- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-9-23
- تىزىملاش
- 2010-6-27
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 109سائەت
- جۇغلانما
- 865
- نادىر تېما
- 3
- يازما
- 216
- تېما
- 31
- توردا
- 109سائەت
- نادىر تېما
- 3
- دوست
- 0
- يازما
- 216
- تېما
- 31
|
سىنپ مەسئۇلنىڭ ھۇقۇق،مەجبۇريىتى ۋە ئىككىسى ئوترىسىدىكى تەگىشسىزلىك
تۇردى توختى
‹‹مائارىپتىكى ئەقىل-پاراسەت››دىگەن كىتاپنىڭ ئاپتۇرى،بېيجىڭ پىداگوكىكا ئىنۋىرسىتىتىنىڭ فىراپپۇسۇرى لىن چوڭدې ئەپەندىم سىنىپ مۇدىرلىرىنى‹‹ھۇقۇقى كىچىككىنە بىر رەھپەر...››،‹‹...شەرەپلىك ۋەزەپە››دىگەن سۈپەتلەر بىلەن سۇپەتلەپ،سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ ھۇقۇق.مەجبۇريەتىنى ئىنتايىن ئىخچام ،ئوبىرازلىق ئوترىغا قويغان.بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان ھۇقۇق بىلەن مەجبۇريەت مەسىلىسىنى توغرا تۇنۇش سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ خىزمەت سالمىغىنىڭ نەقەدەر ئېغىر،،خىزمەت مەسئۇليىتىنىڭ قاراتمىلىغىنىڭ نەقىدەر كۈچلۈك،بىراق ھۇقۇقىنىڭ نەقەدەر كىچىك بىر گورۇھ ئىكەنلىگىنى قىسقىسى سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ مەكتەپ ئىچىدىكى ئەڭ جاپاسى ئېغىر بىر گورۇھ ئىكەنلىكنى ئىتىراپ قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
نىمە ئۈچۈن سىنىپ مەسئۇللىرىنى مەكتەپ ئىچىدىكى جاپاسى ئەڭ ئېغىر بىر گوروھ دەيمىز؟بۇ يەردە ئۇقۇتقۇچىلىق كەسپىدىن ئازراقلا ساۋادى بار كىشى بولسا بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرەلەيدۇ.شۇنداقتىمۇ مەن يۇمۇرلۇق قىلىپ مۇنداق تەبىر بەرمەكچى-سىنىپ بولسا مەكتەپنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ‹‹ئاساسى قاتلام››،سىنىپ مەسئۇلى بولسا شۇ‹‹ئاساسى قاتلام››نىڭ ‹‹مۇدىرى››،شۇنىڭ ئۇچۈن دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كورسەتمىلىرىمۇ،ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك ۋە مۇناسىۋەتسىز تۇرلۇك قارارمىلىرى،ۋىلايەت...نىڭ،ناھيە...نىڭ،يېزا...نىڭ،مائارىپ ئىدارىسى...نىڭ،مەكتەپ مۇدىرى....نىڭ،كەنىت مۇدىرىنىڭ...قىسقىسى سەللا ھۇقۇق دەپ ئىتىراپ قىلىنىدىغان ھۇقۇقى بار ئورگان-شەخسىلەرنىڭ تۇرلۇۈ سىياسەت،بەلگىلىمە،بۇيرۇق،يوليۇرۇق...لانىڭ ئىجرا قىلىنىدىغان ئەڭ كىچىك بىرلىكنىڭ ‹‹مۇدىرى››دەل بىز دىۋاتقان –سىنىپ مۇدىرىدۇر.
1.سىنىپ مۇدىرىنىڭ ھۇقۇقى
سىنىپ مۇدىرىنىڭ ھۇقۇقى كۆپ تەرەپلىمىلىك بۇلۇپ،ئۇ ئۆز سىنىپىدىكى ئۇقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىلەپ چىقىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك مائارىپ سىياسەتلىرى ۋە قانۇن نىزاملىرى، سىنىپ مەسئۇللىرىغا بەگەن ئاشۇ ھۇقۇقلارنى يۈرگۈزۈپ سىنىپنى ‹‹باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك››باشقۇرۇپ،باشقىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئىرشىشى ئۈچۈن بارلىغىنى بېغىشلىشى لازىم.كونكىرىتنى قىلىپ ئېيتىساق سىنىپ مەسئۇللىرنىڭ ھۇقۇقى تۈۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ.
