ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تەرجىمە ئەسەرلەر، فىليەتون ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىدىن بىرى(مەشىر ...
كۆرۈش: 130|ئىنكاس: 5
go

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىدىن بىرى(مەشىرەپ)

توردا
164سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
762 
تېما
83 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

مەشرەپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، كۆڭۈل ئىچىش خاراكتىرىدىكى ، قۇيۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە ئۇنۋىرسال ئاممىۋى پائالىيەت . مەشرەپنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە باشقۇرۇلىشى بىر قەدەر كۆنۈككەن ئادەت ۋە ئىجىتمائىي ئەخلاق تەسىرىدە ئاسان ھەل بولىدۇ . مەيدان ، ئۆي ئىچى ياكى باغ-ھويلىلاردا گېلەم -كۆرپىلەر سىلىشىپ سورۇن راسلىنىدۇ . يىمەك-ئىچمەك تەييارلىنىدۇ . جامائەت ياش -قورامى ، ئابرۇي - ئىناۋىتى بويىچە تەبىئىي يوسۇندا ئورۇن تۇتۇشىدۇ . مەشرەپلەردە ئەخلاق ۋە جامائەت ئىنتىزامى ، سەنئەت ۋە تەربىيە زىچ بىرلەشكەن بولىدۇ .شۇڭا مەشرەپ خەلقىنىڭ « سەنئەت مەكتىپى » ۋە « ئەدەب -ئەخلاق بۆشۈكى » دەپ تەرىپلىنىدۇ . مەشرەپ ئوينىلىش شەكلى بويىچە ئوخشىمغان دەرىجىدە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ ، تۈرىمۇ كۆپ ، نامىمۇ ھەرخىل . مەسىلەن : ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى ، دولان مەشرىپى ، كۆك ( مايسا ) مەشرىپى ، قېيىت مەشرىپى ، يەرلىك مەشرەپلەرنىڭ ئىچىدە ئومۇملىشىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ، مەزمۇنىنىڭ موللىقى ، تەشكىلىي تۈزۈمنىڭ مۇكەممەلىكى قاتارلىق ئالاھىدىلىكىلىرى بىلەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدىغىننى ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ « ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » بىلەن دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ « دولان مەشرىپى » دىن ئىبارەت .
« ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » ئىلى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىك مەشرىپى بولۇپ ، ئۇ قاتنىشىش دائىرىسى پەقەت ئەرلەر بىلەنلا چەكلىنىدىغان مەشرەپ . « ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » ئاساسەن كۈزلۈك ھوسۇل يىغىلىپ بولغاندىن كىيىن باشلىنىپ ، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق تىرىلغۇ باشلانغىچە داۋاملىشىدۇ .
«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » نىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ئاساسەن مەشرەپ بىگى ( قازىبەگ ) ، يىگىتۋىشى ، دارىگەي بىگى ، كۆلىبىگى ، پاششاپ قاتارلىق ئەمەللەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ۋەزىپىلىرى بار .
مەشرەپ بىگى ( قازىبەگ ) - « ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » دىكى ئەڭ يۇقىرى مەنسەپ نامى بولۇپ ، ئۇ مەشرەپنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلغۇچ ، مەشرەپتىكى دەۋا -دەستۇر ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغۇچىدۇر .
يىگىتۋىشى - مەشرەپنىڭ ئاساسلىق تەشكىللىگۈچىسى بولۇپ ، مەشرەپ پائاليىتىگە يىتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپسىنى ئۆتەيدۇ .
دارىگەي بىگى ( دار بىگى )- ئاساسەن مەشرەپنىڭ كۆڭۈل ئىچىش پائالىيتىنى ۋە ناخشا -ئۇسسۇل ، مۇزىكا قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل . شۇڭا دارىگەي بىگى شۇ يىزا -كەنىتتىكى ناخشا - مۇزىكىغا ماھىر سەنئەتكارلار ئارىسىدىن سايلاش ئارقىلىق بىكىتىلىدۇ .
كۆل بېگى - مەشرەپنىڭ پۈتكۈل مالىيە -ئىقتىسادىي ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى بولۇپ ، ئادەتتە مەشرەپكە لازىم بولىدىغان يىمەك -ئېچمەك قاتارلىقىلارنى ھەل قىلىدۇ . مەشرەپنىڭ كۈتكۈچىلىرى كۆل بېگىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئىش بېجىرىدۇ .
