ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 218|ئىنكاس: 5
go

راھىب بىلەن قاسساپ

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
273 
تېما
49 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-30 21:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىلگىرى بىر راھىب بىلەن بىر قاسساپ ناھايىتى يېقىن دوست بولۇپ بىللە ئۆتكەنىكەن. ئۇلار تاكى قېرىپ ئۆلگۈچە بىر ئۆيدە ئۆز - ئارا ھەمراھ بولۇشۇپ ياشاپتۇ. راھىب كۈندە سەھەر تۇرۇپلا ئىبادەت قىلىدىكەن، قاسساپمۇ كۈندە سەھەر تۇرۇپلا چوشقا بۇغۇزلاشقا باشلايدىكەن. ئۇلار ھەر ئىككىلىسى ئۆز ئىشلىرىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن كىم بالدۇر تۇرسا قارشى تەرەپنى ئويغۇتۇپ قويۇشقا كېلىشىپتۇ. ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئۆز ئىشلىرىنى تولىمۇ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ مېڭىپتۇ، ئۆز خىزمەتلىرىنى بىر كۈنمۇ بوشاشتۇرۇپ قويماپتۇ.
نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، راھىب بىلەن قاسساپ كەينى - كەينىدىنلا ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ، ھەيران قالارلىق بولغىنى قاسساپ جەننەتكە، راھىب دوزاققا لايىق بولۇپتۇ.
نېمىشقىدۇ ئەمدى ؟
چۈنكى قاسساپ ھەر كۈنى دېگۈدەك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ياخشى ئىشى سەھەر تۇرۇپ راھىبنى ئويغۇتۇپ ئىبادەت قىلىشقا ئۈندەش ئىكەن. ئەمما راھىب سەھەر تۇرۇپلا قاسساپنى چوشقا ئۆلتۈرۈشتەك جانغا زامىن بولىدىغان يامان ئىشقا ئۈندەيدىكەن ................
راھىب بىر ئۆمۈر ياخشى ئىشلارنى ۋە ئىبادەت قىلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان، ئەمما ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپلا باشقا ئىش قىلماستىن قاسساپنى ئويغۇتۇپ ئۆز ئىشىغا ماڭغۇزۇۋەتكەندىن كېيىن، ئارامخۇدا ئولتۇرۇپ ئۆز ئىبادىتىنى قىلىدىكەن. ...............
قاسساپچۇ، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇشىغىلا راھىبنى ئويغۇتۇپ ئىبادىتىنى قالدۇرۇپ قويماسلىقنى، تېخىمۇ سەھەر تۇرۇپ كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلىشىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىكەن..............
ئەمما كىم ئويلىغان، ھەممىمىز قاسساپنىڭ قىلغان ئىشىنى ئانچە ياخشى بولمىغان ئىش دەپ قارايمىز، چۈنكى ئۇ ئىبادەت قىلمايدۇ، راھىبچۇ، ھەممە ئادەم ئۇنى ياخشى ئىش قىلىدۇ دەپ ئويلايدۇ، چۈنكى ئۇ يامان ئىشلاردىن قولىنى يۇيۇپ ھامان ئۆز تەڭرىسىگە دۇئا - تىلاۋەت قىلىدۇ................
ئەمما نەتىجە قانداق بولدى................................
كىشلىك ھايات تولىمۇ مۇرەككەپ. بىز بىر كىمنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىغا قاراپ ئۇ كىشىنى ياخشى ئادەم ياكى يامان ئادەم دەپ توغرا ئېيتتۇق دىيەلمەيمىز.
شۇنىڭغا ئوخشاش سىز قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى سىز ئويلىغاندىكىدەك توغرا بولۇپ كېتىشى ناتايىن!!!

توردا
207سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
435 
تېما
12 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 00:30 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راست دەيسىز،بىزنىڭ قىلغان ئىشىمىزنىڭ ياخشى ياكى يامانلىقىنى بىلمەيمىز،شۇڭا باشقىلارغا ئالدىراپ باھا بەرمەسلىكىمىز كېرەك~!

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
18 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 02:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ېېې

توردا
161سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
756 
تېما
80 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 16:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قىلىغان ئىش مەيلى يامان بولسۇن مەيلى ساۋابلىق ئىش بولسۇن ئۇنى چىن ئىخلاس بىلەن قىلىسلا ئەڭ مۇھىمى ئۆزىگە يۈز كىلەلىگىدەك ياشىسىلا ئۇ مەيلى رايپىقا ئوخشاش كۈندە ئىبادەت قىلمىسىمۇ ئۇنىڭ ياخشى ئىشى ئبادەت بىلەن ئوخشاشتۇر دەپ ئويلايمەن .

توردا
194سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1367 
تېما
77 

تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 00:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى تىمىكەن ..راھىپكام كىرمەپتىيا ...

توردا
378سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
481 
تېما
125 

تەكلىپلىك ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-2 14:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
0998cn يوللانغان ۋاقتى 2010-12-1 16:58
قىلىغان ئىش مەيلى يامان بولسۇن مەيلى ساۋابلىق ئىش بولس ...

مەن با بانۇ ئايىم ئوبدان تىمىكەن .........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-1-28 09:06

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.