ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر توي قىلغانغا تويامدۇق؟،،بوران114
كۆرۈش: 422|ئىنكاس: 12
go

توي قىلغانغا تويامدۇق؟،،بوران114

توردا
58سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
50 
تېما
20 

تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توي دىدى-ئاتا-ئانا ،ئۇرۇق- تۇققان،
توي دىدى- تاغۇ-دەريا،پۈتكۈل -جاھان،
توي دىدى-ئىسراپخورغا ھەشەمەتكە قارشى تۇرغان،
توي دىدى-ئاددى-ساددا بەخيت ئىچىرە تۇرمۇش قۇرغان.

تويلۇق ئۈچۈن 30مىڭنى تەييار قىلسۇن،
توي كۆينىكى كورىيەدىن كەلتۈرۈلسۈن،
ۋىچركىسى رىستۇراندا ئۆتكۈزۈلسۈن،
توي دىدى-قەرز قىلىپ خوتۇن ئالغان،

بىر مىھمانغا بىر كىلودىن ئوغلاق گۆشى،
بولسۇن يەنە ھاكىم تويغا يىگىت بىشى،
كەم قالمىسۇن داستىخاندا قۇدا-ئىشى،
توي دىدى-يىغلاپ تۇرۇپ ئوغۇل تاپقان.

ماشىنا ھەم ئەڭ تۆۋىنى پاسات ئەكەل،
قىز قولدىشنىڭ كۆينىكىنى بۇيرۇتۇپ كەل،
60گىرام قىزىل ئالتۇن بولدىمۇ تەل؟
توي دىدى-توققۇز ئايدا ئوغۇل تۇققان.

ھەر ھەپتىدە قىزىم بىلەن بىزنى يوقلاڭ،
كەلگىنڭىزدە (ناۋبەيجىن)نى ئۇنتۇپ قالماڭ،
قىزمنى ھەم شاپىلاق بىلەن بىرنى ئۇرماڭ،
توي دىدى-ئۇلۇغ تىنىپ كۈيئوغۇلغا ئاكا بولغان.

قىزم تۇغسۇن،ئەمما قىلدەك دەرت كۆرمىسۇن،
قازان بىشىغا 3يىلغىچە بىرىپ سالمىسۇن،
ئانىڭىز مۇ قىزىمغا ئۆي ئىشىنى بەس سالمىسۇن،
توي دىدى-بالائۈچۈن بىساتىنى ئەرزان ساتقان.

نەۋرىمىزنى ئۇيغۇر چىدا ئوقۇتمايمىز،
بادام دوپپا دىگەننىغۇ كەيدۈرمەيمىز،
قىزمىزنىڭ سۈتىنمۇ ئەمدۈرمەيمىز،
توي دىدى-ئاران تەستە خوتۇن ئالغان.

قىزىمىزنىڭ تىنى ئاجىز كىسەلچاندۇر،
كىر -قاتنمۇ بۇچاققىچە يۇمىغاندۇر،
باچكا بىلەن غىزا يىسۇن مىزاجى سوغۇقچاندۇر،
توي دىدى-ھەممە شەرتنى قوبۇل قىلىپ توينى قىلغان.

يىگت تەرەپ قىلىۋالدى بۇ توينمۇ،
تۇتۇپ بەردى قىز يىگتكە خاس ئۆينمۇ،
مانا ئەمدى بىچارىلەر ئۇھ-دىدىمۇ؟
توي دىدى-تويلۇق ئۈچۈن 40 مىڭنى قەرز ئالغان.

يىگىت(دەيكۈن)مائاشى يىتشمدى،
2ئايدا قىزمۇيىگىت بىلەن كىلىشمىدى،
كىلىن قىزچاق چوڭلار بىلەن پىتىشمىدى،
توي دىدى-ئاشۇق-مەشۇق ۋىسال قۇچقان.

ئىككى يىلدا 104 قىتىم يامانلىدى،
ھەرقىتمى 400كويدىن كاملىمىدى،
بالا يىغلاپ11ئايدا زۇكام بولدى،
توي دىدى-تويلۇق ئۈچۈن ئالتۇن ئالغان.

توشۇمىدى يىگىتنىڭكى تاپقانلىرى،
ئەستىن چىقتى تويدىن بۇرۇنقى قەسەملىرى،
چەككە يەتتى بىچارىنىڭ ئەلەملىرى،
توي دىدى-ئۆزىگە-ئۆزى بالا تاپقان.

