يامانلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇش
بۇرۇن ناھايىتى باي بىر سودىگەر بولۇپ، ئۈچ ئوغلى بار ئىكەن. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق دۇنياسىنى بۇ ئۈچ ئوغلىغا تەقسىملەپ بەرمەكچى بوپتۇ. ئەمما ئۇ بۇ ئىشتىن ئىلگىرى ئۈچ ئوغلىنى ئالدىغا چاقىرىپ ئۇلارنى جاھان كېزىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ.
سودىگەر بالىلىرى يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇلارغا:
ــــ سىلەر بىر يىلدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ، قىلغان ئەڭ ئالىيجاناب ئىشىڭلارنى ماڭا سۆزلەپ بېرىسىلەر. كىم ئەڭ ئالىيجاناب ئىش قىلغان بولسا، بارلىق بايلىق شۇنىڭغا نېسىپ بولىدۇ، مېنىڭ بايلىقنى بۆلۈپ تەقسىملىگۈم يوق، ئۇنىڭغا پەقەت بىرسىڭلارلا ئىگە بولالايسىلەر، - دەپتۇ.
بىر يىل توشۇپ ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، چوڭ ئوغۇل:
ــــ مەن سەپىرىمدە بىر ناتونۇش كىشىنى ئۇچراتتىم، ئەمما ئۇ ماڭا ناھايىتى ئىشىنىپ بىر خالتا تىللاسىنى ساقلاشقا بەردى. كېيىن ئۇ بەختكە قارشى ئۆلۈپ كەتتى، مەن ئۇنىڭ تىللالىرىنىڭ بىرسىگىمۇ چېقىلماي، شۇ پېتىچە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئاپىرىپ بەردىم، - دەپتۇ. ئاتىسى:
ــــ ناھايىتى ياخشى قىپسەن، ئەمما سەمىمىيلىك سەندە بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەت، بۇنى ئالىيجانابلىق دېگىلى بولمايدۇ، - دەپتۇ. ئارقىدىنلا 2- ئوغلى:
ــــ مەن بىر نامرات يېزىغا بارغانىدىم، كىيىملىرى جۇل - جۇل بىر تىلەمچىنى ئۇچراتتىم، ئۇ سۇغا چۈشۈپ كېتىۋېدى، مەن دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ ئۇنى قۇتقۇزۇۋالدىم، - دەپتۇ.
ئاتىسى:
ــــ ناھايىتى ئوبدان قىپسەن، ئەمما ئادەم قۇتقۇزۇش سەندە بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت، بۇنىمۇ ئالىيجانابلىق دېگىلى بولمايدۇ، - دەپتۇ.
3-ئوغلى ئارىسالدى بولغان ھالدا:
ــــ مېنىڭ بىر دۈشمىنىم بار بولۇپ، پۈتۈن ھىيلە - مىكىرلىرىنى ئىشلىتىپ ماڭا زىيانكەشلىك قىلاتتى. بىر قانچە قېتىم ئۇنىڭ قارا قولىدا ئۆلگىلى قىل قالغانىدىم. بۇ سەپىرىمنىڭ بىر كېچىسى، ئاتلىق يالغۇز يارنىڭ يېنىدا كېتىۋېتىپ، دۈشمىنىمنىڭ يار لېۋىدىكى بىر دەرەخنىڭ ئاستىدا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. دەرۋەقە ئۇنى ئاستا بىرنى تېپىپ قويساملا يارغا چۈشۈپ كېتەتتى، ئەمما مەن ئۇنداق قىلماي، ئۇنى ئويغىتىپ، يولىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئېيتىپ كېتىپ قالدىم. بۇ ئەمەلىيەتتە ئەرزىگۈدەكقۇ ئىش ئەمەس... - دەپتۇ.
سودىگەر ناھايىتى قەتئىيلىك بىلەن:
ــــ بالام، دۈشمىنىگە ياردەم قىلىش ئالىيجانابلىق ھەم مۇقەددەس ئىشتۇر. سەن شۇنداق قىلالاپسەن، بايلىقىمنى ساڭا قالدۇردۇم، - دەپتۇ.
ھېكمەت: دۈشمىنىنى ئەپۇ قىلالىغان كىشى ھەقىقىي ئالىيجاناب كىشى ھېسابلىنىدۇ.
ئۆرلەش ئۆتكۈر تەرجىمىسى
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
|