13يېشىدا ياتلىق قىلىنغان قىز

بۇ بىر ئەمەلى بولغان ۋەقە(لىكىن مەن بىلەن ئالاقىسى يوق!)
_ئايگۈل!....توختىغىنا!
ئاكام شۇنداق ۋارقىرىغىنىچە كەينىمدىن يۈگۈرۈپ يىتىشەلمەيۋاتاتتى.
_نىمە بولدى؟تىز بولساڭ يىتىشەلەيسەن!_دىدىم مەن كەينىمگە قاراپ كۈلۈپ.
_بولدى مەن يىڭىلدىم توختا!
مەن ئاكامنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈشۈمدىن توختاتتىم.ئاكام ماڭا يىتىشىپ كەلگەندىن كىيىن ماڭا قاراپ ئالىيىپ:
_ۋاي توۋا! مەن ئۆمرۈمدە سەندەك قىزنى كۆرمىگەن جۇمۇ!
_ئۇنداق دىمىگىنە!
_راس ئەمەسمۇ؟جاھاندا نەدىمۇ ئۆزىدىن ئىككى ياش چوڭ ئاكىسىنى كەينىدە قالدۇرۇپ يۈگۈرگىنىنى كۆرمىگەن.
_بوپتۇ،سىنىڭ توغرا بولسۇن!لىكىن دەرھال ئۆيگە كىرمىسەك بولمايدۇ!مىھمان كەپتۇدەك....
_سىنى دەپ كەلگەن مىھمانغا مەن نىمىگە ئالدىرايتتىم..._ئاكام غودوڭشىدى.
_نىمە دەۋاتىسەن؟مىنى دەپ كەلگەن قانداق مىھمانكەن ئۇ؟
_بولدى...بولدى!ماڭ ئۆيگە كىرەيلى...مىھمانلارغا نان ئەكىرگىلى چىقىپ ھېلىمۇ نەۋاق...
بىز ئۆيگە كىردۇق.دەرۋەقە ئۆيدە خېلى كۆپ مىھمان بار ئىدى.مەن ئاپامغا ياردەملىشىپ مىھمانلارغا گۆش قورۇپ،چاي دەملەپ ئەكىرىپ بىرىپ چىقىپ كەتتىم،خېلى ۋاقىتتىن كىيىن مىھمانلار مېڭىشتى.مەنمۇ ئۆيگە كىرىپ قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇپ داستىخاننى يېغىۋىتىپ قارىسام نەچچە بولاق نەرسىلەر تۇرىدۇ،بۇنى مىھمانلار ئەكەلگەندەك قىلاتتى.«توۋا،ئۇلار نىمىشقا نەرسە كۆتۈرۈپ كەلگەندۇ؟»بوپتىلا ئىشىمنى قىلاي،ھېلى ئاپام كىرگەندە ھەممىلا ئىش ئايدىڭ بولىدىغۇ!مەن ئۆيلەرنى تازىلاۋاتسام ئاپاممۇ كىردى.ئۇ ناھايىتى غەلىتە كەيپىياتتا بولۇپ ئادەتتىكى خۇشخۇيلۇقى نەلەرگىدۇر يوقالغانىدى.
_ئاپا،ئۇ مىھمانلار كىملەر؟نىمىگە كەپتۇ؟
_ئۇ مىھمانلارمۇ؟ئۇ....ئۇلار مىنىڭ يېقىنلىرىم،مىنى ئاغرىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلاپ يوقلاپ كەپتۇ.
مەن ئارتۇق سوئال سورىمىدىم.بىردەمدىن كىيىن داداممۇ گۆشلەرنى تۆگىتىپ بولغان بولسا كىرەك كىرىپ كەلدى.
_قىزىم،ماڭا ئازراق تاماق قىلىپ بەرگىنا؟_دىدى دادام چاپىنىنى سېلىۋېتىپ،_قورسىقىم ئەجەپ ئاچتى دىسە!
مەن «ماقۇل»دەپ جاۋاب بىرىپ بولغۇچە ئاپام:
_ھە ئايگۈل،سەن بېرىپ سەي-كۆكتات ئېلىپ كەل!تاماقنى مەن قىلىپ بىرەي._دىدى ئاپام قولۇمغا ئەللىك يۈەننى تۇتقۇزۇپ.
مەن «ئۆيدە ھەممە سەي-كۆكتات تولۇق»دىمەكچى بولۇپ گېپىمنى يۇتىۋەتتىم.چۈنكى دادام بەكلا ئاچچىقى يامان ئادەم بولۇپ،بىر گەپنىڭ يەنە تەكرارلىنىشىنى پەقەتلا ياقتۇرمايتتى.شۇڭىلاشقا ئاستا ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتىم.ماي ئايلىرىنىڭ بېشى بولغاچقا ئەتراپ ناھايىتى گۈزەل،ھاۋامۇ بۆلەكچىلا ساپ ئىدى.مەن بۇ گۈزەل مەنزىردىن ھۇزۇرلانغاچ ئۆيىمىزگە يېقىنلا بولغان سەي بازىرىغا كىرىپ ئايلاندىم.ئالىدىغان سەي-كۆكتاتنىمۇ بىلمىگەچكە يېرىم سائەتچە ئايلىنىپ،ئازراقلا تۇرۇپ،ياڭيۇ ئېلىپ ئۆيگە كىردىم.لىكىن ئۆيدىكى كەيپىياتقا قاراپ ھەيرانلا قالدىم.ئاپامنىڭ كۆزلىرى ياش يۇقى تۇراتتى. دادامنىڭ بولسا كۆز جىيەكلىرى قىزىرىپ كەتكەن.مەن يەنىلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئاپامغا ئاشقان پۇلنى بەردىم،لىكىن ئاپام «يېنىڭىزدا تۇرسۇن»دەپ ئۇنىمىدى.ئادەتتىمۇ مەن ئۈچۈن ئەللىك،يۈز سوم دىگەن ھېچ نىمە ئەمەس ئىدى.دادام قاسساپ بولسىمۇ،تۇرمۇشىمىز ھەر ھالدا باياشات ئىدى.مۇشۇ كۈنگىچە پۇلدىن قىسىلىپ قالغان يىرىم يوق.لىكىن دادامنىڭ ئالدىدا ئەركىلەپ باققىنىممۇ يوق.دادام بۇرۇندىنلا قىز بالىغا خوشى يوق ئادەم بولۇپ،مىنى تۇققاندىمۇ كۆتۈرگىلى ئۇنىماپتىكەن.لىكىن ئۇ يەنىلا مىھرىبان دادا دەپ ئويلايمەن.بىز تۆت بالا ئىككى قىز،ئىكى ئوغۇل،مىنىڭ بىر ئاكام بىر سىڭلىم،بىر ئىنىم بار.بۇ يىل ئون ئۈچ ياشقا كىردىم.لىكىن مەكتەپتە ئوقۇمايمەن.ئاپام ئىنىمنى مەن ئالتىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا تۇققان ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغىلى ئادەم بولمىغاچقا مەن خەۋەر ئېلىپ ئۇكامنى بېقىشىپ بىرىپ،مەكتەپتىن قېپقالغان.مانا ھازىرغىچە ھەر كۈنۈم ئادەتتىكىدەكلا تاماق ئىتىش،ئۆي تازىلاش بىلەنلا ئۆتىدۇ.باشتا بۇ تۇرمۇشتىن بىزارلىق ھېس قىلاتتىم لىكىن ھازىر كۆنۈپ قالدىم...