يىگىت ئەمدى ئاقنى ئىچتى يىغلاپ تۇرۇپ،
خوتۇنىمۇ پۇل بەر دىدى-يىغلاپ تۇرۇپ،
بالىسمۇ جىدەل قىلدى يىغلاپ تۇرۇپ،
توي دىدى-دوست-دۈشمىنى ئاڭا قاراپ.

3يىل بولدى،كىلنچەكمۇ تۇتتى سىرتتىن ئاداش،
ئىرى بىلەن كارى يوقتۇر كۈندە ئويناش،
بوۋاي بىلەن موماي كۆزىدە قۇرىمىدى ياش،
توي دىدى-ئەل -جامائەت ئىبىرەت ئالغان.

يىگىت ئاخىرى دورا ئىچىپ ئۆلۈپ قالدى،
مويسىپىتقا گۇناسىز شۇ نەۋرە قالدى،
كىلنچەكمۇ ئانىسنىڭكىگە كىتىپ قالدى،
بورانكاڭلار بۇ قوشاقنى قىتىپ قالدى،
توي دىدى-شەيتانلارمۇ بىزگە قاراپ؛

مەنبە؛بورانكاڭلارنىڭ تاز كاللىسى،بوران114،،،يەكەن،


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdukorax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-29 14:48

توردا
58سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
50 
تېما
20 

تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ قىز چوڭ قىلغانلارنى يامان كۆرگەنلىك ئەمەس،،توغىرا چۈشىنىڭلار،،،

Rank: 8Rank: 8

توردا
256سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
429 
تېما
40 

شەرەپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توي دىگەن تويغىزىۋىتىدىغۇ ئادەمنى بۈگۈنكى كۈندە،شۇڭا نىكاسىز،پەيجاسىز تويلار ئاۋۇماقتا ...
1.سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت.2.ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا.

توردا
72سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
272 
تېما
31 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش abdukorax نىڭ يازمىسى

ئۇنچەۋالا ئەمەستۇ.بەش قول تەڭ ئەمەس .دىيانا=ەتلىك قىزلىرىمىزمۇ ئارىمىزدا يوقاپ كەتكىنى يوققۇ.دىيانەتنى بىرىنچى .ئورۇنغا قۇيۇپ قىزىنى پۇلدارغا بەرمىسىمۇ دىيانەتلىك كەمبەغەلگە بىرىش خيالىدا يۈرگەن قەلبى ئىمان نۇرى بىلەن يورۇپ تۇرىدىغان قەلبى ئىللىق ئاتىلىرىمىز،مىھرى ئاتەش ئانىلىرىمىزمۇ ئارىمىزدا بار جۇمۇ.

توردا
72سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
272 
تېما
31 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش boran114 نىڭ يازمىسى

ھەقىقەتەن ياخىش يىزىپسىز.شىئىرىڭىزنىڭ ھازىرقى توي قىلىش ئالدىدا تۇرغان ۋە توي قىلىپ يىڭىدىن تۇرمۇشقا چىققان قىز-يىگىتلىرىمىزنىڭ شىئىردىكى ئۇ قىزغا نەپرەتلىك كۆزى بىلەن ئەمەس ئىبرەتلىك كۆزى بىلەن قاراپ ئاشۇ ئىشلاردىن ئىبرەت ئىلشىنى ،ۋە شۇنداق كىشىلىرىمىزگە ئازراق بولسىمۇ تەربىۋى ئەھمىيىتى بولىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.رەھمەت سىزگە.

توردا
22سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
119 
تېما
59 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ شىئىرنى تولمۇ ياخشى يېزىپسىز .بولۇپمۇھازىرقى جەمئيەتتە كىشلەر شۇنداق ھەشەمەتلىك توي قىلشىدۇ. تېخى ئۆيى بارمىكەن، ماشىنىسى بارمىكەن، پۇلى بارمىكەن دېيىشلىرچۈ .سالغان سىلىقنىڭ كۆپلىكىدە بىچارە قىز يىگىتلەر ۋاقتىدا توي قىلالماي قىرىپ كىتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس.مۇشۇلارنى يىزىپ كۆپچىلىككە تەنقىدى تەربىيە بەرگنىڭىزگە كۆپ رەخمەت.

