كىلەي دېدىڭ كەلمىدىڭ جانان، ئوتقا سېلىپ نازۇك دىلىمنى. ئالدىغۇچە مېنى سەن بۇنداق، ئېيتساڭ بولماسمۇ قەلب سۆزۈڭنى.
يا خېتىڭ يوق يا بىر ئۆزۈڭ، كەتسەڭ كەلمەيسەن يىراق جايلارغا. كۈتۈش بىلەن ئۆتەرمۇ كۈنۈم، سەن بىۋاپا، باغرى تاش يارغا.
سېنى كۈتمەك تەس ئىكەن ئەجەپ، يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ ئۆتتۈم. كۈن، ئاي ساناپ، يىللار سانىيالماي، ھېرىپ قالدىم، ھالىمدىن كەتتىم.
ئەمدى جانان كۈتكۈم يوق سېنى، نازۇك دىلدا قالمىدى تاقەت. تۇنجى سۆيگۈ بولسا مۇشۇنداق، كۆتمەسمەن بىراۋدىن پاك سۆيگۈ پەقەت.
قالساڭ قېلىۋەر ئۆزگە يۇرتلاردا، بولۇپ شەيدا ئۇشبۇ قىزلارغا. نېمە دەيمەن بىۋاپا يايرىم، كىتىپ قالساڭ مۇشۇنداق تېزلا.
قىلما ئەمدى چاقىرغۇلارنى، بەرمە ماڭا يالغان بىشارەت. چىدىيالماي ئالداشلىرىڭغا، كىتىپ قالدىم قىلماي ئىشارەت.
ئىلاجىم يوقتۇر رەنجىشكە سەندىن، ھەر كىشىنىڭ كۆڭلى باشقىچە. كەتكۈڭ بولسا كېتىۋەر مەيلى، ئازابىڭنى تارتتىم يەتكۈچە.
مەنبە: قەلب خاتىرەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا teshna تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-23 19:42
|