ئۆيدىكى مۇشۇ خىل سۇس كەيپىياتتا بىر ھەپتە ئۆتتى.بۇ كۈنلەردە بەك بىئارام بولدۇم.يا ئاپامنىڭ يا دادامنىڭ كۈلگىنىنى كۆرمەي كۈن ئۆتكۈزۈش ھەقىقەتەنمۇ ئوڭاي ئىش ئەمەس ئەلۋەتتە.بۈگۈن كۈنگە شەنبە بولغاچقا،دادام دوكاندا ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كىتىدۇ.شۇڭا بىز تاماقنى كىيىنرەك ئىتىشنى پىلانلاپ توققۇز يېرىم بولغاندا تەييارلىق قىلىشقا باشلىدۇق.تاماق پىشاي دىگەندە ئىشىك يىنىك ئۇرۇلدى.مەن دەرھال چىقىپ ئىشىكنى ئاچتىم. ئىشىك ئالدىدا ئۆتكەن شەنبەكۈنى كەلگەن مىھمانلار تۇراتتى.مەن ئىنتايىن ھەيرانلىق ھېس قىلغان بولساممۇ ئۇلارنى ئۆيگە باشلىدىم. ئاپاممۇ ئۇلارنى كۆرۈپ مەندىن بەكرەك ھەيران بولدى.
_قىزىم مېڭىڭە چىقىپ دادىڭىزنى چاقىرىۋېتىپ دۇكاندا سىز تۇرۇپ تۇرۇڭ!
مەن يۈگۈرۈپ دىگۈدەك دادامنىڭ يېنىغا چىقتىم.
_دا...دادا ئاپام سىنى ئۆيگە كىرسۇن دەيدۇ...
_نىمە بوپتۇ؟_دىدى دادام قاپاقلىرىنى تۈرۈپ،_بۈگۈن شەنبە تۇرسا مېنى سودا قىلغىلى قويمامدىكەن؟
_مىھمان كەلگەنتى،ئۆتكەن ھەپتە كەلگەن مىھمانلار!
دادام بۇ سۆزۈمنى ئاڭلاپ «دۇكانغا قارىغاچ تۇرۇڭ »دەپ قويۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.مەن بۇ قېتىم تېخىمۇ ھەيران قالدىم،بۇلارنىڭ گەپ سۆزلىرى نىمانچە غەلىتىدۇ،بىردەم ئېچىلىپ،بىردەم تۇتۇلۇپ،بۇ مىھمانلار زادى نىمىگە كەلگەندۇ؟مىنىڭ خىيالىمغا ئاكامنىڭ ھېلىقى كۈنى قىلغان گېپى ئىسىمگە كىلىپ قالدى.ئەجەبا ئۇ مىھمانلار مىنى دەپ كەلگەن بولسا ،نىمىشقا كىلىدىغاندۇ؟مەندە نىمە ئىشى باردۇ؟ئەجەبا مىنى سوراپ كەلگەنمىۇ؟ياق!مۇمكىن ئەمەس مەن تېخى كىچىكقۇ!مەن خىياللىرىمدىن نېرى بولۇش ئۈچۈن ئۇدۇل تاللا بازىرىدىكى دوستۇمنى چاقىرىپ پاراڭلىشىپ تۇردۇم.گەرچە مىنىڭ قولۇقۇم ئۇنىڭ سۆزىدە بولسىمۇ خىيالىم يەنىلا ۇ ئىشتا ئىدى.دادام ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كىيىن چىقتى.ئۇنىڭ چىرايى باشقىچە بولۇپ خۇشال بولغاندەكمۇ، كۆڭلى يېرىم بولغاندەكمۇ قىلاتتى.ئۇ ماڭا قاراپ:
_قىزى،ئاپىڭىزنىڭ سىزگە دەيدىغان سۆزى بار ئىكەن،چاقىرۋاتىدۇ چاققان كىرىڭ.
مەن نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردىم.بۇ قېتىممۇ ئاپامنىڭ كۆزلىرى ياش يۇقى ئىدى. ئۇ مىنى كۆرۈپلا يېشىنى سۈرتۈپ،مىنى يېنىدا ئولتۇرۇشۇمنى شەرەتلىدى.
_ئاپا سىزگە نىمە بولدى؟ئۇ مىھمانلار كىم؟نىمانداق ئۇلار كەلسىلا يىغلايسىز؟_دەپ سورىدىم مەن تاقەتسىزلىنىپ.
_ئۇ....ئۇلار ....قىزىم مەن سىزگە بىر مۇھىم گەپنى ئېيتماقچى،گېپىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭ!ئۇ مىھمانلار دادىڭىزنىڭ يېقىن بۇرادىرىنىڭ ئۆيىدىكىلىرى ئۇلار ئوغلىغا سىزنى سوراپ كەپتىكەن.دادىڭىزنىڭ«كىم ئاۋۋال سوراپ كەلسە مەندىن سورىمايلا بەرگىن»دىگەنلىكى ئۈچۈن ھەم ئۇلار بەك ياخشى ئادەملەر بولغانلىقىنى دەپ قوشۇلغان ئىدۇق.ئۇلارمۇ ئىككى،ئۈچ يىل ساقلايدىغان بولغان.لىكىن ئۇلار بۈگۈن توينى كىلەر ھەپتە مۇشۇ كۈندە قىلساق دەپ بەك چىڭ تۇرۇۋالدى.سىزنى كچىك دىسەك«ئۆزىمىز قىزىمىزدەك ئەتىۋارلاپ چوڭ قىلىۋالىمىز »دپ تۇرۇۋالدى.بىزمۇ ئامالسىز قوشۇلدۇق.ئۇلار تويلۇقنىمۇ ئېلىپ كەپتۇ.شۇڭا....
ئاپامنىڭ كىيىنكى سۆزلىرى پەقەتلا قولۇقۇمغا كىرمىدى.كۆزۈمدىن ياش يامغۇر تامچىسىدەك چۈشىۋاتاتتى.ئاپام بۇ ھالىمغا قاراپ مىنى قۇچاقلاپ تېخىمۇ يىغلاپ كەتتى.مەن ياقمۇ دىيەلمىدىم پەقەت سۈكۈت قىلىپ يىغلاپ تۇردۇم.كىيىن ئاپامنىڭ نۇرغۇن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ توي ئۇنچە يامان ئىشمۇ ئەمەسقۇ؟ دىگەن خىيالنى قىلىپ بوپتۇ،توي قىلاي،مۇشۇ ئىش بىلەن بەختىم ئېچىلىپ كەتسىمۇ ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلاپ يىغلاپمۇ يۈرمىدىم.
شۇنداق قىلىپ توي تەييارلىقى باشلىنىپ كەتتى.ئىككى كۈندىن كىيىن مەن دادامنىڭ سىڭلىسىنىڭ باشلىشىدا توي خېتىگە رەسىمگە چۈشكىلى چىقتىم.
خىيالىمدا ئۇنى نۇرغۇن خىياللار بىلەن تەسۋىرلەپ چىقتىم.بىردەمدىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا بولسا ئۇنىڭ مەن خىيال قىلغاندىنمۇ چىرايلىق يىگىت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلادىم.لىكىن ئۇ قاپىقىنى ئېچىپمۇ قويمايتتى. ھەتتا كەلگۈسىدىكى ئايالىم قانداقراقتۇ؟دەپ ماڭا قاراپمۇ سالمايتتى. مەنمۇ ئۇنىڭغا قاراشتىن ئىزا تارتىپ قارىمىدىم.بىز رەسىمگە چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن بىر كاۋاپخانىغا كىرىپ كاۋاپ يەپ بولۇپ خوشلاشتۇق. مىنىڭ ئۇنى كۆرگۈنۈم شۇ بولۇپ قالدى.ئۇندىن كىيىن تويلۇق كىيىم،زىبۇ-زىننەت ئېلىش بىلەنلا بولۇپ كەتتۇق.تويۇم بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانلىكى كىشى «توۋا» دەپ ياقىسىنى چىشلەيتتى.ئەتە توي بولىدىغان كۈنى نەۋرە ئاچام مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەپتۇ.ئۇ مىنى ئادەم يوق ئۆيگە ئەكىرىپ:
_ھەي ئەخمەق!سەن مەندىن بەش ياش كىچىك تۇرۇپ توي قىلامسەن؟قاراپ تۇرۇپ ماقۇل دىدىڭما؟
_ئەمىسە قانداق قىلىمەن ھەدە؟_دىدىم مەن يىغلامسىراپ.