1)ئۇنىڭ دەرس ئۈتۈش ھۇقۇقى-سىنىپ مەسئۇللىرى باشقا دەرس ئۇقۇتقۇچىلىرىغا ئوخشاشلا ئوخشاشلا گوۋىيەن بەلگىلەپ بەرگەن دەرس نورمىسىغا توشقۇزۇپ ،دەرسنى سان سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا سۈپەتلىك ئۆتۈش ئۈچۈن ئىزدىنىش ھۇقۇقى بۇ ھۇقۇق دەرس تەييارلاش.دەرس ئۈتۈش،تاپشۇرۇق بىرىپ تەكشۈرۈش،دەرسلىك بايلىقلىرىنى توپلاش... بىرنەچچە ھۇقۇقنىڭ بىرلىشىدىن باشلىنىپ،سىنىپتا شۇ دەرسنى ئۆتۈپ،دەرستىن كىيىنكى ئەسلىمىنى ئەسلەپ بولغۇچە يۈرگىزىلىدۇ.
2)ئۇقۇغۇچىلارنىڭ باشقا جەھەتلەردىن ئۆسۈپ يىتىلىشىنى گۈزۈتۈش ھۇقۇقى-بۇنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سىياسى-ئىدىيەۋى،ئەخلاق-پەزىلەت جەھەتلىرىدىن نورمال ئۆسۈپ يىتىلىشنى گۈزۈتۈش ۋە ئىندىۋىداللىققا ئىگە تەربىيەلەرنى بىرىپ،ئۇقۇغۇچىلاردا ئىنتزام قارىشى،ئۈگۈنۈش قارىشى،ئادىمىلىك قارىشى...قاتارلىق نۇرغۇنلىغا ھەم توغرا ھەم‹‹ قېلىپلاشقان››قاراشلارنى يىتىلدۈرۈپ، ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىنۋىرسال ساپسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىرشىش ھۇقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ خىل ھۇقۇق سىنىپ مەسئۇلى ‹‹مۇدىر››لىقنى باشلىغان كۈندىن باشلىنىپ،‹‹مۇدىر››لىق ئەمىلىدىن قالغۇچە بولغان ئارلىقتا داۋاملىشىدۇ.
3)سىنىپنىڭ تەشكىلى سېسىتمىسىنى تۇرغۇزۇش ھۇقۇقىقى-بۇ ھۇقۇق سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ھۇقۇقى بۇلۇپ،سىنىپ ھەيئەتلىرىنى تۇرغۇزۇش ۋە باشقا تەشكىلى ئاپىراتلارنى تۇرغۇزۇشتا مۇستىقىل،ئۈزىگە ئۈزى خوجا بولغان ھالدۇ يۈرگۈزۈپ سىنىپ كوللىكتىۋىنىڭ تەشكىلى سېسىتمىسىنى قۇرۇپ چىقىشتا يۈرگىزىدىغان ھۇقۇقى ،بۇ ھۇقۇقنى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 5-6قېتىم،باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 11-12قېتىملا يۈرگۈزگىلى بولىدىغان ھۇقۇقتىن ئىبارەت.
4)سىنىپ مەسئۇللۇق يەردەم پۇلىغا ئىرشىش ھۇقۇقى-سىنىپ مەئۇللۇق يەردەم پۇلى رايۈن چەكلىمىسى ۋە مەكتەپلەرنىڭ دەرجە سېسىتمىسىغا قاراپ ئوخشاش بولمىسىمۇ،لىكىن مىنىڭ بىلىشىمچە رايۇنىمىزدىكى يېزا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش بۇلۇپ،سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىنىڭ سانى 40نەپەردىن ئارتۇق بولسا سىنىپ مەسئۇللۇق يەردەم پۇلى ئېيىغا 12يۇئەن بۇ ھەر بىر ئۇقۇغۇچىغا 0.3يۈئەندىن توغرا كېلىدۇ.بۇ پۇل نۇرغۇن ئورۇنلاردا بەنجۇرۇنلەرنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان دەسمايىگە ئايلىنىپ،سىنىپ مەسئۇلى بولدىغان ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىغىنى بوغۇپ قۇيۇۋاتىدۇ(ئۈنۈم ئىش ھەققى يولغا قۇيۇلسا بۇ خىل ئەھۋاللارمۇ ئوڭشۇلۇپ كېتەر،چۇنكى بۇنىڭ بەلگۈلىمىسىدە سىنىپ مەسئۇللۇق پۇلى توغرىسىدا ئېنىق ماددىلار بىكىتىلگەن)شۇنىڭ بىلەن يېزا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرى شۇنداقلا بىر قىسىم شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سىنىپ مەسئۇلى بول دىسە خۇشاللىق بىلەن بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىنى ئوتەيدىغانغا ئادەم يوق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.ئەڭ يامان بولىۋاتقان بىر ئىش ھەر دەرجىلىل مەكتەپلەردە سىنىپ مەسئۇللۇقنىڭ تارقان جاپاسىغا قارغاندا ئىرىشىدىغىنى يوق دىيەرلىك بولغانلىغى ئۈچۈن قىسمەن كەسپىي ئەخلاقى تۈۋەن ئۇقۇتقۇچىلار باللىرىدىن‹‹پەيشەنبىلىك›،تىلەيدىغان يامان ئىللەتلەرمۇ باش كۈتۈرۈپ قېلىۋاتىدۇ.
