ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › شېئىر نەسىرلەر › ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك سۆزلەر
كۆرۈش: 2285|ئىنكاس: 12
go

ھاياتىمدىكى ئەڭ قىممەتلىك سۆزلەر

Rank: 8Rank: 8

توردا
256سائەت 
نادىر تېما
6 
دوست
11 
يازما
430 
تېما
40 

شەرەپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 16:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزىز دوسلار،بىز ياشاش جەريانىدا ھەممەيلەننىڭ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق ھاياتلىق ياشاش پەلسەپىمىز بولىدىكەن،ھەممەيلەننىڭ ئوخشىمىغان،قىممەتلىك پەلسەپىۋىلىككە ئىگە، ئۆزىمىزگە قىبلە قىلىدىغا سۆزلىرىمىز بولىدىكەن،بىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان شۇ پىكىرلەر بىزگە دائىم ئاگەاھلاندۇرۇش بولوپ ئۆز يۆلىنىشىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرىدىكەن، شۇڭا مومكىن بولسا ھەممەيلەن بۇ قىممەتلىك پىكىرلەرنى يىغقلى بولارمۇ دەپ بۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مومكىن بولسا كۆپچىلىك ھەممەيلەن شۇ قىممەتلىك پىكىرلىرىمىزنى يىغساق.
ئالدى بىلەن مەن باشلاي.
  
1.ھاياتلىق گوياكى كۆرەش(تىرىشىش،ئالغا ئىنتىلىش) دىمەكتۇر.  (بۇ پىكىرنى مەن 17 يىشىمدا يەنى 2004يىلى 12ئاينىڭ 25-كۈنى دۈشەنبە كەچ سائەت 10:35 دە ئۆز خاتىرەمگە يازغان،بۇنى ئۆزۈم مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق بايقىغان تۇنجى ئەڭ قىممەتلىك پىكىر دەپ قارايمەن،شۇ كۈلەردە مەن مىنىڭ ياشاش بىرىنسىپىم،ئىتقادىم،نىشانىم ماڭا بىر ئۆمۈر ھىچ بىر نەپ بەرمىگەن ھالەتتىمۇ،مەن بۇ يولومنى ھەر قانداق بىر نام ئەمەل ياكى مەنپەئەتتىن مۇستەسنا ھالدا ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە بۇلار ئۈچۈن تىرىشىمەن،كۆرەش قىلىمەن دەپ ئۆز ئۈزۈمگە قەسەم بەرگەن،بۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەقەت ۋە پەقەت بىرلا نەرسىگە ئىرىشەلىسەم يەنى ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىمدا ئىللىق بىر كۈلۈمسىرەشكە ئىرىشەلىشىمنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن ھەم ئىگىمىز ئاللاھتىن تىلەيمەن.)
2.ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا.( ئەگەر مەن ئۆز ئەقىدەم، ئىتقادىم ئۈچۈن ھەر ۋاقىت،ھەر مىنوت، سىكونىت جان تەسەددۇق قىلالمىسام،شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرالمىسام، مىنىڭ ھاياتىمنى قىممەتلىك ھايات دىگىلى بولسۇنمۇ )
3.مەغلۇب بولوشقا بولىدۇ،لىكىن ئەبەدىل ئەبەت ۋاز كىچىشكە بولمايدۇ،可以失败,永远不能放弃 ( مەن ھاياتىمدا،ئۆز نىشانىمغا ئىلگىرلەش يولىدا بەلكىم ساناقسىز قىتىملاپ مەغلۇب بولىشىم مومكىن ،ئەمما مەن شۇ ۋاقىتتا شۇ مەغلۇبىيەتلەردىن مەڭدەپ قالسام،ئاخرغىچە بەرداشلىق بىرەلمىسەم ئۆزۈم ئۈمىد قىلغان غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلىشىم مومكىن ئەمەس،شۇڭا قەتئى بەل قويىۋەتمەسلىكىم كىرەك،بەزى بىر نەتىجىلەرنى تىزلا قولغا كەلتۈرەلىشىم مومكىن،بەزىسىگە نەچچە يىل ھەتتا نەھھە ئون يىل ھەتتا پۈتۈن بىر ئۆمۈ ۋاختىم كىتىشىمۇ مومكىن،شۇڭا مەن قەتئى ۋاز كەچمەسلىكىم كىرەك ،مانا بۇ مۇۋاپپەقيەت،مانا بۇ غەلبە ماڭا نىسبەتەن ئەڭ زور غەلبە)
4.ئەڭ موھىم ئىشنى بۇرۇن قىلىش First Things First ( مەن بۇ سۆزنى ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىۋاتقان ۋاختىمدا قايسى بىر كىتاپتىن كۆرگەن ھەم بۇ ماڭا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قىلغان،ئەڭ موھىم ئىشنى بۇرۇن قىلىش تولىمۇ زۆرۈر، ئەڭ موھىمنى بايقىيالماسلىق،ئەڭ موھىمىغا ئەڭ چوڭقۇر ئىتىبار بەرمەسلىك،نىشانسىزلىق،پىلانسىزلىق،چىچىلاڭغۇلۇق مىنى ئوخشاشلا مەغلۇبىيەت گىردابىغا باشلاپ بىرىشى مومكىن،شۇڭا ئەڭ موھىم ئىشقا ئاڭ بۇرۇن قەدەم ئىلىشىم،ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭقۇر ئىتىبار بىرىشىم كىرەك)
5.سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت،Failure Is Not Trying (كۆپىنچە ھاللاردا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغۇم بولسىمۇ مومكىن ئەمەستەك كۆرىنىدۇ،تۇنجى قەدەمنى باسقاندىن كىيىنلا ئۇنىڭغا تامامەن يەتكىلى بولىدىغانلىقىغا ئاندىن چوڭقۇر ئىشىنىمەن،تۇنجى قەدەمنى بىسىش شۈنچە قىيىن،شۇ تۇنجى قەدەمنى باسماسلىق كۆپىنچە ھاللاردا ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقيەتلىرىمنى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزمايلا تۇنجۇقتۇرۇپ قويىشى مومكىن ،شۇڭا مەن ھەر ۋاقىت ئالدى بىلەن سىناپ بىقىشىم،ئەڭ ئالدى بىلەن شۇ تۇنجى قەدەمنى قانداق نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىشىدىن  قەتئى نەزەر بىسىپ بىقىشنى ئۆزۈمگە مەجبۇرىيەت قىلىشىم كىرەك ،شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز مەجبۇرىيتىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن سىناپ بىقىشىم كىرەك )
بولدى،مەن مۇشۈنچىلىك يازاي ئەمدى كۆپچىلىكنىڭمۇ يىزىپ بىقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
1.سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت.2.ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا.