_ھەي.....بۇ ئاتا-ئاناڭنى زە!ئەتە نىمە كىيىسەن؟
_بىلمەيمەن؟
_نى....نىمە؟بىلمەيمەن دىدىڭما؟توۋا مانى ئەتە سىنىڭ بۈشۈك تويۇڭ ئەمەس ھاياتىڭدىكى ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش بولىدىغان توي كۈنۈڭ!يەنە بىلمەيمەن دىگىنىنى!توي كۆينەك كىيمەمسەن؟
مەن ھەيرانلا قالدىم ئالدىراشچىلىقتا بۇنىمۇ ئويلاشماپتىكەنمەن ئەمەسمۇ؟توۋا ئادەم بەزى ئىشلارغا بەك ئالدىراپ ئىتتىك قىلىپ كەتسە كالۋالىشىپ كىتىدىكەن دىىسە!
_ھەدە،ئەمىسە قانداق قىلاي؟
_قانداق قىلاتتىڭ!ماڭە داداڭنىڭ يېنىغا چىقىمىز!
_بولدى مەن چىقمايچۇ!ئىزا تارتىدىكەنمەن!
_بوپتۇ ئەمىسە،مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپ تۇر!مەن چىقىپلا كىرىمەن!
ھەدەم ھايال بولمايلا كىردى.
_ھەدە دادام نىمە دىدى؟
_مانا مىڭ يۈەن پۇل بەردى،تۇرە!ھۆسۈن تۈزەش ئورنىغا چىقىمىز!
_مەن چىقمىسام بولمامدۇ؟
_توۋا سەن كاللاڭدىن كەتتىڭمۇ يا؟سەن چىقمىساڭ توي كۆينەكنى مەن كىيىپ بېقىپ، يۈزۈمنى يۇيغۇزۇپ....ئىشقىلىپ سەن قىلىدىغان ھەممە ئىشلارنى مەن قىلىپ كىرەمدىم؟
_شۇنچە كۆپ ئىش بارمۇ؟
_ۋاي!بولدى،سۆزلىمىگىنە!مىنى جىلە قىلىپ،بولە تىز!
ئەمدى بۇ قېتىم سۆزلىمەيلا ھەدەمگە ئەگىشىپ ماڭدىم،بىز يولغا چىقىپ بىر تاكسىنى توسۇپ چىقىپ يېقىن ئەتراپتىكى ھۆسۈ تۈزەش ئورنىغا كىردۇق.بىزنى چىرايىنى ئالا-يىشىل بويىۋالغان بىر ئايال كۈتىۋالدى.
_چېچىڭلارنى ياسىتامتىڭلار؟_دىدى ھېلىقى ئايال يالغان ھىجىيىپ.
_ياق،ئەتە بۇنىڭ تويى بولماقچىتى... توي كۆينەك،توي گىرىمىنى مۇشۇ يەردە قىلدۇرايلىمىكىن دىگەن..._دىدى ھەدەم جىددى تەلەپپۇزدا،_ئامال بار ئىتتىك بولسىڭىز!
_نىمە بۇ قىزنىڭ تويى بولامدا؟ئەجەبا؟_ئۇ سۆزىنى ئاخخرىسىنى يۇتىۋەتتى.
_ھەئە.مۇشۇ قىزنىڭ تويى بولىدۇ!ئائىشە ئانىمىزنىڭ توققۇز يېشىدا پەيغەمبىرىمىزگە ياتلىق بولغىنىنى ئاڭلىمىغانمۇ؟
_توۋا خۇدايىم،ئەتە توي بولسا بۈگۈن كەلگىنىڭلار نىمىسى؟
_بولدى...بولدى!بىز توي كۆينەك تاللايمىز!
ئاچام شۇنداق دىگىنىچە توي كۆينەكلەرنىڭ يېنىغا كەلدى.
-يارىغىنىنى تاللا جۇمۇ!
_ماقۇل...
مەن ئۆزۈمگە چىرايلىق كۆرۈنگىنىنى تۇتتۇم،لىكىن قايسىسىنى تۇتسام ئۇ ئايال «بۇ سىزگە چوڭ كىلىدۇ»دەيتتى. ئاخىرى جىلە بولۇپ«بولدى ئاچا،مەن تاللىمايمەن»دەپ تۇرىۋالدىم..ئۇ ئايال ماڭا ئارقا تەرەپكە قويۇلغان سۇس شاپتۇل چىچىكى رەڭلىك ناھايىتى ئوماق بىر توي كۆينىكىنى كۆرسەتتى.مەن ناھايىتى خۇش بولدۇم.كىيىپ باقسام بەك ياراشتى لىكىن كۆكرەك تەرىپى ناھايىتى كەڭ كەلگەن ئىدى.ئۇ ئايال كىيىمگە قاراپ«بۇنىڭ ئامالىنى ئۆزىمىز قىلىمىز»دەپ كۆڭلۈمنى جايىغا چۈشۈردى.ئاندىن كىيىن يۈزۈمنى ھەرخىل سوپۇنلارنى سۈرتۈپ يۇيۇپ بولغاندىن كىيىن،قېشىمنى تەرسە ئەتە ئىششىپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تىغدا قىرىۋەتتى....
ئۇنىڭ ئىشى تۈگىگەندىن كىيىن ھەققىنى ئېلىپ قېلىپ،ئەتە سائەت تۆتكە كىلىپ بولۇشۇمنى تاپىلىدى.بۇ ۋاقىتتا سائەت توققۇزدىن ئاشقان بولۇپ،پۇت-قوللىرىم شۇنداق ئاغرىپ كەتتى.ئۆيگە يەنە تاكسىدا قايتىپ كەلدۇق.ئۆيگە كىرىپلا ھەدەم ئىككىمىز بىللە ئۇيقۇغا غەرق بولدۇق.
بىر ۋاقىتتا ئاپامنىڭ يۈزۈمگە سۆيىشىدىن ئويغۇنۇپ قارىسام سائەت ئالتىدىن ئېشىپتۇ.ھەدەممۇ بەخىرامان ئۇخلاپ يېتىپتۇ.
_ھەدە!ھەدە!تۇرغىن!_مەن ئالاقزادىلىك بىلەن ئۇنى سىلكىپ ئويغىتىشقا باشلىدىم،_بىزنى تۆتتە كىلىڭلار دىگەنتىغۇ؟
_نىمە بولدى؟ئادەمنى ئۇخلىغىلى قويغىنا!نىمە تۆت ئۇ؟...._ئۇ ئويغىنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.
_ھەي!بۈگۈن مىنىڭ تويۇم!
ئۇ مىنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپلا چۆچۈپ تۇرۇپ كەتتى.
_ۋاي توۋا سائەت قانچە بوپتۇ؟
_ئالتىدىن ئېشىپتۇ!
_دەرھال بول!ناماز ئوقۇپ ماڭايلى!
بىز تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن،ئالدىراپ ماڭدۇق.
