ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ھىكمەت ئۈنچىلىرى ھېكىمەتلىك ھېكايىلەر (119)
كۆرۈش: 188|ئىنكاس: 2
go

ھېكىمەتلىك ھېكايىلەر (119)

توردا
1188سائەت 
نادىر تېما
دوست
158 
يازما
1920 
تېما
428 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ھېكىمەتلىك ھېكايىلەردىن ئارىيە



بىرىنجى ھېكايە:



بىر ئادەم كېچىدە ماشىنىسىنى ھەيدەپ تۆت كوچا ئېغىزىدىن ئۆتۈپتۇ ، ئۇ ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتەي دەپ تۇرۇشىغا سېرىق چىراغ قىزىل چىراغقا ئالمىشىپ قاپتۇ ، ئۇ بەرىبىر باشقا ماشىنا بولمىغاندىن كېيىن ئۆتۈپ كېتىۋېرەيچۇ دەپ سۈرئەتنى تېزلىتىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ ، ئويلىمىغان يەردىن ساقچى پەيدا بولۇپ ئۇنى توسىۋاپتۇ ۋە ئۇنىڭدىن سوراپتۇ :
- ئەپەندىم ، سىز قىزىل چىراغنى كۆرمىدىڭىزمۇ ؟
- كۆردۈم ،
- ئەمىسە ، نېمىشقا قېزىل چىراغنى بۆسۈپ ئۆتۈپ كېتىسىز ؟
- چۈنكى مەن سىزنى كۆرمەپتىمەن ئەمەسمۇ ، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ھېلىقى كېشى .
بىز تۇرمۇشىمىزدا مۇشۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا دائىم ئۇستىلىق بىلەن باھانىدىن بىرنى تېپىپ ئاۋارىچىلىكتىن ئاستىلا قۇتۇلۇپ كېتىشنى ئويلايمىز ، ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ قىلغان ئىشلىرىمىزنى ئىنىسى – جىن تۇيمايدۇ دەپ بىلىمىز ، ئەمەلىيەتتە ئاينى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمىغاندەك بىز قىلغان گۇمانلىق ئىشلار ھامىنى ئاشكارىلىنىپ چىقىدۇ ، بىز يېقىنقى كۈنلەردىكى قىلغان ئىشلىرىمىزنى ئويلاپ باقايلى، قىلغان – ئەتكەنلىرىمىز ئىچىدە گۇمانلىق ئىشلار كۆپمىكەن ؟ ياكى سىز شۇ ئىشلار ئۈچۈن باھانە – سەۋەب ئىزدەپ ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى ئاندىن باشقىلارنى ئالداپ بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتىۋېلىش ئۈچۈن ئالدىراش يۈرۈۋاتامسىز ؟

ئىككىنچى ھېكايە :