5)تۈرلۈك شەرەپلەرگە ئىرشىشى ھۇقۇقى-بۇ ھۇقۇق سىنىپ مەسئۇللىرىغا كەمدىن-كەم نىسىپ بولىدىغان ھۇقۇق بۇلۇپ،بۇنداق شەرەپكە ئىرشىشى يېزا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە سىنىپ مەسئۇللىرىغا ئاساسى جەھەتتىن نىسىپ بولمايدۇ.چۈنكى بۇ شەرەپلەرنى باھالاپ بىكىتىشنىڭ شەرتلىرى بەك قاتتىق بۇلۇپ،سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمەت دائىرىسى بەك كەڭرى بولغاچقا قاچانلا بولمىسۇن شۇ سىنىپتىن بىرەر ئىش چىققىنى چىققان بۇنىڭ بىلەن بۇ ئىشنىڭ بارلىق مەسئۇليىتى سىنىپ مەسئۇلىدىن سۈرۈشتۈرۈلگەن.....
.........
قىسقىسى سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ ھۇقۇقى نۇرغۇن تەرەپتە گەۋدىلىنىپ تۇرسىمۇ،‹‹ھۇقۇق››بەك كىچىك بولغاچقا نۇرغۇن ھۇقۇقلار ئۆز رۇلىنى يۇقۇتۇپ،ئۇقۇتقۇچىلارنى مەجبۇريەتنىلا ئادا قىلىپ،ھۇقۇقتىن بەھرىمان بولمايدىغان ئادەملەر تۇپىغا ئايلاندۇرۇپ قويغاچقا،مەيلى سىنىپ مەسئۇللىرى بولسۇن،مەيلى باشقا ئۇقۇتقۇچىلار بولسۇن‹‹ ئۈزىنى قوغداش››نى چىقىش نوقتىسى قىلىپ،مەكتەپنى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ئالدايدىغان يامان ئىللەتلەر،باشقىچە دىگەندە كۆز بۇيامچىلىقلار مەكتەپلەردە يامراشقا باشلىدى
.