ئۇ ئايال سائەت تۆتتە كىلىپ بىزنى ساقلاپ ئولتۇرغان بولسا كىرەك،قاپاقلىرى ساڭگىلاپ كەتكەن ئىدى.ئۇ ئارتۇق سۆزلىمەيلا چېچىمنى ياساپ گىرىم قىلىشنى باشلىۋەتتى.بۇ ئىشلار سائەت ئون بىرلەردە ئاياغلاشتى.ئۇ ۋاقىتقىچە دادام نەچچە قېتىم تېلىفون قىلىپ،مىھمانلارنىڭ مىنى سوراۋاتقانلىقىنى، ئىتتىكرەك كىرىشىمنى ئېيتتى.بىزمۇ بۇ ئىشلار تۈگىشى بىلەنلا رەسىمگە چۈشۈۋېلىشنىمۇ ئۇنتۇپ تاكسى توسۇپ ئۆيگە ماڭدۇق.ھەدەم مىنىڭ بېشىمغا چوڭ ياغلىقتىن بىرنى ئارتىپ قويدى.تاكسىدىن چۈشۈپ ئىشىك ئالدىغا قارىسام ماشىنا.موتىسكىلىتلار دۆۋلىنىپ كىتىپتۇ.ھويلا-ئاراملاردىمۇ لىپمۇلىق مىھمان بار.مەن ياغلىق ئىچىدىن ھەممىنى كۆرۈپ ماڭدىم.ھەدەمنىڭ باشلىشىدا ئەڭ تۆردىكى ئۆيگە كىرىپ ئولتۇردۇم.شۇ ۋاقىتتىلا «ئۇھ»دەپ دېمىمنى ئالاي دىيىشىمگىلا ئۇرۇق-تۇققانلار بىردىن،ئىككىدىن ئۈزۈلمەي كىرىشكە باشلىدى.ئەمدى مەن تېخىمۇ چارچاپ كەتتىم.بىردەمدىن كىيىن ئۇلارنىڭمۇ ئايىقى ئۈزۈلدى.
_ئايگۈل،دوسلىرىڭ كەلمەيدىغۇ؟_دىدى ھەدەم ھەيرانلىق بىلەن ئەتراپقا قاراپ،_دوسلىرىڭ يېنىڭدا بولمىسا قانداق بولىدۇ؟
_مەن ھېچكىمنى چاقىرمىسام....
_ھەي كالۋا!توينى ئۆزۈم يالغۇز ئۆتكۈزەمدىمكىن دىگەنمىتىڭ؟
_ياق.مەن يا بۇرۇن توي قىلىپ باقمىسام،نىمە بىلەي؟يا بىرەرسىنىڭ تويىغا بېرىپ يېنىدا تۇرۇپ باقمىسام.....
_ھەي،بۇ داداڭ سىنى ئەرگە بىرىپ نىمە قىلاي دەپتىكىن تاڭ؟كىيىنچە نىمىمۇ قىلارسەن؟
ھەدەم شۇنداق دىگىنىچە تېلىفون ئۇرۇشقا باشلىدى.
_بۈگۈن سىڭلىمنىڭ تويى بولاتتى.بىكار بولساڭ كەلگىنا....
......
......
بىرەر سائەتتىن كىيىن ھەدەم بىلەن تەڭتۇش قىزلاردىن تۆت قىز بالا ئۆيگە كىتىپ كەلدى.ئۇلار مىنىڭ مۇبارەكلىگەندىن كىيىن ئۇسۇل،دىسكو ئويناپ كۆڭۈل ئېچىشنى باشلىۋەتتى....
مەن بۇرۇن «تويىڭىزدا تويارسىز»دىسە نىمىگە تويىدىغاندۇ؟دەپ بىلمەپتىكەنمەن.ئەمدى ھېس قىلدىمكى،ئادەم ھېرىپ-چارچاپ،قورسىقى ئېچىپ،... ئىشقىلىپ نۇرغۇن ئىشلاردىن توي قىلغىنىغا تويۇپ قالىدىكەن.مەن شۇ ئولتۇرغىنىمچە، نىكاھ ئوقۇش باشلانغاندا ئورنۇمدىن تۇردۇم.موللامنىڭ دىيىشىچە توي كۆينەك كەيسە نىكاھ يۇقمايمىش، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن توي كۆينىكىمنى سېلىۋېتىپ تويلۇققا ئالغان ئۇزۇن كۆڭلىكىمنى كىيىۋالدىم. نىكاھ ئوقۇش باشلانغاندا توي قىلمىغانلار تۇرسا بولمايدۇ دەپ ھەدەممۇ چىقىپ كەتتى. ئۆيگە ساپلا توي قىلىپ بولغان قىز-چوكانلار يېغىلىپ قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ پىچىرلىشىلىرىدىن بىرەر نەرسىنىمۇ ئىنىق ئاڭلىيالمىدىم. بىردەمدىن كىيىن يېنىمدىكىلەرنىڭ«قۇبۇل قىلدىم»دەڭ دىيىشلىرىدىن تەمتىلەپ ئارانلا دىدىم.
ئاپام يېنىمغا كىرىپ مىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى.مەنمۇ ئاپامغا قاراپ ئۆزەمنى تۇتالماي يىغلاپ تاشلىدىم.يېنىمىزدىكىلەر بىزگە تەسەللى بەرگەندىن كىيىن،قىزلار مىنىڭ يۈزۈمگە چوڭ ياغلىقتىن بىرنى يېپىپ قويۇشتى.بىردەمدىن كىيىن ئاپامنىڭ ئىنىسى كىرىپ مىنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى.بۇ ۋاقىتتا بۇ ئۆيدىن چىقىپ كىتىدىغانلىقىم، ئەمدى يات بىر ئادەمنىڭ ئادىمى بولغانلىقىم ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىپ ئاندىن ئۆز ئۆيۈمگە كىلەلەيدىغىنىمنى بىلمىگەچكە، پەقەت بىچچارە ئانامنىڭ يېنىمدا يىغلىغىنى ئىسىمگە كىلىپ يىغلاپ ماڭدىم.ئاكام مىنى ھەر خىل گۈللەردە بىزەلگەن ماشىنا ئىچىگە سېلىپ مەن بىلەن خوشلاشتى.يېنىمغا مىنى ئالغان يىگىت ياق ھازىر يولدىشىم،چىقىپ ئولتۇردى.شوپۇر يېنىغا ھەدەم چىقتى.نەلەرنى ئايلاندۇقكىن تاڭ؟بىر ۋاقىتلاردىن كىيىن ماشنا توختاپ ھەيۋتلىك بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ توختىدى.ھەدەم مىنى ئاستا ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ سول تەرەپىمنى تۇتۇپ،يولدىشىم بولسا ئوڭ تەرىپىمنى تۇتۇپ ماڭدى.ھويلا ئىچىدىمۇ ئادەم ناھايىتى كۆپ ئىدى. بىز چوڭ بىر مىھمانخانا ئۆيگە كىردۇق. بۇ ئۆي ناھايىتى چىرايلىق بىزەلگەن بولۇپ ئادەمگە ئازادىلىق تۇيغۇسى بىرەتتى.بىز ئۆينىڭ تۆرىگە بېرىپ ئولتۇردۇق.بىردەمدىلا مىھمانلارمۇ كىرىپ بولدى.ئالدىمىزغا چاي قۇيۇلۇپ بولغاندىن كىيىن، باشقىلار«يۈزىنى ئاچامدۇق ياكى ئوراپ يۈرەمدۇ؟»دەپ سوراشتى.بۇ سۆزنى ئاڭلاپ بېشىمنى بىر قاپاق سۇ قۇيغاندەك بولۇپ كەتتىم. ئەگەردە ماقۇل دەپلا قالسا يۈزۈمنى ئوراپ ئۇزۇن كىيىمىم بىلەن ئۇنىڭ ئاپىسىدەك بولۇپ قالاتتىم.لىكىن ئۇ ئۈندىمەي تۇراتتى. مەن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ ئۇنى نوقۇپ قويدۇم،ئۇ «كىيىنچە ئورۇسۇن،ھازىرچە مەيلى»دەپ جاۋاب بەردى.ئاپىسى بولسا كىرەك،يېنىمغا كىلىپ يۈزۈمنى ئېچىپ«پاھ!ئوغلۇم چىرايلىقمىكىن دىسەم،كىلىن قىزىم تېخىمۇ چىرايلىقكەن!»دەپ پىشانەمگە سۆيۈپ قويدى. لىكىن بۇ ئايالنىڭ چىرايىدىن مۇز يېغىپ تۇراتتى.مەن ئۇنىڭغا دەسلەپ قاراپلا قورقۇپ قالدىم.ئەتراپتا ھەممىلا ئدەم ماڭا نەزەر سېلىپ تۇراتتى.مەن بېشىمنى كۆتۈرەلمەي، يەرگە قاراپ تاكى ياتاق ئۆيگە ئەكىرىپ قويغۇچە ئولتۇردۇم.