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
17 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناھەق ئىشلاردىن قورقىماڭ ،ناھەق ئىشلار بار يەردە ھەق ئىشلارمۇ بولىدۇ،شۇڭا ھەقىقەت ئىگىلىدۇ ،سۇنمايدۇ.

توردا
45سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
52 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شىئىرىڭىزدا جەمئىيەتتىكى ھەققى ئىشلار تەسۋىرلىنىپتۇ ، دىمىسىمۇ ھازىر ھەشەمەتلىك توي قىلىۋىلىپ ، تويدىن كىيىن چىقىشالماي ئاسانلا ئاجىرشىدىغان ئىشلار بەك كۆپ بولۇپ كەتتى . ھەممە ئىشنىڭ يولىدا بولغىنى ياخشى ، چىكىدىن ئاشۇرۋەتسەك ئاخىرىدا دەردىنى تارتىپ قالىدىغان گەپ .

توردا
188سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
859 
تېما
107 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بورانكامىنىڭ بۇ كاللسى شۇنداق ئىشلەپ قۇيدىكەن جۇما.
جەمىئىتىمىزدە بولدى بەخىت پۇل بىلەن ھىساپ،ئۇلارنىڭ نەزىرىدە باللارنىڭ بەختى پۇل بىلەن ھىسابلىنىدۇ. بۇزغۇنچىلىق ئىسىراپچىلىق شۇنداق كۆپ بۇنىڭىغا ئەگىشىپ كىشلىرىم تاپتىن چىققلى تۇرىدى. شۇنداق ياخشى يېزىپىسىز، رەخمەت سىزگە

توردا
766سائەت 
نادىر تېما
دوست
98 
يازما
1535 
تېما
280 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئېسمىدىنلا چېقىپ تۇرمامدۇ ئەنە ‹‹توي ›› دەپ
لېكىن ھەممىلا توينىڭ بۇنداق بولۇپ كېتىشى ناتايىن...ئېككى قول ئون بارماق ئوخشاش ئەمەسقۇ؟
ئاينىڭمۇ يۈزىدە داغ بارغۇ؟ توي ھەممىلا ئادەمنىڭ بېشىدا بولىدىغان ئېش توي قىلغانكەنمىز بۇ دېگەن چاقچاق قىلىدىغان ئېش ئەمەس ئامال بار ياخشى ئويلىشىش كېرەك ، چۇنكى مۇشۇ بىر قېتىملىق بىر توي
بىلەن سىز بىر ئۆمۈر ئۇنىڭ بىلەن جاپادىمۇ راھەتتىمۇ بولۇشىڭىزمۇمكىن ۋە ياكى كەلگۈسى بەختىڭىزگە

ئولتۇرۇپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن....
توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز -ئارا بىر-بىرسىگە يول قويۇشسا ياخشى پىكىرلەشسە
ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتمۇ يامانلىشىپ كەتمەيدۇ....


ئاۋۇ توينىڭ ئالدىكى تويلۇق ماشىنىلار دېگەنلەرگە كەلسەك ھازىرقى جەمىيتىمزدە بەك مودا بىر ئېش بوپ قالدى سەندىن مەن قالامتىم دەپ، بۇنداق چوڭچۇلۇق ھەشەمەتچېلىك قېلىپ كېتىشنىڭمۇ ئورنى يوق.
بەكمۇ ئاددىي قىلماي بەكمۇ ئالىي قىلماي توينىڭ تويدەك بولغىنى ياخشى.....
ئەگەر قىزتەرەپ مېنى زادى ھەشەمەتلىك ماشىنىدا يۆتكەيسىز دېسە ماقۇل دەپ قويۇڭكى يۈزىنى قىلىپ شۇنداق دېگەن قىزنى چېرايلىق بىزەلگەن <<ئات ھارۋۇ>>سىدا يۆتكەپ كېلىڭ ئۇ توينى ھەشەمەتلىك
ماشىنا بىلەن ئەمەس سىز بىلەن قىلىدۇ.....بۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ....


كىلىن قىزبالىغىمۇ دەيمىز ئوچۇق يورۇق ، مۇلايىم،ئېشچان بولاڭلا دەپ .....
ئۇلۇغ ئاللاھ ! بارلىق -قىز ئوغۇللارنىڭ بەختىنى بەرسۇن....


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-3-29 21:54

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-2 15:09

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.