پاششاپ - مەشرەپنىڭ ئىنتىزام باشقۇرغۇچىسى بولۇپ ، ئادەتتە ساقچىلىق ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدۇ . ئۇ مىرشاپ دەپمۇ ئاتىلىدۇ .
« ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » گە ئەزا بولغۇچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ . ئەمما مەشرەپ ئەھلى ئوتتۇز -قىرىق كىشىدىن ئىشىپ كەتمەيدۇ . « ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » گە ئەزا بولۇشىنىڭ تۈزۈمى بار . `شۇڭا مەشرەپكە ئەزا بولغۇچىدىن بەلگىلىك شەرتلەرنى ئورۇنداش تەلەپ قىلىنىدۇ .
ئالدى بىلەن مەشرەپكە قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلغۇچى يىگىتىنى دادىسى يىتىلەپ مەشرەپ سورۇنىغا ئەكىلىدۇ . پاششاپ بۇ ئەھۋالنى مەشرەپ بىگى ۋە يىگىتۋىشىغا خەۋەر قىلىدۇ . ئۇلار رۇخسەت قىلغاندىن كىيىن يىگىتنىڭ دادىسى مەشرەپ ئەزالىرىنىڭ ئالدىدا ئوغلىنى مەشرەپكە ئەزا قىلىش ھەققىدە مەشرەپ بىگى ۋە يىگىتۋىشىغا ئىلتىماس قىلىدۇ : « بالىنىڭ ئۇستىخىنى بىزنىڭ ، گۆشى سىلەرنىڭ ، ئەدەپ - ئەخلاق ئۆگەنسۇن . دەپ مەشرەپكە ئەكەلدىم .» دەيدۇ .يىگىتۋىشى بالىغا : « بۇ مەشرەپنىڭ تاتلىق چىيى ، ئاچچىق تايىقى بار . چىدىسىڭىز كىرىشىكە رۇخسەت » دەيدۇ . بالا : « چىدايمەن » دەپ جاۋاب بەرگەندىن كىيىن ، ئۇنىڭ مەشرەپكە قىتىلىشىغا رۇخسەت قىلنىدۇ . بۇ چاغدا مەشرەپ ئەھلى بۇ بالىنىڭ سورۇنغا قانداق سوۋغىلارنى ئەكەلگەنلىكىنى سورايدۇ . بالىنىڭ دادىسى « ئوتتۇز ئوغۇلنىڭ گۈللىرى » گە ئاتاپ ، نەچچە تۆگە ، نەچچە ئات ، كالا ، قوي ئەكەلگەنلىكىنى مەلۇم قىلىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ يەردە دېيىلىگەن ھايۋان ناملىرى مەشرەپتە ئومۇملاشقان سىموللۇق ناملار بولۇپ ، تۆگە دىگىننى قوغۇن -تاۋۇزنى ، ئات دىگىننى تۇخۇمنى ، كالا ياكى قوي دىگىننى ئالمىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ سوۋغىلارنى پاششاپ جامائەتكە كۆرسەتكەندىن كىيىن ، كۆل بىگىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ . ئۇنىڭدىن كىيىن مەشرەپكە قوبۇل قىلىنماقچى بولغان بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر ئارتۇقچىلىقىنى « ئوتتۇز ئوغۇل » نىڭ ئالدىدا كۆرسىتىپ بىرىشى شەرت . ئەگەر ھىچقانداق ئالاھىدىلىكى بولمىسا مەلۇم بىر ھايۋان ياكى بىرەر قۇشنىڭ سايرىشىنى دوراپ بەرسىمۇ بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ مەشرەپكە قىتىلغانلىقى شەرىپىگە « ئوتتۇز ئوغۇل » نى ئۆيىگە مەشرەپكە تەكلىپ قىلىدۇ .
« ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى »مۇ باشقا يەرلىك مەشرەپلەرگە ئوخشاش ناخشا - ساز ، ئۇسسۇل ؛ چاقچاق ، لاپ ئۇرۇش ؛ مەشرەپ ئويۇنلىرى ۋە جازادىن ئىبارەت تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ . ھەربىر باسقۇچنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ ، قۇيۇق سەنئەت تۈسىگە ئىگە .
«ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » نىڭ قائىدە -تۈزۈملىرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۈچۈن بىرىلىدىغان جازا ئىككى خىل بولۇپ ، بىرى ، ئىقتىسادىي جازا ، يەنە بىرى سەۋەنلىك جازاسىدىن ئىبارەت . ئىقتىسادىي جازا ئەيىبلەنگۈچىنىڭ گۇناھىنىڭ ئىغىر -يىنىكىلىكىگە ۋە ئىقىتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ بىرىلىدىغان بولۇپ ، ئەڭ ئىغىر ئىقىتىسادىي جازا « ئوتتۇز ئوغۇل گۈللىرى » ئۈچۈن ئۆز نۆۋىتىدىن سىرت بىر قىتىملىق « ناماقۇللۇق مەشرىپى » ئۆتكۈزۈپ بىرىشتىن ئىبارەت . يىنىكلىرىگە كىلەر قىتىملىق مەشرەپ ئۈچۈن مىۋە -چېۋە ، قەنت -گىزەك قاتارلىقلارنى ئەكىلىش بۇيرۇلىدۇ .