مەن بىلەن بىللە دادامنىڭ ئىككى سىڭلىسى بىللە قالغان ئىدى. ئۇلار مەن بىلەن بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن «قىزىم،قورقماڭ،بىز مۇشۇ يەردىلا ئەتە سەھەردە كىرىمىز»دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.مەنمۇ ھېچ ئىش بىلمىگەچكە ھاردۇقۇمنى ئېلىش ئۈچۈن يوتقان-كۆرپىلەرنى سېلىپ ياتاي دەپ تۇرسام يولدىشىم كىرىپ كەلدى.«توۋا بۇ نىمە دەپ كىرگەندۇ بۇ ئاخشامدا؟»دەپ ئويلىدىم.
_ماڭا سۇ ئېلىپ چىقىپ بىرە!_دىدى ئۇ بەخىرامان،_ئۇسساپ كەتتىم.
_ماقۇل.
بۇ ئۆي ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يېقىن بولۇپ ئارىدا ئىككى ئۆي ئارىلىق بار ئىدى.بەلكىم بۇ چوڭ ئۆينى ئۇنىڭغا سېلىپ بەرگەن بولسا كىرەك. مەن ئۈستەلدىكى ئىستاكاننى ئېلىپ،ئۇنىڭغا سۇ ئەكىرىپ بەردىم.ئۇ سۇنى ئىچىپ بولۇپ «ھېرىپ كەتتىم»دەپ تورۇسقا قاراپ ياتتى.
_ھەي،بۇ كىچىدە سىزگە مەن ياتىدىغان ئۆيدە نىمە بار؟مىڭە چىقىپ كىتىڭ!_دىدىم مەن دومسىيىپ.
ئۇ بۇ سۆزىمدىن كۈلۈپ كەتتى..................
...............
ئەتىسى پۇت-قولۇمدا ماغدۇرۇم يوق،ھاردۇقنىڭ دەستىدىن ماڭالمايلا قالدىم.سائەت ئوندىن ئاشقامدا ئاپاملا كەلدى. مەن ئاپامنى قۇچاقلاپ يىغلىغۇم بولسىمۇ ئۆزۈمنى بېسىۋېلىپ كۆرۈشتۈم.دادام بىلەنمۇ خىجىللىق ئىلكىدە ئارانلا كۆرۈشتۈم.ئاپاملا مىھمان بولغاندىن كىيىن مېڭىشقا تەمشەلدى.مەنمۇ كىچىكلىكىمدىن ئاپام بىلەن تەڭ مېڭىپتىمەن. باشقىلار مىنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۆرۈپ كۈلۈپ كىتىشتى. بىچچارە ئاپام بولسا«سىز بۇندىن كىيىن يولدىشىڭىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ ئاندىن ئۆيگە بارىسىز قىزىم»دەپ كىتىپ قالدى.مەنمۇ ئۈنسىز يىغلاپ ھوقۇر ئۆيگە كىرىپ ئولتۇردۇم.بۈگۈن ئىچىمنى ئەڭ سىققىنى كىيىملىرىم بولدى.ئايىقىمنىڭ پاشنىسى شۇنداق ئېگىز،يوپكام تېخى ئۇزۇن،كۆينەكلىرىمنىڭ يەڭلىرىدىن قولۇمنى كۆرۈش تېخى تەس، ياغلىقىمنى ئالدىمدىن ئارتمىسام تېخى.بۇ ئىشلاردىن جىلە بولۇپ ساراڭ بولايلا دىدىم.ئاپامنىڭ دىيىشىچە بۇلار دىننى ئىتقادى كۈچلۈك ئادەملەرمىش، ئۇزۇن كىيىنىپ يۈرمىسەم بولمايدىكەن....
بىر سائەتلەردىن كىيىن بىزنىڭ ئۆيگە باردۇق. مەن بۇ ناتونۇش مىھمانلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇشتىن ۋاز كىچىپ، ئاپامغا ياردەملىشىشكە چىقتى.لىكىن ئاپام مىنى ئىش قىلغىلى قويمىدى.مەنمۇ بۇ ئۇزۇن كىيىمىم بىلەن سۆرۈلۈپ يۈرۈشنى لايىق كۆرمۈدۈم.كىتەر ۋاقتىمىزدا ئاپام «جېنىم قىزىم،يولدىشىڭىز نىمە دىسە ئاڭلاڭ،ئۇ سىزنىڭ ھالال جۈپتىڭىز، قېيىنئاپا،قېيىنئاتىڭىزنىڭ خىزمىتىنى لايىقىدا قىلىڭ،بىزنى قانداق كۆرسىڭىز ئۇلارنىمۇ شۇنداق كۆرۈڭ، ئەمدى سىز كىچىك بالا ئەمەس،تەنتەكلىكىڭىزنى تاشلاڭ....»دەپ نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى قىلدى.مەنمۇ چوقۇم شۇنداق قىلىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ خوشلاشتىم.
بۇ ئۆيدە بەش جان ئادەم بار ئىكەن،گەرچە بىز ئايرىم ئۆيدە ئولتۇرۇقلۇق بولساقمۇ،تاماقنى بىر ئۆيدە يەيدىكەنمىز. قېيىنئاتام ئېغىر بېسىق كەسكىن ئادەم، ئەكىسچە قېيىن ئاپام ئالدىراڭغۇ،جاھىل،ئادەمدىن قۇسۇر ئىزدەپلا تۇرىدىغان ئايال ئىكەن،ئۇنىڭ ئىككى سىڭلىسى بىر ئىنىسى بار بولۇپ،چوڭ سىڭلىسى ئۇنىڭ بىلەن تەڭتۇش ھەم ياتلىق قىلىنىپ بولغان ئىكەن.كىچىك سىڭلىسى تېخى بۇۋاق بولۇپ تۆت ئايلىق بولغان ئىكەن.مەن بۇ ئۆيدە بىرھەپتە يولدىشىمنىڭ قاتتىق گېپىنى ھېسابقا ئالمىغاندا،ناھايىتى خاتىرجەم ئۆتتۈم.ئىككى كۈندە بىر ئاپامنىڭ يېنىغا باردۇق. لىكىن ئۇلارنىڭ مۇئامىلىسى تەدرىجى ئۆزگىرىۋاتاتتى.قېيىنئاپام ھە دىسىلا ماڭا دوق قىلاتتى.ئۆزۈمنى خۇددى بۇ ئۆيگە ئارتۇقچە ئادەمدەك ھېس قىلاتتىم،يولدىشىمنىڭمۇ ماڭا بىر ئېغىز چىرايلىق گېپىمۇ يوق ئىدى.بىر كۈنى قېيىنئاپام ماڭا ئون دانە يوتقان كىرلىكىنىڭ تورىنى سېلىشنى بۇيرۇپ،بالىسىغا قاراپ قويۇشۇمنى تاپىلاپ كىتىپ قالدى. مەن ؟ئەمدىلا بىر يوتقاننى ئەپلەشتۈرۈپ تۇرۇشۇمغا بوۋاق يىغلاپ كەتتى.ئەكىلىتىم كۆتۈرسەممۇ ئۇنىمىدى. ئۇنىڭغا سۈت تەڭشەپ ئىچكۈزدۈم.ئۇنىڭ يېغىسى پەس بولدى.يەنە بىرنى قىلاي دەپ تۇرسام يەنە يىغلىدى.نىمە بىلدىكىن دەپ قارىسام ئىشتىنىغا تەرەت قىلىۋېتىپتۇ. ناھايىتى تەستە كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشىمنى قىلدىم.ئىككىنى ئەپلەشتۈرۈپ بولۇشۇمغىلا قېيىنئاپام كىرىپ كەلدى.ئۇ مىنىڭ تېخىچە قىلىپ بولالمىغىنىمنى كۆرۈپ ئاچچىقلاپ:
_توۋا،ئەتتىگەننىڭ ياقى ئولتادىڭىزما؟
_ياق ئاپا،بالا يىغلاپ شۇ....
