
ئېز تورىغا سالام خەت

باشلىق ئالىمجان،sql سىلەر سالامەتمۇ نە ھالەتتە،
سالامىمنى ئېلىك ئىلىپ ئوقۇپ بىلىڭلار ياخشى سائەتتە،
مەڭگۈ تاش ،سەلكىن،مەمەتجان،دەرتمەن،ئۆزيارىم بۇرادەرلەر نە ھالەتتە،
فاتىمە بارمۇ؟سۇمەييەچۇ؟سىتودىيوس كەتتىمۇ بىر ياققە،
ھەممەڭلارنىڭ ھەممىسىگە سالام؛ئەلۋەتتە-ئەلۋەتتە،

چىقىپدۇرمىز ھەر يەر ھەر يەردىن توپلاشتۇق بىز ئىز تورىدا،
زىرىكسەك سەيلە قىلۇرمىز ،تورلار ئارا ئاخشىمى ھەم -ئەرتە،
ئۇيۇشتۇق ھەر يەر ھەر يەدىن كىلىپ ھەممە بىر يەرگە،
مۇڭدۇشۇپ سىرداشقىلى بولدى ئەپلىك شۇ پۇرسەتتە،
ئۈمۈدۈم يۇلتۇزى چاقنايدۇ دەيمەن بۇ كەلگەن غەنىيمەتتە،

بىزەلدى تۈرلۈك ئىجادىيەتلەر بىلەن بۇ مۇنبەر،
خەلىقچىل،تۇرمۇش،بىلىم، ئۇچۇر خۇش خەۋەر،
ھەممىمىز كىلەيلى بىر نىيەت بىر مەخسەتتە،ياڭرىسۇن ئىز مارىشى،
لىكىن ئەكسىنى قىلماقتا؛ بەزى ناكەسلەرنىڭ قارا قولى،
ئادالەتسىزلىككە قارشى قاينىدۇق ھەر يەر ھەر پەيىتتە.

كۆرسۈتۈپ يىڭىلىق كۈتسەڭ، كونا مۇقامى يەنە لاي،لاي،لاي،
شەيتان شىللىغا مىنگەندەك داي داي،سۆڭرە ناي،ناي،ناي
قۇرۇق گەپتىن ئەجەپ بەزدۇق،كۆزلەر قاماشتى ۋاي،ۋاي،ۋاي،
يالغانغا بولدى پەرداز چىرايلىق گەپ،بۇ يەردە ھاي،ھاي،ھاي،
‹‹ئىغىزدا بار ئەمەلدە يوق››پىكىر تەلەپلەر قالدى بىر چەتتە.

سىلەرگە ماددى خالتام يوق مەنىۋى خالتام شۇدۇر دوسلۇرۇم،
بەزىلەر بەك-بەك ئۇزاپ كەتتى؛بىز يەنە ئۇيقۇدا جىنىم دوسلۇرۇم،
ئويغۇنۇش ئاچقۇچى ئىزدەپ ئۇلارغا،خىلى خىلى قايغۇردۇم،
پەن-مائارىپ بىلىم ھەممىدىن ئەلا دىدىم،مەخسىتىم شۇدۇر دوسلۇرۇم،
ھەممەڭلاغا سالامىم شۇ ؛‹‹ئىزدىنىش››قالدى گەپ يار يۆلەكتە،

ئىزدىنىش ئىز ئۈچۈن،بەلكى ئۆزىمىز ئۈچۈن دوسلۇرۇم،
ياق،ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەمەس بەلكى كىيىنكىلەر ئۈچۈن دوسلۇرۇم،
ماددى بايلىق بولىدۇ يوقايدۇ توزۇيدۇ ھامان دوسلۇرۇم،
مەنىۋى بايلىق بولىدۇ توزىماس كۆمۈلمەس دوسلۇرۇم،
قىنى قولۇڭلار تۇتاشسۇن بىرگەئالغا سىلجىيلى قالمايلى غەپلەتتە،

مەنبە ؛ ئۆز قەلەم  بۇ يازمىنى ئاخىرىدا world تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-6 23:31
|