- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-9-26
- تىزىملاش
- 2011-8-12
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 116سائەت
- جۇغلانما
- 2382
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 506
- تېما
- 105
- توردا
- 116سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 19
- يازما
- 506
- تېما
- 105
|
ئىككى يۈەن ئۈچۈن ئىنىسىنى ئۇرۇپ تۈرمىگە كىرگەن ئاكا
جۇڭگو ئاخبارات تورى خاندەن 9-ئاينىڭ 17-كۈنى تېلېگراممىسى ، خېبىې دامىڭ ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ
ئاشكارىلىشىچە ، بىر فامىلىلىك بەش ئاكا-ئۇكا بىر قېتىملىق قارات ئويناشتا ، ئىككى يۈەن قەرز پۇلنى دەپ گەپ تالىشىپ قېلىپ ، ئاخىرىدا ئادەم ئۇرۇپ زەخىملەندۈرۈش ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، جىنايەت گۇماندارى چېندۇڭ قەستەن ئادەم زەخىملەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق دەپ مەزكۇر تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان .
دېلو بېجىرگۈچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، 8-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 3ئەتراپىدا ، دامىڭ ناھىيىلىك چېندوڭ باشقا تۆت تۇغقان ئاكا-ئۇكۇللىرى بىلەن قارىت ئوينايدۇ ، ئويۇننىڭ قائىدىسى ھەر بىر قېتىم ئۇتتۇرسا بىر يۈەن ياكى ئىككى يۈەن ئىكەن ، بۇ مەزگىلدە ھەممەيلەن خېلى كېلىشىپ ئوينىغان . چېنجىيادا پۈتۈن پۇل بولغاچقا ، ھەر قېتىم ئۇتتۇرۇۋېتىپ پۇلنى پارچىلىيالمىغان ، شۇڭا ئۇ ھەر قېتىم قەرز ھېسابىغا ئوينىغان .
چۈشتىن كىيىن سائەت 5تىن ئۆتكەندە ، چېندوڭ ئىككى يۈەن پۇلنىڭ ھېسابقا توغىرلانمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، چېنجىيا ئىككى يۈەننى ئاز بەرگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ، چېنجىياغا :«سەندە يەنە ئىككى يۈەن قەرز بار» دەيدۇ ، چېنجىيا ئۆزنى ئاقلاپ:«مىنىڭ قەرزىم تۈگدى» دەيدۇ ، چېندۇڭ چېنجىيانىڭ تېنىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ئاچچىقى كېلىپ چېنجىيانى ھاقارەتلەپ تىللايدۇ ، چېنجىيامۇ بوز كەلمەي گەپ قايتۇرىدۇ ، غەزەپلەنگەن چېندۇڭ ئوڭ قۇلى بىلەن ئولتۇرغان ئورۇندۇقنى ئېلىپ ئوڭ تەرىپىدە ئولتۇرغان چېنجىيانىڭ يۈزىگە كۈچەپ ئۇرىدۇ ، چېنجىيانىڭ يۈزى شۇ زامات يېرىپ قان چىقىدۇ ، ئۇرۇندۇقمۇ پارچە-پارچە بولۇپ چېنجىيانىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلۈپ قالىدۇ . بىللە قارىت ئوينىغان باشقا ئاكا-ئۇكا چېن فامىلىلىك قېرىنداشلار چېنجىيانىڭ نەچچە يېرىنىڭ زەخىملەنگەنلىكىنى ، قاننىڭ توختىماي ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى تىزدىن دوختۇرغا ئاپىرىدۇ . چېندوڭنىڭ بىردەملىك ئۆزنى تۇتۋالالماسلىقى چېنجىيانىڭ بۇرۇن سۆڭىكىنىڭ ئۇۋىلىپ كېتىشنى ، ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى جاغ سۈڭكى تومپىيىپ چىققان سۆڭىكىنىڭ سۇنۇپ كېتىشنى ، يۈز قىسمى قوشۇپ ھېسابلىغاندا 5.8cm دائىرىسىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .
http://dapkoy.33591.com
|
|
|