_بۇ بالا بولمىغان بولسا قانداقمۇ باھانە تاپار بوغىتىڭىز؟
_خاپا بولمىسىلا ئاپا،بەك يىغلاپ كەتكەچكە....
_قويىڭە ئۇنداق گەپلىرىڭىزنى!_قېيىنئاپام ماڭا ئالايدى،_بۇ بالىچۇ سىزنىڭ قولىڭىزغا چىقسىلا يىغلايدۇ!
مەن ئۇنىڭ بۇ ناھاق سۆزلىرىدىن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ ئىشىمنى قىلدىم.ئۇ ماڭا يەنە ئالىيىپ تۇراتتى.بىردەمدىن كىيىن قېيىنئاتام كىرىپ كەلدى. ئۇ ماڭا قاراپ:
_ھوي قىزىم نىمە بولدى سىزگە؟
_نىمە بولاتتى،بىكا ئولتۇرۇش تەس كەلدى!_دىدى قېيىنئاپام.
_بۇ نىمە دىگىنىڭ؟_دىدى قېيىنئاتام ھەيران بولۇپ،_نەدىمۇ بىكار ئولتۇرۇپ بولالماي يىغلىغان بار؟
_بىر نەچچە تال يوتقاننى قاپلىۋېتىشىنى ئېيتىپ،زىرىكىپ قالمىسۇن دەپ كۈلۈپ ياتقان بالىنى قويۇپ ماڭسام،«بالا يىغلاپ ئىش قىلغىلى قويمىدى»دەپ ھېچ ئىش قىلماي ئولتۇرۇپتۇ!شۇنىڭغا ئىككى ئېغىز سۆزلىسەم كۆزىنىڭ يۇندىسىنى ئېقىتىپ ئولتۇرۇدۇ شۇ....
_بولدى قىل!_قېيىنئاتام ئاچچىقلىدى_نەدىمۇ بۇۋاق بالىنى ئىش قىلىدىغان ئادەمگە قويۇپ ماڭغان بار؟ سەن«بالىسى بارنىڭ بالىسىنى باققۇچە،ئىشىنى قىل»دىگەننى ئاڭلىمىغانما؟بۇ دىگەنچۇ!كىچىك بالىنى باقماقنىڭ تەسلىكىنى چۈشەندۈرۈدۇ!تېخى زىرىكىپ قالمىسۇن دەپ قويۇپ قويغانمىتىڭ؟سىزمۇ خاپا بولماڭ قىزىم!سىز تېخى كىچىك ئالدىرماي ئۆگىنىۋالىسىز!يىغلىماڭ بولدى،ئاپىڭىزنىڭ ئېغىزى يامان بولغىنى بىلەن كۆڭلى ياخشى!
مەن بۇ سۆزلەردىن قەۋەتلا خوش بوپ كەتتىم.ھەر نىمە بولسا بۇ ئۆيدە بىر ئادەمنىڭ نەزىرىدە بولسىمۇ ئادەمكەنمەن.
توي قىلغىنىمىزغا بىر ئاي بولاي دىدى.لىكىن ئۇ كۈندىن-كۈنگە يامان مىجەزلىك بولۇپ قېلىۋاتاتتى. كۈندە كىچىدە سائەت ئۈچ بولغان چاغلاردا كىرەتتى. ھەم مىنى قورقۇتۇپ«دادامغا دىسەڭ ھەرگىز بوش قويمايمەن »دەيتتى مەنمۇ ئەر دىگەن مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئارتۇق گەپ قىلمايتتىم. ھېچكىمگىمۇ دىمەيتتىم.بەزىدە جۆيلۈپ«رەنا»دەپ ۋارقىراپ سالاتتى. مەن بۇنىمۇ ئېغىر ئالمىدىم.چۈنكى مەن كۈندەشلىكنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتىم. لىكىن ئۇ كۈن ئۆتكەنسىرى ماڭا تەپتارتماي «سەن تەتۈر پىشانە بولمىغان بولساڭ،مەن رەنانى ئالاتتىم!ھەممىنى قىلغان سەن!»دەپ تىللايدىغان بولىۋالدى.مەن يەنىلا چىدىدىم.
ببىر كۈنى ئۆيۈمىزنى تازىلىۋېتىپ قېيىنئاپامنىڭ ئۆيىگە كىرەي دەپ مېڭىپ ئىشىك تۈۋىدە توختاپ قالدىم.ئىچىدىن يولدىشىم بىلەن قېيىنئاپامنىڭ ئاۋازى چىقىۋاتاتتى.
_ئاپا،سىز ماڭا شۇنچە ئامراق تۇرۇپ،بۇ مۆرىمەسنى ئېلىپ بەردىڭىز!
_ياق ئوغلۇم ئۇنى مەن ئەمەس داداڭ ئېلىپ بەردى!مىنىڭغۇ رەنانى ئېلىپ بەرگۈم بارئىدى.
_قانداق قۇتۇلارمەن بۇنىڭدىن؟ھېچ ئىشنى ئۇقمايدۇ بۇ دۆت!
_ئاچچىقىڭنى كەلتۈرسە ئۇرغىن!غىڭ قىلالمايدۇ!يامىنى كەلسە يامانلايدۇ شۇ....
مەن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ يېقىلىپ كەتكىلى تاسلا قالدىم.ھەم ئارتۇق سۆز ئاڭلىماسلىق ئۈچۈن گېلىمنى قىردىم.
_ۋاي،ئايگۈلخان سىرتتا گەپ تىڭشاپ تۇرماي كىرىڭا ئۆيگە!
قريىن ئاپام قىلچە تەپتارتماي مىنى چاقىردى.مەن ئۆيگە كىردىم لىكىن يولدۇشۇم ئىزا تارتىپ چىقىپ كەتتى.قرېيىنئاپام بولسا بەخىرامان:
_ئاڭلىغانسىز؟ئۆزىڭىزنى ئەتىۋارلاپ ھېچ ئىش بىلمەيدىغاندەك بولىۋالغىنىڭىز بىلەن ئېرىڭىز شۇنداق ئۆچ بولۇپ قالىدۇ!
_ئاپا قانداق ئىشنى دەيسىز؟
_يەنە ھىلىگەرلىك قىلىۋاتقىنىنى!بولدىلا سىزگە سۆزلەپ ئاۋارە بولماي!
_ئاپا توختىسىلا مەن كىر يۇياي دىگەنتىم.
_بىكا تۇرۇپ بولالماي ئىش قىلغۇڭىز كىلىپ قالدىما مىڭە ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئەينىكىنى سۈرتۈڭ!
مەن گەپ قىلمايلا ھەممە ئۆينىڭ دەرىزىلىرىنى سۈرتۈپ چىقتىم.
