ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر يۇمۇر چاقچاقلار تاڭ سىڭ سۈن ۋۇكۇڭغا نىمىشقا شۇنچە ئۆچ؟
كۆرۈش: 108|ئىنكاس: 2
go

تاڭ سىڭ سۈن ۋۇكۇڭغا نىمىشقا شۇنچە ئۆچ؟

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تاڭ سىڭ سۈن ۋۇكۇڭغا نىمىشقا شۇنچە ئۆچ؟
ئاپتورى: يى جىيەنمىڭ فىليەتون


غەربكە ساياھەت» تىلۋىزىيە تىياتىرىدا تاڭ سىڭ بىر نەچچە قېتىم سۈن ۋۇكۇڭنى قوغلىۋىتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ تىپىك بولغان« پاسىق سۆڭەك ئالۋاستى بىلەن ئېلىشىش»دا تاڭ سىڭ ئۈچ قېتىم چەمبىرەك ئەپسۇنى ئوقۇپ، مايمۇننى 3 قېتىم قوغلايدۇ.ئاخىرى قىلچىمۇ رەھىم قىلماي سۈن ۋۇكۇڭنى چىمەنتاغقا قايتۇرىۋىتىدۇ. تاڭ سىڭ نىمە ئۈچۈن چوڭ شاگىرتىغا بۇنچىلىك ئۆچلۈك قىلىدۇ؟ بۇ پەقەت تاڭ سىڭنىڭ سۈن ۋۇكۇڭنى خاتا چۈشىنىپ قېلىشىدەك شۇنداق ئاددىيمۇ؟ئۇنداق ئەمەس! خاتا چۈشىنىپ قىلىش پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈش ھەم باھانە تېپىش. ئەمەلىيەتتە تاڭ سىڭ ئۇزۇندىن بېرى رەھبەرنى كۆزگە ئىلماي، ماھارىتىنى كۆز-كۆز قىلىپ يۈرگەن سۇن ۋۇكۇڭدىن ئۆچ ئالماقچى. نوم ئېلىش سەپىرىدە سۈن ۋۇكۇڭ يول بويى ماھارىتىنى نامايەن قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمىدى. جىن -ئالۋاستىلار بىلەن تۇتۇشۇشماي تۇرۇپ،« پىقىر 500 يىلنىڭ ئالدىدا ئەرشنى مالىمان قىلغان سۈن ئەۋلىيا ئەزەم بولىمەن» دەپ پو ئاتتى. ئالاھىدە ئەھۋاللارغا دۇچ كەلگەندە«72 خىل ئۆزگىرەلەيمەن»، «بىر موللاقتا 18 مىڭ ئالەمنى ئايلىنىپ چىقىمەن» دەپ ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتمىدى. بۇ گەپلەر بىر -ئىككى قېتىم بولسىغۇ بوپتۇ دېگۈلۈك. لېكىن ئۇ بۇ ئىشىنى توختاتمىدى. بۇقولىدىن ئىش كەلمەيدىغان رەھبەر بولغۇچى تاڭ سىڭغا نىسبەتەن نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ماھارىتىڭ بولسا بوپتۇ، قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلساڭ بولدى.مەغرىپتىن -مەشرىققىچە ھەممىلا يەردە ئۆزۈڭنى داڭلاپ يۈرۈشنىڭ نە ھاجىتى؟بۇ رەھبەر بىلەن ئابروي تالاشقانلىق ئەمەسمۇ؟ بۇ «تەشكىلسىز»، «قائىدىسىز»،«رەھبەرسىز»ھالدا شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئىش بىجىرىش ئىستىلى.كىشىنىڭ ئەڭ زەردىسىنى قاينىتىدىغىنى پاسىق سۆڭەك ئالۋاستىنى تېپىش ئۈچۈن مىڭىشنىڭ ئالدىدا سۈن ۋۇكۇڭنىڭ يەرگە چەمبىرەك سىزىپ تاڭ سىڭنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغقانلىقى. رەھبەرنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۈۋۇكۇڭ تاڭسىڭنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەسلىكىنى بۇ ئۇسۇل بىلەن مەسخىرە قىلماسلىقى ئۇنى ئوڭايسىلاندۇرماسلىقى كېرەك ئىدى. ئۈچ شاگىرت ئىچىدە،باجىي، شاسىڭلارنىڭ ماھارىتى ئۇستازىدىن ئۈستۈن. نىمە ئۈچۈن ئۇلار تاڭ سىڭنىڭ قوغلىشىغا ئۇچىرىمايدۇ؟ چۈنكى ئۇلار جىن-ئالۋاستىلار بىلەن ئېلىشقاندا ئۆزىنى داڭلىمايدۇ. باجىينىڭ قۇلىقى يۇمشاق، شاسىڭ يۇۋاش.باجىي ھەرقانداق ئىشتا تاڭسىڭدىن يوليورۇق سورايدۇ.قانداق ھەل قىلىش رەھبەرنىڭ ئىشى، ئۆز ھوقۇق دائىرىسىگە كىرمەيدىغان ئىشلارغا قول تىقماسلىق كېرەك. شاسىڭ تېخىمۇ شۇنداق.تاڭ سىڭ نىمە بۇيرۇسا شۇنى قىلىدۇ.پەقەت سۈن مايمۇنلا ئۆزى بىلگەننى قىلىدۇ،ماھارىتىنى كۆز -كۆز قىلىپ پۈتۈن ئالەمدە چۇقان -سۈرەن سېلىپ يۈرىدۇ. رەھبەر بىلەن ماسلاشمايدۇ.تاڭ سىڭ ئالتۇن بۇددا دىننىي مۇخلىسى تۇرۇپ نىمىشقا سۈن مايمۇنغا بۇنچىلىك ئاچچىقلانمىغۇدەك؟
مەنبەسى:ئەلسۇيەر يۇمۇر تورى
http://alsuyar.us/ ئۇيغۇرچە ئەڭ چوڭ يۇمۇر تورى......

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hanaba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-22 17:23

توردا
210سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
848 
تېما

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇ رەھبەر بىلەن ماسلاشمىغاندىكىن شۇنداق بولىدىغان گەپ .....

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
220 
تېما
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:29 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىبىلشكە تىەشلىك ئىشكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-9-24 01:19

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.