Rank: 8Rank: 8

توردا
256سائەت 
نادىر تېما
6 
دوست
11 
يازما
430 
تېما
40 

شەرەپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 16:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بۇنىڭ مومكىن بولسا ئۆز قولوم بىلەنلا توختاپ قالماستىن،مۇنبىرىمىزدىكى ھەر بىر دوستىمىزنىڭ يىزىپ بىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن،
رەھمەت سىلەرگە.
1.سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت.2.ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا.

توردا
194سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
9 
يازما
823 
تېما
85 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىتتىپاق ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 16:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يارايسىز ھەممىسى پايدىلىق گەپلەركەن رەخمەت ھە
ئاللا  ھەممىمىزگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن

توردا
30سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
219 
تېما
0 

تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 17:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە،،مەنچە،1-ئادەم ياشغانكەن ئادەمدەك ياشاش،دىمەكچى،ئادەم ئۆزھاياتىدا،مەيلى قانچىلىك،جاپاچەكسۇن،غۇرۇرى بلەن،ياششى،ئىتتەك كۇچۇكلۇنۇپ،ئەمەس،ئادىمىيلىكى ئۇچۇن،ئۇلۇم،ئالدىدىمۇ تىكتۇرشى كىرەك،،،

توردا
115سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
32 
يازما
728 
تېما
12 

تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 18:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە مەن بۇسۆزلەرنى چوقۇم ياتقا ئېلىۋالىمەن ............

توردا
169سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
10 
يازما
569 
تېما
3 

تىرىشچان ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-17 20:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەمدى ماڭا كەپتۇ مىنىڭ ياشاش نىشانىم بولسا يەنە شۇ غايە ئۈچۈن بۇ سۆز ماڭا قانداق كەلگەن دىسەڭلا بىزنىڭ

بىر قوشنىمىز بۇلدىغان ئۇلار نەچچە ئەۋىلات ناچار مۇرمۇشتا ياشاپ كەپتۇ ، مەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشقا نەزار سالسام ئۇلاردا پەقەت قورساق تويغۇزۇش بىلەنلا ئۈتۇپ كىتىدىكەن بۇ سۆز ماڭا شۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن كەلگەن
كۆكلەم ئوغلى

توردا
26سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
31 
تېما
4 
يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 17:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھايات دىمەك كۆرەش دىمەكلىكتۇر. بىز ھايا تىمىزدا مەلۇم بىر شەئىينى قوغلۇشۇپ،ياكى ئۇنىڭغا ئىرىشىش ئۇچۇن كۆرەش قىلىمىز ..كۆرەش ئۇزۇلمەيدۇ.

توردا
766سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
98 
يازما
1535 
تېما
280 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-10-26 19:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم..رەھمەت..ئەجرىڭلىگە....ياخشى يىزىپسىلە....
ئاشلىق سىزنى ئۆلتەرسىمۇ يېمەڭ نامەرد ئاشنى،
سۇلەر سىزنى ئاقتۇرسىمۇ ئۆتمەڭ نامەرد كۆۋرۈكىدىن..!!

توردا
45سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
52 
تېما
0 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-8 15:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ەاياتلىقتا ظادەم ظأز نىشانىغا يىتىش ظذچذن داؤاملىق تىرشىش كىرەك . ظىنسان ەاياتلىق مذساپىسىدە خاتالاشمايمەن دىگىلى بولمايدذ ، ظادەم بىر ظىشنى خاتا قىلىپ قويذشتىن ظەمەس ، شذ ظىشنىڭ خاتا ظىكەنلىكىنى بىلىپ تذرذپ داؤاملىق خاتالىق ظأتكذزإشتىن قذرقذش كىرەك.

توردا
16سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
8 
يازما
142 
تېما
4 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-11-16 17:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە مەن بۇسۆزلەرنى چوقۇم ياتقا ئېلىۋالىمەن چوقۇم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-1 23:33

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.