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىشتاب باشلىقى بولغان رېچارد ئەنگلىيە ‹‹يەكشەنبىلىك كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى›› گېزىتى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: كەلگۈسى 30 يىلدا ‹‹بازا›› تەشكىلاتى قاتارلىق رادىكال گۇرۇھلار ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ گۇرۇھلارنى مەغلۇپ قىلىشنىڭ ‹‹ھەم زۆرۈرىيىتى يوق، ھەم مۇمكىن ئەمەس››، پەقەت ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ‹‹تىزگىنلىگىلى›› بولىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئەنگلىيەلىكلەر خاتىرجەم ياشىيالايدۇ، دېدى.

  ئىلگىرى ئەنگلىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى بولغان رېچارد مۇنداق دېدى: ‹‹بازا››تەشكىلاتى قاتارلىق رادىكال گۇرۇھلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى ‹‹سۇ كەلگۈچە توغان سېلىش››. ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراق ۋە ئافغانىستانغا ئوخشاش ھەربىي ئىشلاردا باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە ئارىلىشىش مۇددىئاسى يوق، لېكىن ئەنگلىيە ئارمىيەسى كەلگۈسىدە ئارىلىشىشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن.

  ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: رېچاردنىڭ بۇ سۆزى ئامېرىكا، ئەنگلىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش لاگېرىدىكىلەرنىڭ «يېڭى رېئالىزم» ئىدىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، ئەگەر بۇ سۆز بەش يىل ئىلگىرى دېيىلگەن بولسا، سەۋر قىلغىلى بولمايدىغان «مەغلۇبىيەتچىلىك سەپسەتىسى» دەپ قارالغان بولاتتى.


  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى


چاۋشيەن كورېيەنى قاراملىق بىلەن ھەرىكەت قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى


خەلق گېزىتىنىڭ 5-دېكابىر پيۇڭياڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى 5-چېسلا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، كورېيەنى ھەربىي ئېغۋاگەرچىلىك قىلمىشىنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى ئويلاپ، قاراملىق بىلەن ھەرىكەت قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

  خەۋەردە مۇنۇلار دېيىلدى، يەنپىڭ ئارىلىدىكى توپقا تۇتۇشۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، كورېيە داۋاملىق ئامېرىكا بىلەن بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈدىغانلىقى ھەمدە كورېيەنىڭ شەرق، غەرب ۋە جەنۇبىي دېڭىز تەۋەلىكىدىكى 29 رايوندا توپقا تۇتۇش مەشىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئىچىدە چاۋشيەنگە يېقىن «غەربىي دېڭىزدىكى بەش ئارال»نىڭ بىرى بولغان داچىڭ ئارىلىنىڭمۇ بارلىقىنى جاكارلىدى.

  خەۋەردە، كورېيەنىڭ بۇ قىلمىشى ھەربىي ئىشلار ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ زېتىغا تېگىش، ئۇندىن كېيىن بۇنى باھانە قىلىپ ئۆچ ئېلىپ، ئۇرۇش قوزغاشنى مەقسەت قىلغان. كورېيەنىڭ بۇ خىل خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىۋاتقان ئېغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى «تىزگىنلەش تەس بولغان ئېغىر ھالەت»كە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئەھۋالنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھالىتىنى «تەسەۋۋۇر قىلىش تەس» دېيىلدى. (جۇۋ جىرەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى)


  مەنبە: خەلق تورى
ئېلىنغان مەنبە؛خەلىق تورى

توردا
25سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
87 
تېما
16 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت ! ياخشى خەۋەركەن.

توردا
25سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
87 
تېما
16 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت ! ياخشى خەۋەركەن.

Rank: 8Rank: 8

توردا
340سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1139 
تېما
25 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇنبىرمىزدە بىر مۇخپىر كەمتى زادى،،،رەھمەت دوستۇم جاپا چىكىپسىز بولسا دائىم دۇنيادىكى ئىشلاردىن خەۋەردار قىلىپ تۇرغان بولدىڭىز،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 )

GMT+8, 2010-12-10 15:30

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.