(يېڭى ئايلىق يوقلام)
تۈزۈپ چىقتىم ئۆزۈملا
بۇخىل يېڭى تۈزۈمنى..
يوقلام قىلىش باشلاندى
قېنى كۆرسەت ئۆزۈڭنى!
«ئىز»نىڭ باشچىسى
قېنى يوققۇ ئۆزىڭىز...
كەلمىسىڭىز مۇنبەرگە
قىزارمامدۇ يۈزىڭىز؟
«شاتئاي قىز» مۇنبەرنىڭ
يولباشچىسى-سەركىسى.
سۆيۈنىدۇ ئىشىدىن
چوڭ ۋە كىچىك ھەممىسى...
«گۇي» نەگە كەتكەندۇ
كۆرۈنمەيدۇ مۇنبەردە
يۈرەمدىكىن تەمتىرەپ
ياكى باشقا بىر يەردە؟
«تىرىشقىن»نى بىلىمىز
خېلى تۈزۈك بالىتى.
لىكىن بەزى كۈنلەردە -
يوقتۇر ھەتتا سايىسى..
خەنجەر731 بارتى مۇنبەردە
كۆرۈنمەيدۇ نىمبولدى؟
باشلامچىمىز ئىدى، ھەي،
قېنى ئەمدى كىم بولدى!
«چوغلۇق» ئۇستاز بىتاپكەن
بۇنى ئەمدى ئاڭلىدۇق.
يازمىلىرى تېتىملىق..
ئىنكاس يازماي قالمىدۇق.
«دوسيار» دەپ ئېتى بار
خېلى ئوڭلۇق گېپى بار
پات-پات كېلەر مۇنبەرگە
باشقۇرۇشقا ئېپى بار..
«ساپ تىلەك» دىگەن قىز بارتى
كۈرۈنمەيدۇ ئانچە بەك...
ئېسىل يازما يوللايتتى
يۈرەكلەرگە تەككۈدەك...
«خونتىر01» دىگەن نەدىكىن
يوقاپ كەتتى كۆرمىدۇق.
باشتا قىزغىن ئىدى بەك
نىم بولدىكىن، بىلمىدۇق..
«دەرتمەن119» ئۇ مۆتىۋەر
مۇنبەردىكى تەرجىمان
ئايدا-يىلدا كۈرۈنەر
بىز كۈتەرمىز ھەرقاچان...
«ئىپسۇن» دېگەن بالىمۇ
يوقاپ كەتتى شۇ كەمدە
قېنى نادىر تېمىسى
بىز كۆرەيلى دېگەندە؟
«بىردانە» تاشچى كەتتىمۇ
قاشتېشى ئېپ كۇلىغا..
ئايلانمىسا بولاتتى
ئۇ ھەي.. پۇلنىڭ قۇلىغا!
«138» دىگەن قىزچاقنى
يەڭگىپتۇ دەپ ئاڭلىغان
ئۇ ساقايسا، مۇنبەرنى-
يوقلايدۇ دەپ داڭلىغان...
«فاتىمە»نىڭ بىلىمىز
بەك تېتىملىق يازمىسى
يوقاپ كەتسە مۇنبەردىن
ئىچى پۇشار قانچىسى؟...
«ئىنتىزار0998» چاققان قىز
ئىنكاس يېزىپ ھارمىغان.
مۇنبەر ئۇنىڭ دىلكىشى
سىردىشىپ ھېچ قانمىغان...
«ئاق توشقان» قىز شۇ كەمدە .
يازار ئىسىل يازمىلار..
ئۇنىڭ ئەجرى سىڭگەچكە
ئۇزۇلمەيدۇ تېمىلار...
«نازۇك214» دەپ بىر قىز بار
ئىلھاملارغا بەكمۇ باي...
يازمىلىرى كۆپ قىرلىق
ئەجرى ئۇنىڭ بىر تالاي.
"ئارتىكىن'' ئۇ شۇكەمدە
تەرجىمىنى باشلاپتۇ.
نىمبولدىكىن بۇبالا
"دەرتمەن يۈرەك'' بوپقاپتۇ.
520stodiosئۇ دۇكاندار
3-4كۈندە بىر كېلەر..
يوقاپ كەتتى يازمىسى
بىر تىرىشسا نىم بولار؟!
«رەنا211» نەدە بولدىكىن
يوقتۇر ئۇنىڭ سايىسى
ئەسلى باشقامىدىكىن
ياكى ئۇنىڭ غايىسى..
ئوماق قىزچاق «0998.cn»نىڭ
ئەجرى كۆپتۇر مۇنبەردە
تىرىشسىلا پات يېقىن
بوپقالىدۇ شائىرە.
«گۈلمىرە»قىز يازىدۇ
ئويغا سېلىپ ھەممىنى.
تىرىشچاندۇر خېلى ئۇ
تالماس ئۇنىڭ قەلىمى...
«بوران114»قېنىسەن
كەلدى يېڭى «ئارىسلان».
يېزىپ قويغىن يازمىلار
يات كۆرمەسمىز ھېچقاچان!
«مۇسلىمە12 قىز» قېنى سىز
يازماس بولدۇڭ شۇ كەمدە.
ئاندا-ساندا كۈرۈنۈپ
يوقىلىسەن نەلەرگە؟
«پائىلۇن» يارىنى
«كەچۈر گۈلۈم»دېسىمۇ
ئاڭلىپامتۇ سۆزىنى
شۇنچە پۇشمان يىسىمۇ!
«كۈلقىز»ۋە «ئايگۈلقىز»لار
«شوخ-شوخ»ئوينار سەھنىدە.
ياڭرىتىپتۇ «خۇشناۋا»
قۇچۇپتۇ شان«غەلىبە»!
«پىداكار»لار كۆپ ئىدى
«قارام»، «ئەنسار» بار چاغدا..
«ئۈمىتۋار»تۇق خېلى بىز
«چاتاقچى»لار يوق چاغدا...
«قۇتلۇق سەھەر» باشلانسۇن
«ئەتلەسچى»نىڭ كۈيىدىن.
قېنى،تارتىپ چىقايلى
«دىلرام» نى ئۆيىدىن.
«سۈمەييە» كۈيىگە
ياڭرىتايلى ناخشىنى
مۇنبىرىمىز بىلىدۇ
كۆيۈنگەننى-ياخشىنى!
«ئويغان»دىدۇق بىزمۇ ھەم
ئۇخلاپ ياتقان «يانبۇلاق»نى!
شۇڭا شۇنچە«ئېسىل بىز»
تۇتقۇزمايمىز قۇلاقنى!
«قاپلان120» «چاقماق»تەك
بىر چېقىپلا يوقامسەن؟
ياكى بىرنى قىچقىرسام
«تولۇنئاي» دەك چىقامسەن؟
قېنى يوقلام توختىدى
مېنى بىر دەم كۈتۈڭلار...
ئىنكاس يېزىپ تېمىغا
بۇ يوقلامدىن ئۆتۈڭلار...
بارغۇ تېخى يوقلامنىڭ
داۋامى، ھە چالىسى...
مەلۇم قىلسۇن ئۆزىنى
بولمىسا دىل ئالىسى...!
مەنبە:ئىجادىيىتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-8-28 12:40
|