2.سىنىپ مەسئۇلىنىڭ مەجبۇريىتى
ىديۇقىرىدا سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ ھۇقۇقى توغرىسىدا توختىلىپ ئوتتۇق.يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك سىنىپ مەسئۇللىرى سىنىپ باشقۇرۇش جەريانىدا تۇرلۈك ھۇقۇقلىرىنى يۈرگۈزۈپ، سىنىپنى بىر ياخشى سىنىپ كوللىكتىۋى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن قان-تەرىنى ئاققۇزۇدۇ.ھۇقۇق بىلەن مەجبۇريەت قانۇن نوقتىسىدىن قارىغاندا بىر مەسىلىنىڭ ئىككى يۈزى بۇلۇپ،بىرسى بولمىسا يەنە بىرسى مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ.قانۇنى نوقتىدىن قارىغاندا ھۇقۇقسىز مەجبۇريەت،مەجبۇريەتسىز ھۇقۇق بولمايدۇ.ئەخلاقى نوقتىدىن قارىغاندىمۇ بەلگۇلۇك ھۇقۇقتىن بەھرىمان بولغان كىشى چۇقۇم يەنە بەلگۈلۈك مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.يۇقارقى نوقتىلاردىن قارىغاندا سىنىپ مەسئۇللىرىمۇ ھۇقۇق يۇرگۈزگەن ئىكەن چۇقۇم بەلگۈلۈك مەجبۇريەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.مىنىڭچە سىنىپ مەسئۇللىرى ئۈستىگە ئېلىشىقا تىگىشلىك مەجبۇريەتلەر مەكتەپتىكى ھەرقانداق كىشى ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك مەجبۇريەتلەردىن كۆپ بۇلۇدۇ.كونكىرىتنى ئېيتىساق تۈۋەندىكىلىرى سىنىپ مەسئۇللىرى ئۈستىگە ئېلىشقا تىگىشلىك مەجبۇريەتلەر بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
1)سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ قانۇن بۇيۇچە سىنىپ باشقۇرۇش مەجبۇريىتى-سىنىپ مەسئۇللىرى ئۇقۇغۇچىلارنى قانۇنغا ھۆرمەت قىلىدىغان،قانۇنى بىلىدىغان،ئۇنى ئىشلىتىدىغان...قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن ئۇقۇغۇچىلارغا قانۇن تۈزۈم تەربىيەسى بىرىشتىن ئىبارەت مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئالغان بۇلۇدۇ.ئەگەر بۇ تەربىيە ياخشى ئىشلەنمەي سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلادا قانۇنسىزلىق ھەركەتلىرى كۈرۈلسە سىنىپ مەسئۇللىرى بۇ مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
2)سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىلەپ چىقىش مەجبۇريىتى_بۇ خىل مەجبۇريەت ئەمىليەتتە مائارىپ مەمۇرى تارماقلىرى ئوترىغا قويغان مائئارىپ سىياسەتلىرىنىڭ سىنىپ مەسئۇللىرىغا يۈكلىگەن مەجبۇريىتى بۇلۇپ.سىنىپ مەسئۇللىرى ھەر ۋاقىت سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئىگەنلەپ،ئوخشاش بولمىغان ئۇقۇغۇچىلارغا ئوخشىمىغان تەربىيە ئۇسۇللىرىنى قوللۇنۇپ،ئاخىردا ئۇقۇغۇچىلارنى ئەتراپلىق تەربىلەپ ئۇلاردا ساپا يىتىلدۈرۈش مەجبۇريىتىنى كورسۈتۈدۇ.
3)سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ دەرس ئۈتۈش مەجبۇريىتى-بۇ خىل مەجبۇريەت ئۇقۇتقۇچىلارغا سوتسىيالىستىك مائارىپ پىرىگۇرراممىسى يۈكلىگەن مەجبۇريەت بۇ نوۋىتىدە يەنە ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بىر تۈرلۈك ھۇقۇقى ھىساپلىنىدۇ.باشقىچە دىسەك دەرس ئۈتۈش ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ھۇقۇقى ھەم مەجبۇريىتى ھىساپلىنىدۇ.بۇ دەر ئۈتۈشنىڭ ئۇمۇمى جەريانىنى سۈپەتلىك ھەم قانۇنلۇق ئورۇنداشنى مەقسەت قىلدىغان مەجبۇريەت بۇلۇپ ۋەزنى خېلى ئېغىر مەجبۇريەتلەرنىڭ بىرسى.
4)ئۇقۇغۇچىلارنى تۇراقلاشتۇرۇش مەجبۇريىتى-بۇ خىل مەجبۇريەت سىنىپلارغا بۆلۈپ ئۇقۇتۇشتىن ئىبارەت مائارىپ تۈزۈلمىسى سىنىپ مەسئۇللىرىغا يۈكلىگەن مەجبۇريەت ھىساپلىنىدۇ.بۇ خىل مەجبۇريەتنى يېزا تۈلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئۇرۇنلاش ئىنتايىن قىيىن بۇلۇپ،سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ ھالىنى قويمايدىغان ئېغىر مەسئۇليەتتۇر.