ئەتىسى يەنە قېيىنئاپامنىڭ يېنىغا كىرىپ:
_ئاپا كىر يۇياي دىگەنتىم...
_ۋايجان ئىش تاپالمىغان بولسىڭىزچۇ!ھەممە ئۆيلەرنى بىر قۇر تازىلاپ چىقىڭ!
مەن يەنە بۈگۈن گەپ قىلماي بۇ ئىشلارنى قىلدىم.ئەمەلىيەتتە يۇيىدىغان كىيىملەر يېغىلىپ كەتكەن ئىدى. مەن ئاچچىقىمدا بىر ھەپتىگىچە كىر يۇياي دىمىدىم. بىر كۈنى قېيىنئاپامنىڭ يېنىغا چىقسام كىيىملەرنى يېغىۋېتىپتۇ.
_ئاپا نىمە ئىش قىلىۋاتىلا؟
_كىر يۇيىمەن!
_ئاپا نىمىشقا مىنى چاقىرمىدىلا؟
_قانداق چاقىراي بەزىلەر كىر يۇياي دىمىگەندىكىن ئۆزۈم قىلاي ئەمدى!
_ئاپا خاپا بولمىسىلا خاتالىق مەندە،قويۇپ قويسىلا مەن يۇيۇپ بىرىمەن.
مەن شۇنداق دەپلا كىيىم ئەكىرىش ئۈچۈن ئۆيۈمگە چىقتىم كىيىملەر ھەقىقەتەنمۇ كۆپ يېغىلغان ئىدى.ئاپام بۇ كىيىملەرنى كۆرۈپ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ:
_ۋاي توۋا نىمانچىۋالا كۆپ كىيىم بۇ؟
_كىر يۇيمىغاندىكىن يېغىلىپ قېلىپ.....
_شۇڭىلاشقىمۇ ئۆيىڭىزدىكىلەر بېقىپ بولالماي ئەرگە بىرىپتىكەن سىزنى!
بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرۈگۈمگە خەنجەر تىقىۋەتكەندەك بولۇپ كەتتىم.ئەگەردە قېيىنئاپام بولمىغان بولسا ھەرگىزمۇ بوش قويمايتتىم.لىكىن ئاپام ماڭا نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى قىلغان ئەمەسمۇ؟مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم.
كىر يۇيۇش ئۈچۈن كىرئالغۇغا سۇ قاچىلىغاندا بولاتتى.ئۇنىڭغا سۇ قاچىلاش ئۈچۈن قۇدۇقتىن سۇ ئەكىلىپ قۇيۇش كىتەتتى.مەن بۇ ئىشلارغا قاراپ ئۆيۈمنى ئەسلەپ قالدىم. كىرئالغۇيىمىزنى سۇغا ئۇلاپ كىيىملەرنى سېلىپ قويساق ئۆزى يۇيۇپ،ئۆزى قۇرتاتتى.لىكىن بۇيەردە ھەي....ھەممىلا ئادەمگە ئۆيىدىنمۇ ياخشى يەر يوقكەن.مەن كىرئالغۇغا ئاز ئازدىن سۇ ئەكىلىپ قاچىلاپ ھېرىپ كەتتىم،يەنە داسلارغا سۇ قاچىلىشىم كىرەك ئىدى.مەن ئىش قىلىپ بولالماي ھېرىپ تۇرسام ئىرىمنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
_ھەي ئايگۈل!،ماڭا سۇ ئەكىلىپ بىرە!
_خاپا بولماي ئۆزىڭىز ئەكەلگەن بولسىڭىز مەن سۇنى ئىتتىك قاچىلىۋالمىسام،كەچكە قالىمەن.
_بۇ بىر نىمە پەقەت مىنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىمايدۇ دىسە!
مەن سۆزلەي دەپ بولغۇچە قېيىن ئاپام :
_ۋاي!شىردەك ئوغلۇم!ئاڭلىمىسىچۇ،ئاڭلايدىغىنىنى ئېلىپ بىرىدىغانغا مەندەك ئاپاڭ بار!
ئۇ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ھىجىيىپ چىقىپ كەتتى.لىكىن مەن بىر كۈن كەچكىچە يىغلاپلا يۈردۈم.كىرلەرنى بىر ۋاقىتلاردا يۇيۇپ بولدۇم.ھېرىپ ئۆيگە كىرسەم ئۇ تېلىفوندا سۆزلىشىۋېتىپتۇ.ئۇ قىز بالا بىلەن پاراڭلاشقاندەك قىلاتتى. مەن يەنىلا پەرۋاسىز يېتىپ قالدىم.
ئۇ ماڭا پەقەتلا پۇل بەرگىلى ئۇنىمايتتى.ئۆيگە بارىمەن دەپ تۇرىۋالسام ئون يۈەن بىرەتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا دامنىڭ پۇل دىسەملا نەچچە يۈز يۈەننىڭ كۆزىگە قارىمايلا بىرىدىغىنى يادىمغا يىتىپ يىغلاپ كىتەتتىم.بەزى ۋاقىتلاردا قېيىنئاپام بىر يەرگە كىتىپ قالسا،ئۆيىگە قۇلۇپ سېلىپ قوياتتى.يەيدىغان ھەممىلا نەرسە شۇ ئۆيدە بولغاچقا قورسىقىم ئېچىپ چىدىماي ئاپامغا تېلىفون بىرىپ،ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنى يېنىمدا پارچە پۇلنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىپ تاماق ئەۋەتىشىنى ئېيتاتتىم. ئاپام ماڭا نەچچە يۈز يۈەن پۇل كاۋاپ ئەۋەتەتتى.
كۈنلىرىم بىر خىل رېتىمدا ئۆتۈپ قىشمۇ كىلىپ قالدى.كىيىملىرىم ھەممىسى دىگۈدەك كالتا بولغاچقا،قېيىنئاپام غودۇڭشىپ«ئاپىڭىز قىشنىڭمۇ كىلىدىغىنىنى بىلمەمدىكىن تاڭ؟تويلۇقنىڭ ھەممىسىگىلا يازلىق كىيىم ئاپتۇ!»دەپ ئاچچىقلاپ كەتتى.
مەن ئامالسىزلىقتىن بۇ سۆزنى ئاپامغا ئېيتىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئاپام دادامغا ئېيتقان ئىدى،دادام ئارتۇق سۆزلىمەيلا بەش مىڭ يۈەن بەردى.ئاپام ئىككىمىز بازارغا كىرىپ نەچچە قۇر كىيىم ئالدۇق.مەن بۇ كىيىملەرنى ئېلىپ بېرىپ قېيىنئاپامغا كۆرسەتكەن ئىدىم.«ئېلىپ بەرگەن بولسا ئاپىڭىزنىڭ ئۆيىدە كىرەسىز»دەپ قويدى.مەن بۇ سۆزدىن مەڭدەپلا قالدىم.
