<كۈتۈش>> ھىسلىرى..
كۈتۈش ھىسلىرى كۆيمەكتە گۈر-گۈر،
باغرىمغا ئاقماقتا يارقىن سىمايىڭ.
غىرىپلىق چۆلىدە خىيالىم، چىگىش ،
تەبەسسۇم ئىلكىدە باقار جامالىڭ.
سىردىشىم بولماقتا سىەمىمىي خىيال،
ئەڭ شىرىن چۈشلەرمۇ مېنىڭدىن يىراق. .
يۈرۈگۈم يېرىلار كەلسەڭ ناۋادا ،
سۆيگۈڭدىن قەلبىمگە ياندۇرۇپ چىراق.
كۆرۈپتىمەن سېنى سۆزلىدى چۈشۈم،
ئاڭلاپسەن يىراقتىن مۇڭلۇق ئۈنۈمنى.
تاغلارمۇ توزۇيدۇ چۈشەنسەڭ ئەگەر،
سېنىڭسىز ياشىغان غەمكىن كۈنۈمنى.
سەنسىز بىئارام ئۆتتى كۈنلىرىم،
بىلەمسەن گۈزەلىم سىغىندىم شۇنچە.
قايتىپ كەل جانانىم قايتىپ كەل بىر رەت،
قىينىما زىنھار مىنى سەن بۇنچە. :
ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سۇزۇلار كېچە،
ۋە لېكىن كۆزۈمگە كەلمەيدۇ ئۇيقۇ. ,
ئەسلىسەم سەن بىلەن سىرداشقان چاغنى،
بېرىدۇ ئەسلىمە رومانتىك تۇيغۇ.
بىلمەيمەن، بىلمىدىم ئېيتمىدىڭ ماڭا،
نەئۈچۈن ئۈزۈلدى تۇتاشقان رىشتە.
ئۈزۈلدى ھەممىسى سەۋەپ نامەلۇم،
(ئۈزۈلدى رىشتىمىز، ئۇنتۇلدى ۋەدە) .
رومانتىك بۇلاركەن تۇنجى سۆيۈشلەر،
ئاجايىپ بۇلاركەن ياخشى كۆرۈشلەر.
بولغاچقا سەن مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈنۈم،
ئاز كىلۇر سەن ئۈچۈن مەيلى ئۈلۈشلەر.
مۇبادا دىدارىڭ كۆرەلمەي كەتسەم،
قەدرىمنى بىلگەندە ئەسلەپ قالارسەن.
ۋە ياكى ۋەدەڭگە ۋاپادار بولۇپ،
قەبرەمگە گۈللەرنى تىزىپ قويارسەن.

مەنبە:زاھىر123.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ZAYIR123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-23 14:19
|