- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-9-16
- تىزىملاش
- 2010-11-3
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 63سائەت
- جۇغلانما
- 2658
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 806
- تېما
- 31
- توردا
- 63سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 22
- يازما
- 806
- تېما
- 31
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىز دىكى بارلىق تورداشلار روزى ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن،
بىرلا بېلەت
كىنوخانىنىڭ بېلەت ساتقۇچىسى دائىم كىنو كۈرىدىغان بىرەيلەنگە مۇنداق دەپتۇ:-ئىلگىرى قىز دوستىڭىز بىلەن بىللە كىنو كۆرگىلى كەلگەندە ئىككى بىلەن ئالاتتىڭىز،ئەجىبا بۈگۈن بىر بىلەت ئاپسىزغۇ؟
-ئىككىمىز ھازىر توي قىلدۇق،ھازىر بىر گەۋدە بولدۇق،شۇڭا بىزگە بىرلا بېلەت كۇپايە.
مەن مېكىيان بولمىسام
دوڭ دوڭنىڭ ئاپىسى ئۇنى چاقىرىپتۇ:-ئۇخلاۋېرەمسەن ئورنىڭدىن تۇر،خوراز نەچچە قېتىم چىللاپ بولدى.
-خوراز چىللىسا مەن بىلەن نىمە مۇناسىۋىتى،مەن يا مېكىيان بولمىسام......
ساقچىنى چاقىراي
ئىككى قۇش بىر ئوۋچىنىڭ ئۆزلىرىنى قارغا ئېلۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،بىرسى يەنە بىرسىگە دەپتۇ:-سەن نەق مەيداننى قوغداپ تۇرغىن مەن بېرىپ ساقچى چاقىرىپ كېلەي.......
تارتۇق
5ياشلىق كىلارا ئاپىسىنىڭ قورسىقىدكى تارتۇققا قاراپ ھەيران بولۇپ سوراپتۇ:-ئاپا بۇ يېرىڭىز نىمە بولغان؟
ئاپىسى:دوختۇر كېسىپ سىزنى ئالغان.
كىلارا:-قورسىقىڭىز ئېچىپ كىتىپ مېنى يەۋەتكەنمىدىڭىز؟
سەۋەپ
-دادا،بۈگۈن كەچتە ماشىناڭنى ئىشلىتىپ تۇرايچۇ؟
-ئىككى پۇتۇڭ نىمە قىلىدۇ؟
-بىر پۇتۇم ماينى،يەنە بىر پۇتۇم تورمۇزنى دەسسەيدۇ.
ئوغىرى
بىر ئوغىرى دۇكانغا ئىككىنچى قېتىم ئوغىرلىققا كىرگەندە تۇتۇلۇپ قاپتۇ.
ساقچى:تۇتۇلۇپ قېلىشنى ئويلىمىدىڭمۇ؟
ئوغىرى:ئىشىككە"قايتا كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز"دېگەن تاختا ئېسىقلىق ئىكەن ئەمەسمۇ؟
ئۆگەنگەننىڭ پايدىسى
بىر كۈنى بىر توپ چاشقان يېمەكلىك ئىزدەپ سىرىتقا چىقىپتۇ،تۆت كوچا ئېغىزىدىن ئۆتۈشىگە بىر مۈشۈك پەيدا بوپتۇ.چاشقانلار قورىققىندىن نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپلا قېلىشىپتۇ.بۇ ۋاقىتتا قېرى چاشقان ئاۋازىنى ئۆزگەرتىپ ئىتتەك ھاۋىشىپتۇ،مۈشۈك بۇ غەيرى ئاۋازنى ئاڭلاپ قورقۇپ قېچىپتۇ،چاشقانلار قېرى چاشقاننى ئورىۋېلىپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئىيتىشىپتۇ.قېرى چاشقان ساقىلىنى سىلاپ تۇرۇپ ئۇلارغا:-مانا بۇ بىرەر تىلنى ئارتۇق ئۈگەنگەننىڭ پايدىسى،-دەپتۇ !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mamatjan005 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-8-31 11:15
|
|