گەرچە سىياسىئونلار، ئادۇۋكاتلار، ئاتالمىش داڭلىق ئەرباپلار تىنىچلىق ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ تۇرسىمۇ، بۇ ھىچنىمىدىن دىرەك بىرەلمەيدۇ. سىز ۋە مەن ئەركىنلىك دىگەن بۇ مەسىلىنى تونۇشىمىز كىرەك. بىز ئۆزىمىنىڭ مۇھەببىتىنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىشىمىز كىرەك. چۈنكى بىزدە سۆيگۈ- مۇھەببەت بولمىسا، غايە ۋە ئەخلاقنىڭ بولۇشىمۇ مومكىن ئەمەس. بىز ھەرگىز باشقىلارنى ئويلىيالمايمىز. باشقىلارنى ئويلاشنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ چىغىر يولدىكى ئۇچلۇق بىر تاشقا نۇرغۇن پۇتلارنىڭ تىگىپ يارىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئىلىپ تاشلىۋەتسىڭىز، بۇ تاشنى ئىلىۋىتىشنى باشقىلار بۇيرىمىسىمۇ، سىز باشقىلار ئۈچۈن بۇ تاشنى ئىلىۋىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلالىغان بولىسز. بۇ باشقىلار بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىز. سىز بەلكىم تاشقا پۇتلىشىپ كەتكەن ئۇ ئادەمنى بىرەر قىتىممۇ كۆرۈپ باقمىغان بولىشىڭىز مومكىن.
بىر تۈپ دەرەخ تىكىپ ئۇنى چوڭ قىلىش، دەريا- ئىقىنلارنىڭ كۆرۈش ۋە زىمىننىڭ گۈزەللىكىدىن ، بايلىقىدىن ھوزۇرلىنىش، قانات قىقىپ ئۇچۇۋاتقان بىر قۇشنى كۈزىتىش ۋە ئۇنىڭ پەرۋاز قىلغان چاغدىكى گۈزەللىكىنى ھىس قىلىش، قەلبى سەزگۈرلۈككە تولۇش ۋە ھاياتنىڭ بۇ خىل ئاددى ھەركىتىدىن كۆڭلى ئىچىلىشلارغا ئەركىنلىك كىرەك. ئەركىنلىككە ئىرىشىش ئۈچۈن سىزدە مۇھەببەت بولۇشى كىرەك. مۇھەببەت بولمىسا ھىچقانداق ئەركىنلىك بولمايدۇ. مۇھەببەتسىز ئەركىنلىك ھىچقانداق قىممىتى يوق بىر ئۇقۇمغا ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ھىسيات جەھەتتىن تايىنىۋالغانلىقىنى ھىس قىلالىغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلىلالىغان، سۆيۈشنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى بىلەلىگەن ئادەملا ھەقىقى ئەركىنلىككە ئىگە بولالايدۇ. پەقەت شۇلارلا بىر خىل يىڭى مەدەنىيەت، باشقىچە بىر دۇنيا يارىتالايدۇ.
بۇ مەنبە نۇرگۇل ھېيىت تەرجىمىسى