5)ئۇقۇغۇچىلارنى ماركىزىملىق ئىدىيە بىلەن تەربىلەپ چىقىش مەسئۇليىتى_بۇنىڭدا ئۇقۇغۇچىلارغا ئاتىزىم تەربىيەسىنى بىرىپ،ئۇقۇغۇچىلاردا ماركىزىملىق ئىدىيە يىتىلدۈرۈش ئاساسى مەقسەت قىلىنىدۇ.بۇ ئورۇنلىماق ئىنتايى قىيىن ،سەزگۈرلىگى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان سىياسى مەجبۇريەت بۇلۇپ،ئەگەر سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلاردىن بىرەرسى دىنىي يەر ئاستى مەكتەپلەردە ساۋاق ئېلىپ قالسا شۇ سىنىپ مەسئۇلىنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى‹‹ نۆل›› بىلەن نەتىجىلىنىپ سىنىپ مەسئۇلىنى نەس باسىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا سىنىپ مەسئۇللىرى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىگى،مىللىتلەر ئىتىپاقلىغى تەربىيەسى خىزمەتلىرى،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك تۈمەن غەۋغالىرى،مەكتەپ رەپپەرلىرى ۋە ئوتتۇيرا قاتلام رەپپەرلىرى ئورۇنلاشتۇرغان ئايىغى چىقماس خىزمەتلەر.ئەخلاقى تەربىيە،‹‹ئىككى ئاساسە››ئارخىپلىرى،سىنىپنى زىننەتلەش،مەكتەپ مۇھىتىنى ياخشىلاش،تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنى ئورۇنداش،تۈرلۈك مەسئۇليەتنامىلارنى ئىمزالاش،‹‹نۇرغۇنلىغان كىسەللىكلەرنى داۋالاش››ئائىلە سوھبىتى ئوتۈكۈزۈش،دەرس ئاڭلاش،تۈرلۈك سىياسى تەربىيەلەرگە قاتنىشىش.........قاتارلىق مەجبۇريەتلەرنىمۇ ئۈستىگە ئېلىپ ،ۋەزىپىنى سان سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئۇرۇنلىشى لازىم.بۇ خىزمەتلەرنى بىر ئادەمنىڭ سۈپەتلىك ئورۇنلاپ بۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس(بۇنى سىنىپ مەسئۇلى بۇلۇپ باققانلار تۇلۇق ھىس قىلىدۇ)بۇنداق ھەدىدىن ئارتۇق يۈكلەنگەن خىزمەتلەر ئۇقۇتقۇچىلارنى جۇملىدىن سىنىپ مۇدىرلىرىنى چارچىتىپ،ئۇلاردا تاقابۇل تۇرۇش ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ،مەكتەپ خىزمەتلىرى شەكلەن ئىشلىنىدىغان ھالەتلەرنىڭ يامرىشىغا تۈرۈتكە بولماقتا.
3.ھۇقۇق بىلەن مەجبۇريەتنىڭ تەگىشسىزلىگى
بىز يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك ھۇقۇق بىلەن مەجبۇريەت بىللە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىغان بىر مەسىلىنىڭ ئىككى يۈزى بولسىمۇ،ھۇقۇق بىلەن مەجبۇريەتنىڭ بىردەكلىگىنى چۇقۇم ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرشىش لازىم.ھۇقۇق بىلەن مەجبۇريەتنىڭ بىردەكلىگى دىگەندە پۇقرالار ھۇقۇق يۇرگۈزگەندە مەسئۇليەتنى،مەسئۇليەتنى ئادا قىلغاندا ھۇقۇقنى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىغى لازىم دىگەنلىكتۇر.دۆلىتىمىزدە ھۇقۇقتىنلا بەھرىمان بۇلۇپ مەجبۇريەتنى ئادا قىلمايدىغان،مەجبۇريەتنى ئادا قىلىپ ھۇقۇقنى يۈرگۈزمەيدىغان ‹‹ئالاھىدە››پۇقرالار مەۋجۇت ئەمەس.بۇ نوقتا ھەممىمىزگە ئايان.شۇنداق بولغانكەن كىشىلەرنىڭ ھۇقۇق يۇرگۈزۈشى بىلەن مەجبۇريەتنى ئادا قىلىشى جەريانىدىكى ئىككىسى ئوترىسىدىككى پەرىق يوغىناپ كەتسە خىزمەتلەرنىڭ يۈرشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمايدۇ.بۇلۇپمۇ يۇرگۈزىدىغان ھۇقۇقتىن ،ئادا قىلدىغان مەجبۇريەت ھەدىدىن زىيادە كۆپ بولسا بۇ تەرەققىياتنى بوغۇپلا قويماي يەنە بىر مىللەتنى زاۋانللىققا يۈزلەندۈرۈش رۇلىنى ئويناپ قۇيۇشى مۇمكىن.
