ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر سـۆيگۈ تىلىكىم _ لىرىكىلار*شاتئاي*
كۆرۈش: 105|ئىنكاس: 4
go

سـۆيگۈ تىلىكىم _ لىرىكىلار*شاتئاي*

توردا
145سائەت 
نادىر تېما
دوست
18 
يازما
256 
تېما
21 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش







سـۆيگۈ تىـلىكـىم






ئاڭلاڭ يىقىنىم: مەن سىزدىن ئەمەس ، سىز مەندىن ۋاز كەچتىڭىز .سىزگە بولغان پاك مۇھاببىتىم نە چارىسىز ئادىشىپ قالدى.كۆڭلىم سىزنىڭ ئالدىڭىزدا تولىمۇ بىچچارە .ئىھتىمال نەزىرىڭىزدە توغراقىلغانسىز . بەلكىم مەن ئىيتقاندىنمۇ توغرىدۇ.ئۆزىڭىز ئۇچۇن ، مەنپەتىڭىز ئۇچۇن، كەلگۇسىڭىز ئۇچۇن سىز مەندىن ۋاز كەچتىڭىز.ئەپسۇسكى سىزنىڭ بۇنچە شەخسىيەتچىلىكىڭىز ماڭا تۇگىمەس ئازاپ ، ھەسرەت ئوتلىرىنى سالدى.ئەلەم ھىجرانىڭىزدا مەن ئاچچىق نىدا قىلماقتىمەن. ئەپسۇس سىز پەرۋاسىز ، مەردانە قەدەملەر بىلەن كىتىپ قالدىڭىز . سىز ماڭا < مىنى كەچۇر > دىدىڭىزيۇ ، قانداق كەچۇرۇشنى ئۇگەتمىدىڭىز. بۇ ھالسىزلانغان يۇرىگىم سىزنى قانداق كەچۇرىشنى بىلەلمەي، گاڭگىراپ تۇرماقتا. ئىيتىڭە يىقىنىم : < قانداق قىلسام سىزنى تىزلا ئۇنتۇپ كىتىمەن ؟






يۇرگىمدە باشقا بىرىنى ھىچقاچان سىزدەك ياخشى كۆرەلمەيدىغانلىقىمنى بىلەتتىم. سىز ماڭا ئالدشنىى ھەم ئالدىنىشنى ئۇگەتتىڭىز .مەنمۇ سىزنىڭ يىتەكچىلىكىڭىزدە مول بىلىملىكلەردىن بوپتۇ قالدىم.ئەپسۇس ...مەن سىزدەك قىلمايمەن.گەرچە ماڭا يىڭى بىلىملەرنى ئۇگەتكەن بولسىڭىزمۇ تۇرمۇش ئەمىليىتىمدە سىناپ باققۇم يوق . قىسقىسى ئۆزگە يۇرەككە < خەنجەر > ئۇرغۇم يوق.
قەلبىمدىكى سۆيگۇ ئوتى شۇنچە پاك ، شۇنچە بىغۇبار ئىدى. ئەمدى ھەممىسى كەڭ تەبىئەتكە تارىلىپ سەرسان بولماقتا. ئەپسۇسكى مانا شۇنداق گۇزەل ، ئاتەشتەك مۇھاببىتىمىز ۋاقىتسىز تۇگىدى. تۇگىدى ئەمەس پۇتۇنلەر گۇمران بولدى.






بىز ئۆز سۆيگىمىز ئۇچۇن كۆرەش قىلماي، تىزلا تەسلىم بولدۇق. توۋا... بىزنىڭ مۇھاببىتىمىز مانا مۇشۇنداق .ئاجىز، شۇنچە يارامسىز مۇھاببەتمىدى؟
ئىھتىمال شۇنداق بولغىنىمۇ توغرىدۇ. چىن مۇھاببت ئۇلى ياخشى بىسىلغان مۇھاببەتنىڭ داۋامى ئاجىز تۇرسا ، قايسى كۇنلىرى كۆزلىرىمىزدىن مۇنچاق-مۇنچاق ياشلارنى ئاقمايدۇ دىيەلەيمىز .
نىملا بولسۇن بۇ بىر بەخىتسىز مۇھاببەت تارىخى.
بۇ بىر ،ئازاپقا مۇپتىلا قىلدىغان مۇھاببەت تارىخى.
بۇ بىر جۇپ يۇرەكنىڭ ئۇنسىز نىدالىق مۇھاببەت تارىخى.
بىلىمەن، گاھىدا بۇ ھاياتنىڭ سىناقلىرى، سىرلىق تەسەددۇقلىرى ئالدىدا تولىمۇ ئاجىز، تولىمۇ بىچچارىمىز.سىرلىق تىلسىملار بىزنى گاھ قاناتلاندۇرسا ، گاھ ئۇمۇتسىز چۆللىرىگە باشلايدۇ.
سۆيۇپ تۇرۇپ ، سۆيگۇدىن ۋاز كەچمەڭ نىمانچە تەستۇ.ئاڭلاڭ يىقىنىم :مەن قالاي ،سىز كىتىڭ.ئۇمۇدىم :يەنە بىر گۈلگە ئازاريەتكۈزمەڭ!!!




سىـنى يەنـە ئەسـلەپ قـالـدىـم!!!