قۇربان ھېيىتقا ئاز قالغان ئىدى.نىمىشقىكىن قورسىقىمنىڭ تۆۋىنى چىڭقىلىپ ئاغرىدىغان بولىۋالدى.ئاپامغا ئېيتقان ئىدىم.دوختۇرغا ئاپاردى دوختۇر تەكشۈرگەندىن كىيىن «بالدۇر ياتلىق قىلىپ خاتا قىلىپسىلەر..........»دەپ نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدى.شۇنىڭ بىلەن داۋالىنىشقا مەجبۇر بولدۇم. دوختۇرخانىدا ياتقان خىراجەتنى ئاتا-ئانام كۆتۈردى. قېيىنئاتام يىراق سەپەرگە چىقىپ كەتكەچكە ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز ئىدى. بۇ كۈنلەردە يولدىشىم بىر قېتىم،قېيىنئاپام ئىككى قېتىم كۆرگىلى كەلدى.گەرچە ئون بەش كۈن ياتقان بولساممۇ ئۇلار بەخىرامان يۈردى.لىكىن ئاپام،دادام يەنىلا ئېغىر ئالمىدى. ھېيت يىتىپ كەلدى. كىيىمنىمۇ ئاپاملار ئېلىپ بەردى. ئۇلار مىنى ئېلىپ كىتىشكە كەلمىدى.ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇلار ھېيتلاپلا مىنى ئالماي كىتىپ قېلىشتى.ئارىدىن ئون نەچچە كۈن ئۆتتى يەنە كەلمىدى.دادام ئاپامغا ئاچچىقلاپ«قىزىڭنى نىمانچە ساقلايسەن!ماڭ ئاپىرىپ قوي»دەپ بىزنى يولغا سالدى. گەرچە بىزدە ھېچقانداق گۇناھ بولمىسىمۇ ئاپام قېيىنئاپامنىڭ ئالدىدا بېشىنى كۆتۈرمەي ئولتۇراتتى.ئاپامنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ ئۆزۈمنىڭ قىز بولۇپ قالغىنىمدىن ئاپامنى مۇشۇنچىۋالا خورلۇققا قويغىنىمدىن يۈرۈگۈم زار-زار يىغلاپ كەتتى.ئاپام مىنى قويۇپ كىتىپ قالدى. ئارىدىن ئون بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن مەن قېيىنئاپامنىڭ يېنىغا كەچۈرۈم سورىغىلى چىقسام ئۇ ھويلىلارنى سۈپۈرۋېتىپتىكەن. يېنىغا بېرىپ:
_ئاپا ئەكەلسىلە،مەن قىلاي._دىدىم.
_قىلىپ بولدۇم!مىڭە بېرىپ ئانىڭىزنىڭ ئىشىنى قىلىپ بىرىڭ.
مىنىڭ ئېغىزىم تۇتۇلۇپلا قالدى.بىردەمدىن كىيىن ئۇ ئىشىكلەرنى تاقاپ «چىقىڭە مەن بىر يەرگە بارىمەن!»دەپ مىنى ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتتى.مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە كىرەي دىسەم ئىشىك قۇلۇپلاقلىق مەندە ئاچقۇچ يوق.شۇنىڭ بىلەن قاراپ ئولتۇردۇم.ئىشىك تۈۋىدە نامازشامغىچە ئولتۇردۇم لىكىن ھېچكىم كەلمىدى.ئاخىرى توڭلاپ چىدىماي ئۆيۈمگە كەلدىم. ئۆيگە كىرسەم ھەممەيلەن ئىسسىق مەش تۈۋىدە ئولتۇرۇپتىكەن.ئۇلارنى كۆرۈپلا تۆكۈلۈپ يىغلاپ كەتتىم.ئاپام داداملارغا بولغان ئىشنى سۆزلەپ يىغلاپ كەتتىم.بۇ ھالىمغا قاراپ ئاپام يىغلاپ :
_كۆردىلىمۇ!مىنى مەجبۇرلاپ ئەۋەتىلا!قىزىمىزنى يەنە قوغلىۋېتىپتىغۇ!ئەجەبا بىر قىزىمىزنى باقالماسمىدۇق!
دادام ئۈنسىز ياش تۆكۈشكە باشلىدى.
مەن ئەمدى ئۆيدە تېخىمۇ خاتىرجەم كۆڭۈلۈك كۈن كەچۈرۈشكە باشلىدىم.ئارىدىن ئون كۈن ئۆتكەندىن كىيىن قېيىن ئاپام توي خېتىمىزنىڭ ساختىلىقىنى ئاجرىشىش ئۈچۈن ئاۋارە بولمىساقمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.بىزمۇ خاتىرجەم بولدۇق.ئەتىسى قېيىنئاتام يولدىشىمنى ئېلىپ كەپتۇ.ئۇ ئۆيدىكىلەردىن مەندىن كەچۈرۈم سورىغاندىن كىيىن، مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن چىقىپ پاراڭلىشىپ كىرىشىمنى ئۆتۈندى.مەنمۇ ئامالسىز قوشۇلدۇم.
ئۇنىڭ قاپىقى يەنىلا تۈرۈك ئىدى. ئۇ بىر ئېغىزمۇ گپ قىلمىدى.مەن ئۇنىڭ بۇ ھالىتىدىن چوقۇم خاتا قىلغىنىنى بىلگەن بولسا كىرەك.دەپ ئويلاپ:
_نىمە ئۈچۈن كەلدىڭلار؟_دەپ سورىدىم.
_نىمىشقا بولاتتى؟سىنى ئەكەتكىلى ئەجەپما قۇتۇلالمىدىما سەندىن!
_نىمە؟قۇتۇلالمىدىم!بىلىپ قويۇڭ!مەن سىزگە تىگىمەن دەپ بارمىغان ئالىمەن دەپ كەلگەن ۋاقتىڭىزدا تەككەن مەن!خىيالىڭىزدا مىنى ئولتۇرغىسى بار دەپ ئويلاپ قالدىڭىزما؟مەنمۇ سىزدەك ئادەمدىن بىزار!
ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا ھەممىنى دەۋەتتىم.
_شۇنداقمۇ؟ئەمىسە ئۈچ تالاق!يوقال!
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۆرۈلۈپلا كىرىپ كەتتىم.ئەمدى مەن ئۇنىڭ قانۇنى ھەم ئىسلام جەھەتتىنمۇ ئايالى ئەمەس ئىدىم.ئۆيگە كىرىپلا ئۆيدىكىلەرگە بولغان ئىشنى ئېيتتىم.قېيىنئاتام ئاچچىقلاپ:
_سەپەرگە كەتكىنىمنىڭ كاساپىتى ھەممىسى!رازى بولۇڭ قىزىم!ھەر قايسىڭلارمۇ رازى بولارسىلەر!خەپ بۇ ياغاچ قۇلاقنى!_دەپ نۇرغۇن ئۆزرە ئېيتپ كىتىپ قالدى.مەن خۇددى قەپەزدىن چىققان قۇشتەكلا بولۇپ قالدىم.ئەمدى بۇندىن كىيىن داداممۇ مىنى توي قىلىسەن دەپ مەجبۇرلىمايدىغان بولدى.ئاللاھ خالىسا ئاتا-ئانامنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقىپ ،ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۆتىمەن.بەلكىم ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشنىڭ ھەممىسى ئۇنداق ئەمەستۇ!لىكىن ماڭا ھېچقايسىسى كىرەك ئەمەس!ماڭا پەقەت تىنىچ خفتىرجەم تۇرمۇشلا كىرەك!
2011-يىلى2-ئاينىڭ 16كۈنى(خوتەن)
مەنبە:قەلىمىم
ئىز تورى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە
سالام ھۆرمەتلىك تورداشلار!بۇ بىر ناتىۋاننىڭ سەرگۈزەشتىسى،بەلكىم ياخشى يازالمىغاندىمەن.چۈنكى مىنىڭ يېشىم سەل كىچىك ھەم سەۋىيەم ناچار،شۇڭا كەڭ ئۇستازلارنىڭ يېقىندىن تەلىم بىرىشىنى سورايمەن!(يېزىقچىلىقا،تىل بايلىقىنى ئاشۇرۇشقا دائىر كىتابلارنى بىلسەڭلا ئېيتىپ بەرگەن بولساڭلار پايدىلانسام....)
بۇرۇن يازغانتىم لىكىن بۇنى قايتا ئۆزگەرتىپ يازدىم! ئادرېسى:http://bbs.kaxtexi.cn/read.php?tid=10417&fpage=0&page=1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كۈلقىز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-21 13:07
|