سەۋەنلىك جازاسى كۆپ خىل بولۇپ ، « سامسا يىقىش » ، « جۇۋازغا قىتىش » ، « ئۆپكە قويۇش » ، « سۈرىتىنى تامغا تارتىش » ، « مونەك تۈگۈش » ، « ئىككى خوتۇن ئىلىپ بىرىش » ، « كاككۇك سايرىتىش » ، « پاختەك ئۇچۇرۇش » ، «توشقان تەپتى » ، « كاۋا چاقتى » ، « دەررىگە بىسىش » ، « سازايى قىلىش » ، « سۇغا چۆمۈلدۈرۈش » ، « پىر ئوينىتىش » ، « ئەنجۈر يىگۈزۈش » ، « يۈزىگە كۈيە سۈركەش » ، « باغدىن ئالما ئۈزۈش » قاتارلىق كۈلكىلىك ، ھەجۋىي ئويۇنلاردىن ئىبارەت . بۇ جازالار پاششاپ تەرىپىدىن ھەرىكەتلىك ئىجرا قىلىنىدۇ . « ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى » نىڭ يۇرت - جامائەت ئىچىدىكى ئىناۋىتى ۋە ئابرۇيى يۇقىرى بولۇپ ، شۇ يۇرت كىشىلىرى مۇشۇ مەشرەپ كوللىتىكىپى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشقان بولىدۇ .
خەلق ئىچىدە « مەشرەپ كۆرگەن » ، « مەشرەپ كۆرمىگەن » دىگەندەك سۆزلەر بىلەن كىشلەرنىڭ تۇرمۇش ئەخلاقى ۋە خۇلۇق - مىجەزىنى باھالايدىغان ئادەت بار . ھەتتا « ئالىم بولاي دىسەڭ مەكتەپكە بار ، ئادەم بولاي دىسەڭ مەشرەپكە بار » دىگەندەك ماقاللارمۇ بار .
« دولان مەشرىپى » ئاساسەن مەكىت ، مارالبىشى ، يوپۇرغا ( تىرىم يىزىسى ) ، ئاۋات يىزىسى ، شايارنىڭ تارىم بويىدىكى يىزىلىرى قاتارلىق ناھىيە -رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەنئەنىۋى سەنئەت پائالىيتىنىڭ ئومۇمىي نامى . دولان مەشرىپى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى ، تارقىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى ، پائالىيەت مەزمۇنىنىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ .
« دولان مەشرىپى » ئومۇمەن دولان مۇقاملىرىنىڭ شەنىگە ئاتاپ ئۇيۇشتۇرۇلغان ئاممىۋى سەنئەت پائالىيتى بولۇپ ، ئۇنىڭدا مۇزىكا ، ناخشا - ئۇسسۇل ، ھەرخىل ئەدەبىي ئويۇن ۋە قىزىقچىلىقلار ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن . دولان مەشرەپلىرىدە بىر نەچچە دۆرە نەغمە -ئۇسسۇل قىلىنغاندىن كىين ، سازەندىلەر ۋە ئۇسسۇلچىلارنىڭ ھېرىپ -چارچاشلىرىغا ئارام بىرىش يۈزىسىدىن ھەم مەشرەپنىڭ كەيپىياتىنى تىخىمۇ جانلاندۇرۇش ئۈچۈن يىگىت بىشى « دەررە ئويۇنى » ، « پوتا ئويۇنى » ،« چاي تۇتۇش ئويۇنى » ، « بېيىت - قوشاق ئېيتىش ئويۇنى » قاتارلىق ئويۇنلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ . بۇ ئويۇنلارنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدىسى بولۇپ ، مەشرەپ ئەھلىدىن بىرى باشلاپ بېرىدۇ . ئۇنىڭدىن كىيىن باشلىغۇچى كىمنى خالىسا شۇ كىشى مەيدانغا چۈشۈپ ئويۇننى داۋاملاشتۇرىدۇ .
« دولان مەشرىپى » نىڭ پائالىيەتلىرى ئىچىدە ھەممىدىن قىزىقارلىق ۋە ئەھمىيەتلىك بولىدىغىنى - دولان مۇقامىغا تەڭكەش قىلىپ ئوينىلىدىغان كوللىكتىپ ئۇسسۇلدىن ئىبارەت . دولان مەشرىپىدىكى كوللىكىتىپ ئۇسسۇل ھەرىكىتى قەدىمكى ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ئوۋچىلىق دەۋىرىدىكى ئەمگەك جەرياننى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ ، ئاساسەن تۆت باسقۇچلۇق ئۇسسۇل ھەرىكىتىدىن تەركىب تاپقان .
« دولان مەشرىپى » دە ئوينىلىدىغان دولان ئۇسسۇلى ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە نەپىسلىكى ، مۇزىكا رىتىمى بىلەن بىردەكلىكى ، ئۇسسۇل مەزمۇنىنىڭ ئىنقىلىقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كىشلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ .
دولان ئۇسسۇلى كوللىكتىپ ئۇسسۇل بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئۇسسۇلچىلارنىڭ سانى چەكلەنمەيدۇ . مەشرەپ مەيداننىڭ چوڭ -كىچىكلىكىگە قاراپ ، بىرلا ۋاقىتتا بەش - ئالتە چۈپتىن يىگىرمە -ئوتتۇز جۈپكىچە ئەر-ئايال ، ياش ، قىرى دىمەي ، كىم خالىسا مەيدانغا چۈشۈپ ئۇسسۇل ئويناۋىرىدۇ.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 520Studios تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-1-22 18:36