تۇن يىرىم بولدى . خىيالىم پەقەت سەندىلا . ھوش يادىم سىنىڭ يىنىڭدىلا . بۇگۇن سىنى يەنە ئەسلەپ قالدىم . سىزنى سىغىنىپ قالدىم . سىنى قاياندىن كىلەركىن دەپ مۇڭلىنىپ قالدىم . سەن مىنى پەرۋاسىز تاشلاپ كەتكىنىڭ بىلەن مەن سىنى ئۇنتىيالمىدىم . ئۇنتاي دەپ شۇنچە كۇچىدىميۇ ، بىزنىڭ گۇزەل مىنۇتلىرىمىز سىنى ئۇنتىشقا يول قولمىدى ھەم يوق قويدىغاندەك ئەمەس .
نۇرسىز چىراغ ئاستىدا ئولتۇرۇپ سىنى ئەسلىدىم . يۇرەكلىرىم لەختە -لەختە ، دىل ئازابىم يۇرەگىمىنى قىيناپ ، مىنى ئاچچىق ئەلەم باسماقتا. ھىجرانىڭدا ئۆرتىنىپ ئاچچىق نالە قىلماقتىمەن. ئەمدىلىكتە قولۇمغا قەلەم ئالدىم . سەن ئۇچۇن داستانلار يازماقتمەن. ئىيتە ۋاپاسىز سۆيگۇم بۇ داستانلارنى بىرەر قىتىم ئوقۇپ بىرشىمگە پۇرسەتمۇ بىرەرسەنمۇ ؟



مـەن تەبىـئەتكە باقمـاقـتـىمـەن!!!





مەن گۇزەل تەبىئەتكە باقماقتىمەن . ساپ ھاۋا دىلىمنى ياشارىتماقتا . بۇ ئازاپلاردىن قىيىپلا كەتكەن ، سەگىتىش زۆرۇل بولغان كاللامىنى سەگىتمەكتە .ساپ ھاۋادىن كۇچەپ -كۇچەپ نەپەس ئالماقتىمەن ...ھىچ تويىندىغنادەك ئەمەس. ساپ ھاۋا نەپەسلىرىمنى ئويغاتماقتا. مەن شۇنچە بەھوزۇر تەبىئەتنىڭ بارچە گۇزەللىكىدىن بەھىر ئالماقتىمەن. ئىھ ،ئانا تەبىئەت ، پەرزەنتلىرىڭ سىنىڭ قوينىڭدا شۇنچە مەردانە ، شۇنچە بىخارامندۇر . مانا مۇشۇنداق كۆڭۇل يىرىم بولغاندا سىنى ئەسلەيدۇ ، خۇشال بولسا ساڭا مىننەتدارلىقىنى بىلدۇردۇ . ئىھ ئانا تەبىەت سەن بىزنىڭ مەڭگۇلۇك تايانچىمىز سەن ...

ئـىھـ، ئــۇزۇن يـولـلار





قاراپلا قاپتىمەن ئەشۇ يوللارغا ... بۇ يوللاردا بوۋام ئىزى بار . بۇ يولدا قەيسەرلىك روھى بار . بۇ يوللاردا پەرھات-شىرىن ئىزنالىرى بار ....
<دۇنيادا يول يوق ئىدى .يول ئىنسانلار ماڭغاندىن كىيىن پەيدا بولغان >. ئەلۋەتتە . مەن بۇ يولنى مىڭىشىم كىرەك . داغدام -داغدام مىڭىشىم كىرەك . تەمتىرمەي ، باتۇرانە يۇزلىنىپ ئۆزۇمنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ئۇچۇن توختىماي ئىلگىرلىشىم كىرەك. مەن تىرشىمەن . مەن بەل قويۋەتمەيمەن. چۇنكى مەن قەيسەر خەلىقنىڭ پەرزەنتىمەن.يول ئەگىرى توقاي . يول تۇمانلار بىلەن قاپلانغان. مەن شۇنىڭ ئۇچۇن كۆزۇمنى تىخىمۇ چوڭ ئىچىپ ، تىخىمۇ سەگەك بولۇپ بۇ چەكسىز يوللار ئۇستىدىن غالىپ كىلىپ، توختاۋسىز ئىلگىرلىمەكتمەن.




مەنبە: ئۆز قەلىمىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xatay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-2-17 19:11

Rank: 8Rank: 8

توردا
709سائەت 
نادىر تېما
دوست
74 
يازما
2437 
تېما
439 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان قىممەتلىك لىرىكا بولۇپتۇ ... بارچە دوسىتلۇرىمىزنىڭ بىر قېتىم كۈرۈپ بېقىشىنى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۈڭۈل ھىسسىللىرىنىڭ يەنىمۇ جۇلا ئېچىپ ئوتلۇق ھىسلارغا چۈمۈلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ... رەھمەت سىزگە ! ... كۆپ ئەجىر قىلىپسىز ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
105سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
296 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخىشى مۇھاببەت لىرىكىسى بوپىتۇ . بۇ . مۇھاببەتىتن بەك تەسىرلەنىدىم . . قەلبىڭىزنى شۇنىداق بەك ئېنىق ئىپادىلەپىسز . بەلىكىم . ئۇنىڭىمۇ . مۇھاببەتىلىك كۆزلىرى نەملەشىكەن بولىشى مومىكىن . . بەخىت . ھامان سزنىڭ .

Rank: 8Rank: 8

توردا
321سائەت 
نادىر تېما
دوست
21 
يازما
432 
تېما
85 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نەچچە كۈن يۇقاپ كىتىپ ئەسلى قەلبىمىزنى لەرزىگە سالغۇدەك مۇھەببەت لىرىكىسى يېزىپ كەپسىزدە شاتئاي .چىن مۇھەببەتنى ناھايىتى ياخشى ئىپادىلەپسىز تۇلىمۇ تەسىرلەندىم تىيمىڭىزدىن .

توردا
13سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
67 
تېما

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن بەك ياخىش يىزىپسىز دوستۇم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-2-22 04:29

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.