ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تور ۋە بىلىم يىڭىلىقلىرى يان تېلېفون ئىشلەتكەندە
كۆرۈش: 178|ئىنكاس: 10
go

يان تېلېفون ئىشلەتكەندە

توردا
48سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
431 
تېما
82 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
 يان تېلېفونغا توك قاچىلاشتا ...
  ئادەتتە، يان تېلېفوننىڭ توكى تۈگىگەندە ياكى ئاز قالغاندا ئاندىن توك قاچىلاش كېرەك، دەپ قارايمىز. چۈنكى بىز بۇرۇن ئىشلەتكەن باتارېيەلەرنىڭ كۆپىنچىسى نىكىل ھىدرىد باتارېيەسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بولىدۇ، يەنى بۇ قېتىم توكى قانچىلىك قالغاندا توك قاچىلانغان بولسا، كېلەركى قېتىمدىمۇ شۇنچىلىك قالغاندا توك قاچىلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن توكى بولسىمۇ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. بىراق، ھازىر يان تېلېفونلارغا لىتىي باتارېيەسى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى بولمايدۇ. ئۇنىڭغا توكى پاكىز تۈگىگەندە توك قاچىلايمىز دېسەك، باتارېيە ئىچىدىكى ماددىلارنىڭ خىمىيەلىك رېئاكسىيەگە قاتنىشىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىپ، باتارېيەنىڭ ئۆمرى قىسقىراپ كېتىدۇ. شۇڭا، ۋاقتىمىز يەتسىلا باتارېيەگە توك قاچىلاپ باتارېيەنى توكى تولۇق ھالەتتە ساقلىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا باتارېيەنى ئۇزاق ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
  يان تېلېفوننىڭ سىگنال بەلگە سىزىقى بىرتال قالغاندا ئىشلەتمەسلىك كېرەك
  ھەممىمىزگە مەلۇم، يان تېلېفون ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان ۋە تارقىتىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئەسۋاب بولۇپ، بۇ ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنلىرى ئادەم ئۈچۈن زىيانلىق. يان تېلېفونلاردا سىگنال ئاجىز ئورۇنلاردىمۇ ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنلىرىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىپ تارقىتىپ سۆزلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىقتىدار لايىھەلەنگەن بولۇپ، سىگنال تولۇق بولغان ۋاقىت بىلەن بىرتال سىزىق قالغان چاغدىكى يان تېلېفون رادىياتسىيەسىنى سېلىشتۇرساق، پەرقى 1000 ھەسسىدىن ئېشىپ، تارقىتىش قۇۋۋىتى 0.6 ۋاتقا يېتىپ بارىدۇ. ئادەتتە، كىچىك رادىيولارنىڭ دىئامېتىرى تۆت سانتىمېتىرلىق ئاۋاز كانىيىنىڭ ئاۋازى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا چىقىرالايدىغان قۇۋۋىتى 0.25 ۋاتتىن 0.5 ۋاتقىچە بولىدۇ. دېمەك، 0.6 ۋات رادىياتسىيەنىڭ ئادەملەرگە بېرىدىغان زىيىنىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.
  يان تېلېفونغا سۇ كىرىپ كەتكەندە ...
  يان تېلېفونغا سۇ كىرىپ كەتكەندە ياكى يان تېلېفون سۇغا چۈشۈپ كەتكەندە، ئۇنى دەرھال سۇدىن ئېلىۋېلىش، قاتتىق سىلكىمەسلىك، ھەرقانداق كۇنۇپكىسىنى باسماسلىق كېرەك. ياخشىسى، دەرھال ئارقا قاپقىقىنى ئېچىپ، باتارېيەنى چىقىرىۋېتىش، باتارېيە ۋە باشقا قىسىملىرى پاكىز قۇرۇغاندىن كېيىن ئىشلىتىش كېرەك. ناۋادا، يان تېلېفوننى سۇدىن ئېلىپلا كۇنۇپكىلىرىنى باسساق، باتارېيە ياكى باشقا قىسىملىرىدا قىسقا تۇتىشىش يۈز بېرىپ، يان تېلېفون ئاسانلا بۇزۇلۇپ قالىدۇ.
  يان تېلېفون باتارېيەسىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش
  يان تېلېفون باتارېيەسىنىڭ ئىشلەش ۋاقتى قىسقىراپ قالغاندا تۆۋەندىكى ئۇسۇلنى سىناپ بېقىشقا بولىدۇ: يان تېلېفون باتارېيەسىنى گېزىتكە ئوراپ يالتىراق خالتىغا سېلىپ ئوراپ توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش بۆلۈمچىسىدە ئۈچ كۈن تۇرغۇزغاندىن كېيىن چىقىرىۋېلىپ، ئادەتتىكى شارائىتتا ئىككى كۈن تۇرغۇزۇپ، ئاندىن توشقىچە توك قاچىلاپ ئىشلەتكەندە، باتارېيەنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتىنى %80 تىن %90كىچە ئۇزارتقىلى بولىدۇ.
   يان تېلېفوننىڭ توكى پات – پات ئۈزۈلۈپ كەتسە
  يان تېلېفوننىڭ توكى پات – پات ئۈزۈلۈپ كېتىدىغان ياكى توشقۇزۇپ توك قاچىلىسىمۇ توكى ئىتتىكلا تۈگەپ كېتىدىغان بولۇپ قالسا، بۇ باتارېيە بىلەن يان تېلېفون ياخشى تېگىشمىگەن ياكى باتارېيە قۇتۇپلىرى ئارىسىدا توك قېچىش يۈز بەرگەنلىكتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق چاغدا باتارېيەنى چىقىرىپ، رېزىنكە ئۆچۈرگۈچ بىلەن باتارېيە قۇتۇپلىرىنى پاكىز سۈرتۈۋېتىپ، جايىغا سېلىپ قويسا كاشىلا تۈگەيدۇ.
   مەنبە: " پەن تېخنىكا ژورنىلى" 2005-يىل 4-سان.

توردا
77سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
78 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مەزمۇنلار كەن رەخمەت سىزگە .

توردا
48سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
431 
تېما
82 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش TAHGULI نىڭ يازمىسى

توردا
249سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
2241 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە ، مەن چوقۇم سىناپ باقىمەن.......

توردا
151سائەت 
نادىر تېما
دوست
27 
يازما
943 
تېما
50 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

توردا
50سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
195 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تۇرمىشىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىكەن............بىزگە تازا ئەسقاتقىدەك
رەھمەت سىزگە

توردا
50سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
195 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تۇرمىشىمىزدا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىكەن............بىزگە تازا ئەسقاتقىدەك
رەھمەت سىزگە

توردا
48سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
431 
تېما
82 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش muslimahinim نىڭ يازمىسى

توردا
48سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
431 
تېما
82 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش xabnam831 نىڭ يازمىسى

رەھمەتنى كەينى-كەينىدىن ئىككى قېتىم ئېيتىۋىتىپسىز، جاپا چىكىپسىز، سىزگىمۇ رەھمەت!

توردا
494سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
2889 
تېما
411 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخىمەت سىزىگە . مەن بىلۋالىدىم ........................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-9-26 14:39

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.