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

Rank: 8Rank: 8

توردا
1284سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
1488 
تېما
132 

ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كونىلارمۇ شۇڭا مەشرەپ توغۇرلۇق مۇنداق ھەكمەتلەرنى قالدۇرغان.

ئىشقىسىز مەشرەپكە بارماڭ. پۇلسىز بازارغا (بارماڭ).
پۇلسىز بازارغا بارماڭ، يارسىز مەشرەپكە.

باقىدىغان نېمە ئۆچكە بىلەن قوي،
ئوينايدىغان نېمە مەشرەپ بىلەن توي!

بالاڭنى مەكتەپكە بەر،
بولمىسا مەشرەپكە (بەر).


توردا
164سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
762 
تېما
83 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمامىنى تەھىرىللەپ قويغىنىڭىزغا رەخمەت

توردا
210سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
442 
تېما
12 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇنى كۆرۈپ مەكتەپتە ئوينىغان مەشرەپلەر ئېسىمگە كىلىپ قالدى،رەھمەت سىزگە~!

توردا
604سائەت 
نادىر تېما
دوست
40 
يازما
1987 
تېما
384 

ئىجادكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يازمىللىرىڭىزغا رەھمەت ! ھازىرقى بەدىئىي زۇقىڭىز تولىمۇ ئالاھىيدە مېڭىۋاتىدۇ ...

توردا
164سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
762 
تېما
83 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش salkin11 نىڭ يازمىسى

شۇنداق بۇنىڭىدىن كىيىن تېخىمۇ ئالاھىدە بۇلىدۇ، مېنى قوللاڭ جۇما
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-1-29 15:42

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.