نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ مەخسۇس مۇخبىرىنىڭ خەۋېرىگە قارىغاندا ، پاكىستان قىز-ئاياللىرىنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچراش مەسىلىسى ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقتىن ،يۈز- كۆزىگە چۈمبەل تارتىپ يۈرسە بىلىنمىگىنى بىلەن چۈمبەلنى ئېلىۋەتكەن كىيىنكى قىياپىتى كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىدىكەن.ئۇنداق بولسا بىزمۇ ئاشۇ«نوچى»ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى قانداق ئاقىۋەتكە قويغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتەيلى.

مۇنىرە ئاسىف،23 ياش بەش يىل ئىلگىرى بىر يىگىتنىڭ توي تەلىپىنى رەت قىلغان بولغاچقا، يۈزىگە كېسلاتا تۆكۈپ كۆيدۈرىۋەتكەن . ئۇ ھازىرغىچە 7 قېتىملىق ھۆسىن تۈزەش ئوپىراتسىيىسى قىلغۇزدى. 
سەئىر لىچات ،26 ياش . 15 ياش ۋاقتىدا نەۋرە ئاكىسى بىلەن توي قىلغان ۋە ئوقۇشىنى پۈتتۈرمەكچى بولغاندا يولدىشى كېسلاتا چېچىپ مۇشۇنداق قىلىپ قويغان . ھازىرغىچە15 قېتىم ھۆسىن تۈزەتكۈزدى. 
بۇسارەسالى ،39 ياش. بەش يىل ئىلگىرى ئۇ ئاجراشماقچى بولغىنىدا ئۆزىنىڭ ئېرى تەرىپىدىن مۇشۇنداق قىلىپ قويۇلغان. ھازىرغا قەدەر 25 قېتىم ھۆسىن تۈزەش ئوپىراتسىيىسى قىلدى. 
مىمۇناخان ،21 ياش. ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغانلىقتىن شۇلار تەرىپىدىن كېسلاتا چېچىلىپ چىرايى بۇزىۋېتىلگەن. ھازىرغىچە 21 قېتىم ئوپىراتىسىيە قىلدۇردى. 
لىرومو سالىمور،30ياش . توي قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن يۈز،مۆرە،دۈمبە قاتارلىق جايلىرى كۆيدۈرىۋېتىلگەن . ھازىرغىچە 25 قېتىم ھۆسىن تۈزەش ئوپىراتسىيىسى قىلدى. 
سامىن ئاختىر ،18ياش. باسقۇنچىلىق قىلىپ بولغاندىن كىيىن چىرايىنى كېسلاتادا كۆيدۈرىۋەتكەن. ھازىرغىچە 10قېتىم ھۆسىن تۈزەتكۈزگەن. 
ناجاف سۇلتان ،16ياش ، بۇ قىزىنى باققۇسى كەلمىگەن دادا ئۇنىڭ چىرايىنى كېسلاتادا كۆيدۈرۈپ قارىغۇ قىلىپ قويغاندىن كىيىن ئۆيدىن چىقىرىۋەتكەن. ھازىرغىچە 15 قېتىم ھۆسىن تۈزەتكۈزگەن. 
شىناز ئوسمان ،36 ياش.بەش يىل بۇرۇن ئائىلە ماجراسى سەۋەپلىك مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە قالغان.ھازىرغىچە 10قېتىم ھۆسىن تۈزەتكۈزگەن. 
شاھناز بىبى ،35ياش.10 يىل بۇرۇن ئائىلە ماجراسى سەۋەپلىك مۇشۇنداق ئاقىۋەتكە قالغان.ھازىرغىچە ھېچقانداق ئوپىراتسىيە قىلدۇرمىغان. 
كانۋال چايۇم ،26 ياشبىر يىل بۇرۇن توي قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن ئوغۇل دوستىنىڭ ئۆچ ئېلىشىگە ئۇچرىغان. ھازىرغىچە ھېچقانداق ئوپىراتسىيە قىلدۇرمىغان. 
زەينەپ بىبى ،17 ياش.بەش يىل ئىلگىرى توي قىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن بلغۇسى كۈيئوغۇلنىڭ كېسلاتا چېچىشىغا ئۇچراپ مۇشۇنداق بولۇپ قالغان ۋە نۇرغۇن قېتىم ھۆسىن تۈزەتكۈزگەن. 
لەيلافەرھات،19 ياش توي قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئۈچۈن مۇشۇنداق بولغان. ھۆسىن تۈزەش ئەھۋالى ئېنىق ئەمەس
|