ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تەرجىمە ئەسەرلەر، فىليەتون قىزچاق ، توغرا - خاتانى ئايرېۋىلىڭ !
كۆرۈش: 243|ئىنكاس: 5
go

قىزچاق ، توغرا - خاتانى ئايرېۋىلىڭ !

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
273 
تېما
49 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-3 17:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

قىزچاق ، توغرا - خاتانى ئايرېۋىلىڭ !



1. < يېمەك ئىچمەكنى ھەددىدىن ئارتۇق تىزگىنلەش زىيانلىق > بۇ قاراش توغرا .
يېمەكلىكنىڭ مىقدارىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئازايتىش ياكى مەلۇم خىل يېمەكلىكنى پۈتۈنلەي چەكلەش ئورگانىزىمنى ئەڭ دەسلەپكى ھاياتلىق ھالىتىگە ، ماددا ئالمىشىشنى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ . دەسلەپتە بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلىشى مۇمكىن . لىكىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ، نۇرمال ئىستىمال قىلىش ئەسلىگە كەلسە بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاشلا تېز سۈرئەتتە ئېشىۋىرىدۇ . بەدەن ئېغىرلىقىنى يەڭگىللىتىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ، ماي تەركىبى يۇقىرى ، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستىمال قىلىش ، داۋاملىق چېنىقىپ بېرىشتىن ئىبارەت .

2. < بەدەندىكى ئايرىم مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرۇشمۇ پۈتكۈل بەدەن قۇرۇلمىسىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.> بۇ قاراش توغرا .
ھەر كۈنى 15 مىنۇت چېنىققاندا ، بىر قانچە ھەپتە ئۆتمەيلا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ ، لېكىن قورساققا يىغىلىپ قالغان گۆشنى ئازايتىش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ .

3. < تېرىنى ئاسراشتا چوقۇم تەبىئىي ھۆسىن تۈزەش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك > ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەس .
نۇرغۇنلىغان ئاياللار تەبىئىي گىرىم بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىپ ، تېرىسىدە زىيادە سېزىمچانلىق رېئاكسىيسى پەيدا بولغان . ئەڭ ياخشى ھۆسىن تۈزەش بۇيۇملىرىنى يەنىلا ياخشى تەركىبلەردىن ياسالغان گىرىم بۇيۇملىرىدۇر .

4. ‹ تېرىنىڭ ئەڭ قورقۇنچلۇق دۈشمىنى قۇياش › بۇ قاراش توغرا .
ياز كۈنلىرى چوقۇم باشقا شىلەپە كىيىپ ياكى كىچىك كۈنلۈك تۇتۇپ ، يۈز قىسمىنى قۇياش نۇرىدىن توسۇش ، سىرتقا چىققاندا ئامال بار سايىدا يۈرۈش كېرەك .

5 . ‹ تېرە سىلىقلاش مەلھىمى تېرىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قەۋىتىگىچە سىڭىپ كىرەلەيدۇ › بۇ خىل قاراشنىڭ ھىچقانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق .
بەزى تەركىبىدە ھورمۇن بولغان ھۆسىن تۈزەش بۇيۇملىرى تېرىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگىچە سىڭىپ كىرەلسىمۇ ، كۆپ بۇيۇملىرى تېرىنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىگىچە سىڭىپ كىرەلسىمۇ ،كۆپ قىسمى تېرىنىڭ سىرتقى قىسمىنىلا گۈزەللەشتۈرۈپ ، تېرىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا تەسىر قىلالمايدۇ .

6. ‹ تېرىنى سىلىقلاش مەلھىمى ۋە ئۇپسى تېرىنىڭ نەپەسلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ › بۇ خىل قاراش پۈتۈنلەي خاتا .
تېرىگە تېرە سىلىقلاش مەلھىمى ۋە ئۇپسىنى سۈرگەندە ، تۈك تۆشۈكچىللىرىنىڭ تۇسۇلۇپ قېلىشى كىلىپ چىقىپ تېرىنىڭ نەپەسلىنىشگە تەسىر يەتكۈزىدۇ . كىر توختاپ قالغاندىن باشقا يەنە ناچار ھۆسىن تۈزەش بۇيۇملىرىنى ئىشلەتكەنلىكتىن بولىدۇ .

7. ‹ ئۇخلاشتىن بۇرۇن چاچنى يۈز قېتىم تارىسا ، چاچ قويۇق ئۆسىدۇ › بۇ خىل قاراش خاتا .
چاچ ئوزۇقلۇق ، ئېرسىيەت ۋە ياخشى پەرۋىش قىلىشقا باغلىق . ئۆتكۈر چىشلىق تارغاقلار چاچنى زەخمىلەندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇكى ، ياخشى ئۈنۈم بەرمەيدۇ .

8. ‹ بۇ خىل چاچ ئاسراش سوپۇنى چاچنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ › قۇرۇق گەپ .
ئادەمنىڭ چېچى ئۈزلۈكسىز ئۆلۈپ تۇرىدۇ . ئۇنىڭ سىرىتتىن ئوزۇقلۇققا ئېرىششى مۇمكىن ئەمەس . چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى چاچنى يۇمشاق ۋە پارقىراق قىلسىمۇ ، لېكىن چاچنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتەلمەيدۇ . چاچ چۈشۈش ئورگانزىملار ئىچىدىكى ھورمۇنلارنىڭ ئاجىرىلىپ چىقىش جەريانى بىلەن مۇناسۋەتلىك .

9. ‹ چاچنى ھەر كۈنى يۇيۇش زىيانلىق › بۇ خىل قاراشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق .
ئەگەر سىز بۇلغىنىش ئېغىر بولىدىغان جايدا ياشسىڭىز ، سىزنىڭ بۇ خىل قارىشىڭىز تېخىمۇ خاتا . ماينى تېز ئېرىتەلەيدىغان ، چاچنىڭ كىرىنى ئاسان ئالدىغان ھەم چاچقا ئەكىس تەسىر كۆرسەتمەيدىغان ئەلا سۈپەتلىك چاچ سوپۇنلىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش ھەممىدىن مۇھىم . شۇنداق بولغاندا كۈندە چاچ يۇيىسىمۇ زىينى يوق .

10. ‹ چاچنى قانچە قىسقا كەستۈرسە شۇنچە تېز ئۆسىدۇ › خاتا .
چاچنى ياستىش چاچنىڭ ئۆسۈشگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ . چاچنى دائىم ياستىپ تۇرغاندا ، ئۈنىڭ گۈزەللىكى ئاشىدۇ . ئادەممۇ ساغلام ۋە روھلۇق كۆرۈندۇ . شۇڭا ، چاچنى ئۆز ۋاقتى قەرەلىدە ياستىپ
تۇرۇش كېرەك .

توردا
106سائەت 
نادىر تېما
دوست
28 
يازما
690 
تېما
12 

تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-3 21:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت بىلىۋېلىشقا تىگشلىك ئىشلار ئىگەن ..........

توردا
194سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1367 
تېما
77 

تەكلىپلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-3 22:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلۋالدىم ..بۇنىڭدىن كېيىن چۇقۇم دىققەت قىلىمەن

توردا
161سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
756 
تېما
80 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 12:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يامان ھەر قانداق ئىنىساننىڭ ئىڭىدە شەكلىنىدۇ. مەنمۇ بىلىۋالدىم ...

توردا
180سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
335 
تېما

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 12:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دىققەت قىلساق بولغىىدەك جىمۇ بۇ ئىشلارغا.

توردا
38سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
63 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-12-4 16:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
خاتا كىرىپ تىمەن كەچۈرۈڭ مەن چىقاي
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-1-28 09:06

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.