مەن سىزگە ھاياتلىق بېرەلەيمەن، لېكىن تۇرمۇشنى ئاتا قىلالمايمەن. مەن سىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگىتەلەيمەن، بىراق سىزنى ئۈگىنىشكە مەجبۇر قىلالمايمەن. مەن سىزنىڭ قانداق ئادەم بولۇشىڭىزغا يېتەكچىلىك قىلالايمەن، ئەمما سىزنىڭ ھەممە ھەركەتلىرىڭىزگە مەسئۇل بولالمايمەن. مەن سىزگە توغرا بىلەن خاتانى قانداق پەرىقلەندۈرۈشنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، لېكىن سىزگە ۋاكالىتەن تاللاش ئېلىپ بارالمايمەن. مەن سىزگە قويۇق سۆيگۈ ئاتا قىلالايمەن، لېكىن سىزنى شۇ پېتى ئادەم بولۇشقا كۆندۈرەلمەيمەن. مەن سىزنى دوستلىرىڭىز بىلەن جاپا-ھالاۋەتتە بىرگە بولۇشنى ئۈگىتىمەن، بىراق پۈتۈنلەي شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىيالمايمەن. مەن سىزگە كىشىلەرنى قانداق ھۆرمەت قىلىشنى ئۈگىتىمەن، لېكىن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلالمايمەن. مەن سىزگە ھەقېقى دوستلۇقنىڭ نېمىلىگىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، لېكىن سىزگە دوست تاللىشىپ بېرەلمەيمەن. مەن سىزگە جىنسىي تەربىيە بېرەلىسەممۇ، لېكىن پاكلىقىڭىزنى ساقلىشىڭىزغا ھۆددە قىلالمايمەن. مەن سىزگە كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھەقېقىتىنى سۆزلەپ بېرىمەن، لېكىن سىزگە نام-شۆھرەت ئاتا قىلالمايمەن. مەن سىزگە ئىسپىرىتنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويالايمەن، لېكىن سىزگە ۋاكالىتەن ئۇنى رەت قىلالىشىم مۈمكىن ئەمەس. مەن سىزگە زەھەرنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىگىنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويالايمەن، ئەمما ئۇنىڭدىن يېراق تۇرۇشىڭىزغا ھۆددە قىلالمايمەن. مەن سىزگە كىشىلىك تۇرمۇشتا يۈكسەك نىشاننىڭ بولۇشىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، لېكىن بۇ نىشانلارنى سىزگە ۋاكالىتەن رېياللىققا ئايلاندۇرۇپ بېرەلمەيمەن. مەن سىزگە ئادەم بولۇشنىڭ ئېسىل پەزېلىتىنى ئۈگىتىپ قويالايمەن، ئەمما سىزنىڭ ئاقكۆڭۈل ئادەم بولۇشىڭىزغا كاپالەت بېرەلمەيمەن. مەن سىزنىڭ يېتەرسىزلىگىڭىزنى ئەيىپلىيەلەيمەن، لېكىن بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشىڭىزغا كېپىللىك قىلالمايمەن. مەن سىزگە قانداق قىلغاندا ئەھمىيەتلىك ياشىغىلى بولىدىغانلىغىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن، بىراق سىزگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلالمايمەن. مەن جەزىملەشتۈرىمەنكى:مەن بارلىق تېرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، سىزگە ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى بېرەلەيمەن. ئەمما سىزگە كېلەچەك ۋە كەسىپ ئاتا قىلالمايمەن. ... بالام، مەن سىزگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى قىلىپ بېرەلەيمەن، چۈنكى مەن سىزنى سۆيىمەن. لېكىن شۇنى چۈشىنىشىڭىز كېرەككى، مەن سىز بىلەن مەڭگۈ بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلغان تەقدىردىمۇ، نۇرغۇن قارارلارنى ئۆزىڭىز چىقىرىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، مەن پارلاق قۇياش نۇرىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش يولىڭىزنى مەڭگۈ يورۇتۇپ تۇرۇشىنى، توغرا تاللاش ئۈچۈن يول كۆرسىتىپ بېرىشىنى تىلەيمەن. «پاراڭ»ژورنىلىنىڭ 2004-يىللىق 5-سانىدىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2010-12-3 09:57
|