ناھايىتى يىراقتىكى بىر خىلۋەت كىچىك بازاردا ئىككى رادىئو ئىستانسىسى
بار ئىكەن ، بۇنىڭ بىرىدە مەخسۇس داڭلىق شەخسلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى ئاڭلىتىدىكەن ياكى مودا ناخشىلارنى تەرتىپكە تىزىپ ئۈزۈلدۈرمەي شۇنى ئاڭلىتىدىكەن ، شۇڭا بۇ ئىستانسىنىڭ ئاڭلاش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن ، يەنە بىر رادىئو ئىستانسىسى بولسا مەخسۇس مىترولوگىيىدىن خەۋەر بېرىدىكەن ، بۇ ئىستانسىنىڭ ئاڭلاش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ پەقەت بىر توپ كىشىلەرلا ئاڭلايدىكەن .
بىر كۈنى كەچتە مىترولوگىيە ئىستانسىسى شامال كۈچى يۇقىرى بولغان قارا قۇيۇندىن مۇداپىئەلىنىش توغرىلىق جىددىي مەلۇمات تارقىتىپتۇ ۋە بازاردىكى ئاممىنى تارقاقلىشىشقا چاقىرىپتۇ . بۇ خەۋەرنى پەقەت بىر توپ كىشىلەرلا ئاڭلاپتۇ ، ئۇلار دەرھال تەشكىللىنىپ بازار باشلىقىنى ئىزدەپتۇ ، بەزىلىرى كوچىغا چىقىپ قوڭغۇراق چېلىپ كىشىلەرگە بۇ خەۋەرنى يەتكۈزۈپتۇ ، بەزىلىرى يەنە بىر رادىئو ئىستانسىسىغا بۇ خەۋەرنى ناخشا ئوتتۇرىسىغا قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە ، بۇ خەۋەرنى كۆپچىلىككە تارقىتىپ ئۇلارنى قۇيۇندىن مۇداپىئەلىنىشكە چاقىرىش تەكلىپىنى بېرىپتۇ ، ئەمما بازار باشلىقى : بۇ بازارغا ئەزەلدىن قارا قۇيۇن كەلگەن ئەمەس ، قۇيۇن توغرىسىدىكى مەلۇمات خاتا بولۇپ قالغان ياكى ئىككىنچى رادىئو ئىستانسىسى ئاڭلاش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قەستەن يالغان خەۋەر تارقاتقان دەپتۇ ، قوڭغۇراق چېلىپ خەۋەر تارقاتقان كىشىلەرنى بولسا ئەخمەقلەر دەپتۇ . بۇ ۋاقىتتا بىرىنچى ئىستانسا يەنىلا داڭلىق شەخسلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىتىۋاتقان بولۇپ ھايات – مامات توغرىسىدىكى بۇ « خەۋەر » نى ئاڭلىتىشنى خالىماپتۇ ، شۇ كۈنى كېچىسى دەھشەتلىك قارا قۇيۇن كېلىپ ئانچە تەييارلىقى بولمىغان بۇ بازارنى تۈپتۈز قىلىۋېتىپتۇ ، كېيىنكى كۈنلەردە كىشىلەر بۇ يەردە بىر بازارنىڭ بولغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن . شۇنداق قىلىپ بۇ كىچىككىنە بازار ناھايىتى تېزلا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كېتىپتۇ .
بەلكىم ، بىزنىڭ ھەر بىر كۈنىمىز ھاياتىمىزدىكى ئاخىرقى كۈن بولۇشى مۇمكىن ،ھەر بىر كۈنىمىزنى سەگەكلىك بىلەن ئۆتكۈزەيلى ، تۇرمۇشىمىزدىكى بىز كىچىك دەپ قارىغان بەزى « ئىشلار » بەلكىم ھاياتىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشى مۇمكىن .

ئۈچچىنجى ھېكايە :


بىر يالغۇز كىشى تېلېۋىزىيە ئېلانى كۆرۈپتۇ ، ئېلاندا « بۇ تېلېفوننى سېتىۋالسىڭىز نۇرغۇن دوستلارغا ئىگە بولىسىز ! » دېيىلگەن ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تېلېفون سېتىۋاپتۇ ۋە كۆڭلىدە نۇرغۇن دوستلىرىنىڭ ئۆزىنى ئىزدىشىنى ئۈمىد قىپتۇ ، كۈندۈزى ئۇ تىرىشىپ خىزمەت قىپتۇ ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تېلېفونىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇپتۇ ئەمما يەنىلا يالغۇز ۋە جىمجىت قاپتۇ . بىر كۈنى ئۇ رادىئو سېتىش توغرىسىدا ئېلان كۆرۈپ قاپتۇ ، ئېلاندا رادىئويىڭىز بولسىلا نۇرغۇن دوستلىرىڭىز بىلەن بىللە خۇشال مىنۇتلارنى بىللە ئۆتكۈزەلەيسىز دېيىلگەن ئىكەن ، ئەمما ئۇ رادىئو سېتىۋالغان بولسىمۇ ئەمما يەنىلا شۇ قۇپقۇرۇق ئۆيىدە يالغۇز قاپتۇ .
ئەمەلىيەتتە ، تېلېفون بولسىلا دوستىڭىز بولمايدۇ ، ياكى پۇلىڭىز بولسىلا دوستىڭىز بولمايدۇ ، قەلبىڭىزدە سەمىمىي بىر يۈرەك بولسىلا ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلسىڭىز ۋە ياردەم بەرسىڭىز باشقىلارنىڭ ئىللىقلىقىغا ئېرىشەلەيسىز ھەم نۇرغۇن دوستلارغىمۇ ئېرىشەلەيسىز .




مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچېلىق گېزىتى








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-22 18:04

توردا
249سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
2241 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە ، بىر بىرىدىن ئىسىل ھىكايىلەر ئىكەن، ھەقىقەتەنمۇ مەنىسى چوڭقۇركەن....

توردا
307سائەت 
نادىر تېما
دوست
35 
يازما
808 
تېما
51 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 16:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-9-25 11:30

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.