- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-9-26
- تىزىملاش
- 2010-11-10
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 48سائەت
- جۇغلانما
- 1924
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 245
- تېما
- 131
- توردا
- 48سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 6
- يازما
- 245
- تېما
- 131
|
تارىختىن بىرى ھەر قانداق ئەللامە-ئەدىب،يازغۇچى-پەيلاسوپلارنىڭ كىتاب ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلمغانلىرى ئاز بولسا كېرەك.چۈنكى،كىتاب ھايانى ئەڭ ياخشى مەنىگە ئىگە قىلىدۇ،بەخت-ئىسىتىقبال ئىشكىنى ئاچىدۇ،ئىززەت-ھۆرمەت تەختىگە ئېلىپ چىقىدۇ،شۇڭا كىتاب ئوقۇش قانچە بالدۇر باشلانسا،شۇنچە ئەھمىيەتلىك بولىدىغان ئىشتۇر.بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەت ئاتا-ئانىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ.ئەمما، ئىجتىمائىي رېئاللقىمىزدا بالىسىنى كىتاب ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈردىغان ئائىللەر ئانچە كۆپ ئەمەس،ھەتتا بەزى ئاتا-ئانىلار پەقەت دەرىسلىكنى ئۆزىنىشىنى تەكىتلىگەندىن سىرت،باشقا تۈردىكى كىتابلارنى سېتىۋېلىشقا،پەرزەنىتىنى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە ئائىللەر ئانچە كۆپ ئەمەس،ھەتتا بەزى ئاتا-ئانىلار پەقەت دەرىسلىكنى ئۆگىنىشنى تەكىتلىگەندىن سىرت،باشقا تۈردىكى كىتابلارنى سېتۋېلىشقا ،پەرزەنتىنى ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشكە رايى بارمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك.ھەممە ئائىللەردە دېگۈدەك فارفور بويۇملارنى تىزىدىغاان ئىشكاپلارنى تاپقىلى بولىدۇيۇ،كىتاب ئىشكاپىنى كۆرگىلى بولمايدۇ،بەلكىم،بۇ مەنىۋىيتىمىزدىكى ئەجەللىك كەمتۈكىمىزنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئاشكارىلىنشى بولسا كېرەك.ئەمما،شۇنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى،ئائىلسىدە كىتاپ ئىشكاپى بولمىغان،كىتاب بولمىغان ئۆيدە پەرزەنتىلەرنىڭ يۇقىرى ساپالىق بولۇپ تەربىيەلىنشى ناتايىن ،گەرچە بۇنداق ئائىلىدىن ھوقۇقدارنىڭ،پۇلدارنىڭ چىقىشى مۇمكىن بولسىمۇ،ئەمما ئۇلارنىڭ مەنىۋىيتى نامرات-بولىدۇ.ئىشلىرىدا ئۇتۇقىدىن مەغلۇبىيتى،ھاياتىدا خۇشاللىقىدىن غەم-قايغۇسى كۆپ بولىدۇ.بەلكىم،ھېچقانداق ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتىنىڭ بۇنداقلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قېلىشنى خالىمسا كېرەك.شۇڭا بۈگۈنكى كۈندە بۇ نوقتىنى چىن مەنىسى ھېس قىلغان كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ قوللىرىدىن يېتلەپ پات-پات كىتابىخانلارغا بارىدىغان،ئۇلارغا ھەر خىل خاتىرە كۈنلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن كىتاب ھەدىيە قىلىدىغان بولۇشتى،بۇنى ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىغان بىر ياخشى يۈزلىنىش،دەپ قاراشقا ھەقلىقمىز،ئەلۋەتتە.
ھەقىقەتەنمۇ پەرزەنتىلەردە كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلىدۈرۈش ئۇنىڭ كۆزىگە كىرۋېلىش ئۆگىنىش قىلىشقا زورلىغاندىن كۆپ ئۈنۈم بېرىدۇ.بۇ ئۈنۈم نوقۇل ھالدا سىنىپتىكى ئىلغارلىقلاردىلا ئەمەس،يەنە تۇرمۇشقا بولغان تونۇشىدا،كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە،مەسىللەرگە قارىتا يول تۇتۇشىدىمۇ ئىجابىي رول ئوينايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئەجدادلىرىمىز(بىلىكى چوڭ بىرنى يېڭەر،بىلىمى چوڭ مىڭنى يېڭەر)دېگەندەك ھېكىمەتلەرنىمۇ قالدۇرۇشقان.
ئەلۋەتتە،پەرزەنتلەرنى كىتاب ئوقۇشقا كۆندۈرۈش ئۇنچىۋالا ئاسان قولغا كېلىدىغان ئىش ئەمەس.بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆز ئەمەلىيتى بىلەن ئۈلگە بولشى،ئۆيىدە ھېچ بولمىسا ئوندىن ئارتۇق كىتاپ كۆزگە تاشلىنىپ تۇرۇشى،پەرزەنتىگە كىتاپ ئوقۇپ بېرىشتىن ئېرىنمەيدىغان بولۇشى لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن،زور دەرىجىدىكى مەسئۇلىيەت،چىداملىق ۋە يىراقنى كۆرەرلىك كېرەك،ئەلۋەتتە.
شۇنداق،كىتابنىڭ كۈچىگە ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك. مېھىر-مۇھەببەتكە ئائىت ھىكايىلەر بالىمىزنى دوستلۇق مۇھەببىتىنى قەدىرلەشكە،ھېسداشلىق تۇيقۇسىغا يېتەكلىسە،ئىلىم-پەنگە ئائىت ئوقۇشلۇقلار بالىمىزنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوزغايدۇ،يېڭى-يېڭى ساھەلەر ھەققىدە تەپەككۇر قىلشنى ئۆگتىدۇ،ئەدەبىي ئەسەرلەر ئۇلارنىڭ ئېستېتڭ زوق بېغىشلىسا،دىداكتىك ئەسەرلەر ئەدەپ-ئەخلاق تەربىيەسى ئاتا قىلىپ،يارىماس قىلىقلارنى قىلىشتىن،بولار-بولماس سۆزلەرنى قىلىشتىن چەكلەيدۇ،بۇنداق كىتابلارنى قانچە كۆپ ئوقۇغانسېرى نەزەر دائىرسى كېڭىيىپ،بىلىم قۇرۇلمىسى مۇكەممەللىشىدۇ.تىل ئىقتىدارى ئېشىپ،مەسىلىلەرنى توغرا ئانالىز قىلشى تېزلىشىدۇ.
|
|