سۈبھىدە يارالغانغان چولپاندۇر كۆزى،
كۆزلەرنى چاقنىتار ئايدەكلا يۈزى.
بۇ قەلبىم تۆرىنىڭ تەنھا يۇلتۇزى،
دەپ بېقىڭ بىلەمسىز ئۇ كىمدۇر ئۆزى. 
يۈرەكنى ئۇينىتار شېرىن سۆزلىرى،
تەبەسسۇم ئىلكىدە ئاھ بېقىشلىرى،
بۇ كۆڭلۈم بېغىنىڭ تەنھا بىر گۈلى،
دەپ بېقىڭ بىلەمسىز ئۇ كىمدۇر ئۆزى. 
ئىسمىغا جىسمى ياراشقان باشقىچە،
ئۇنى ئويلاپ ئۇيقۇ يوقتۇر تاڭلار ئاتقۇچە.
ئۇرۇلغان يۈرەكنىڭ قېتغا شۇنچە.
دەپ بېقىڭ بىلەمسىز ئۇ كىمدۇر ئۆزى. 
گۈزەللىك بار ئۇنىڭ چىھرىدە،
گۈلدەك ھۆسۈن ئىللىق مېھرىدە.
ھۇزۇر بىغىشلار ماڭا باشقىچە،
دەپ بېقىڭ بىلەمسىز ئۇ كىمدۇر ئۆزى. 
قاپقارا كۆزلىرى ئوماق لەۋلىرى،
باشقىچە سۆيۈندۈرەر ئالما يۈزلىرى.
ئۇنىڭ خۇشلىقى مېنىڭ شاتلىقىم.
دەپ بېقىڭ بىلەمسىز ئۇ كىمدۇر ئۆزى. 
كۈلگەندە زوقلىنىپ نازلىنىپ كېتەر.
گەپ قىلىسا خىجىل بوپ قىزىرپ كېتەر.
خىيالىم بېتىنىڭ ئەركىن دىلبىرى.
دەپ بېقىڭ بىلەمسىز ئۇ كىمدۇر ئۆزى. 
مەپتۇن قىلار ئۆزىگە مېنى باشقىچە،
خىايلىم ئۇنىڭىدا ئاخشاملىرى تاڭلار ئاتقۇچە.
ھاياتىم يولىنىڭ گۈزەل كۆرىكى.
دەپ بېقىڭ بىلەمسىز ئۇ كىمدۇر ئۆزى. 
كۈلىشلىرى نازلىنىپ ماڭا باشقىچە،
خشال قىلار بىر بولساق تا ئاداققىچە.
يۈرەگىمنىڭ شاتلىقى،كۈلكىسى بىر ئۇ،
دەپ بېقىڭ بىلەمسىز ئۇ كىمدۇر ئۆزى. 
شاتلاندۇرۇرسا قەلبىمنى ھەر بىر نۆۋەت،
ھاياجاندا كۈلۈشلەر قەۋەتلەپ قەۋەت.
خۇشاللىقىم ئەلچىسى ئۆزى بىر ھەۋەس،
دەپ بېقىڭ بىلەمسىز ئۇ كىمدۇر ئۆزى. 
مەنبە:بۇ مېنىڭ تۇنجى ئىجادىيتىم |