ھەرقانداق بىر كىشى مەسئۇليەتنى ئادا قىلغان ئىكەن چۇقۇم شۇنىڭغا يارىشا نەپكە ئىرشىشى كېرەك.بۇ يەردە دىيىلۋاتقان نەپ مەسىلىسى مەيلى ماددى جەھەتتىن بولسۇن،مەيلى مەنىۋى جەھەتتىن بولسۇن شۇ كىشىنىڭ ئەمگىگىنىڭ باشقىلار ياكى تەشكىل تەرپىندىن ئىتىراپ قىلىنىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.كىشىلەرنىڭ ئەمگىگى ئىتىراپ قىلىنىدى دىگەنلىك پۇقرالار ئەمگە قىلىش ھۇقۇقىغا تايىنىپ،قىلغىنىغا چۈشلۇق ھۇقۇقنى يۈرگۈزدى دىگەنلىك بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
بىز بۇ يەردە سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ يۈرگىزىدىغان ھۇقۇقى بىلەن ئۈستىگە ئالدىغان مەجبۇرتىتىنى سېلىشتۈردىغان بولساق،سىنىپ مەسئۇللىرى ئۈستىگە ئالغان مەسئۇليەت يۈرگۈزۋاتقان ھۇقۇقىدىن خېلى كۆپ ئېشىپ كەتكەن.بۇ دىگەنلىك سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ ئەمگىگى ئىچىدە باشقىلارنىڭ ئىتىراپ قىلىنىشىغا ئىرشەلمىگە يەنە بىر قىسىم ئەمگىگى بار دىگەنلىك.بىز بۇ نوقتىنى ماركىسنىڭ ئەمگەك قىممەت تەلىماتىغا باغلاپ چۈشەندۈردىغان بولساق مەكتەپتە ئەڭ قاتتىق ‹‹ئىكىسپۇلاتاسىگە››ئۇچرىۋاتقانلار يەنىلا سىنىپ مەسئۇللىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
مىنىڭچە بىر مەكتەپنىڭ ياخشى يامان بۇلۇشى ئالدى بىلەن مەكتەپ مۇدىرىغا،ئارقىدىنلا سىنىپ مۇدىرىغا باغلىق بۇلۇدۇ.سىنىپ مۇدىرلىرى بولمىسا مەكتەپتە ھەرقانداق بىر ئىجدىمائى پالىيەتلەرنى تەشكىللىگىلى بولماسىلىغى مۇمكىن،مۇشۇنداق بولىدىكەن سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ رۇلىنى زور دەرجىدە نامايەن قىلدىغان سورۇننى مەكتەپلەر ئۇلارغا يارتىپ بىرىشى كېرەك(بۇنداق شارايىت يارتىشتا مەكتەپلەرنىڭ تىل قىسىنچىلىغىمۇ ئېغىر ئەلبەتتە.بۇ تىل قىسىنچىلىقنى مائارىپىمىزدىكى تۈزۈلمە بىلەن مائارىپ خىراجىتىنى باشقۇرۇشتىكى مالىيە سىياسەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان).بىز سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ ئاكتىپچانلىغىنى قوزغاپ،ئۇلارنىڭ رۇلىدىن تۇلۇق پايدىلىنىمىز دەيدىكەنمىز سىنىپ مەسئۇللىرى يۈرگۈزىۋاتقان ھۇقۇق بىلەن،ئۇلار ئۈستىگە ئېلىپ كىلىۋاتقان مەجبۇريەت ئوتترىسىدىكى پەرىقنى كىچىكلىتىپ،سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ ھەر بىر ھەركىتىنىڭ قىممىتىنى بايقاپ،ئىتىراپ قىلىشقا تىگىشلىك بولسىلا ئۇنىڭ قىممىتىنى ئىتىراپ قىلىپ،بۇ جاپاكەش گۇرۇھنىڭ كوڭلىنى ئاۋۇندۇرالىساق چۇقۇمكى ئۇزاققا قالماي ئېغىر مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئېلىپ بارلىغىنى خەلىقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا بېغىشلايدىغان بىر تۈركۈم سىنىپ مۇدىرلىرى قۇشۇنىغا مەكتەپلىرىمىز ئىگە بۇلۇدۇ.مەكتەپتىكى بۇ ‹‹ئەڭ كىچىك رەپپەر››ئۈزىنىڭ رۇلىنى جارى قىلدۇرۇپ نى-نى ئىشلارنى رۇياپقا چىقىرۇ
.
ئۆز ئىجادىيىتىم |
|