ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار ئادەم ۋە ئادىمىيلىك

      

كۆرۈش: 48|ئىنكاس: 3
go

ئادەم ۋە ئادىمىيلىك

توردا
577سائەت 
نادىر تېما
دوست
75 
يازما
2982 
تېما
358 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

خەلقىمىز بىر پەرزەنت دۇنياغا كۆز ئېچىپ بۇ دۇنيادىن كەتكۈچە ئۇنىڭ ئادىيملىك مىزان-قائىدىلەرگە ئۇيغۇنلشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ،بارلىق تەلىم-تەربىيە يۆنلىشىدە مانا شۇ مىزان ئاساس قىلىنىدۇ.بالا تۇغۇلغاندىن كىين،تەۋەررۈك بىر جاننىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن پۈتۈن زېمىن خۇشاللىقا چۆمىدۇ.ئاتا-ئانىلار بالىسىنىڭ ياراملىق،ئەقىل-پاراسەتلىك،پەزىلەتلىك ئادەم بولۇشى ئۈچۈن تۈرلۈك ئەنئەنىۋى مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈپ،يېڭى ھاياتلىقىنى كۈتۈۋالىدۇ ۋە ئۇنىڭىغا قۇتلۇق تىلەكلەرنى تىلەيدۇ.بۆشۈك تويى مۇراسىمى ۋە ياكى ئات قويۇش مۇراسىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرنىڭ تۈپ مەقسىتى پەرزەنتتىن بۈيۈك ئادىمىيلىكنى،ئىنساپ-تەۋپىقىنى كۈتۈش ئۈچۈن بولىدۇ.بۇنداق تىلەك تىلەش ئىسىملىرىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ،مەسىلەن؛ ئالىم،قەھرىمان،ئەركىن،نىجات،باتۇر دېگەندەك،ئۇنىڭىدىن باشقا،خەلقىمىزنىڭ ئادىمىيلىك تەلىم-تەبىيە ئەنئەنسىدىمۇ پەرزەنىتلەر بىلىملىك،پەرىلەتلىك،مەرد،باتۇر ئادەم بولۇشقا ۋە ھالال،پاك ياشاشقا ھەر قاچان دەۋەت قىلىنىدۇ.

خەلقىمىزنىڭ ئادىميلىك مىزانلىرى مەزمۇنىدا يەنە؛(ئەلنىڭ غېمىنى يەيدىغان،ئەلنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزىنىڭ مەنئەئىتىدىن ئەلا بىلىدىغان،نۆۋىتى كەلگەندە ۋەتەن،خەلقىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرالايدىغان ئادەم بولۇش)تەلپى بار.روشەنكى،ئەلنىڭ مەنپەئىتى بىلەن شەخسىنىڭ مەنپەئىتى ئوتتۇرىسىدا مۇستەھكەم دىئالېكتىكىلىق باغلىنىش بار؛ئەل-ۋەتەن ئاما بولسا،تەرەققىي قىلسا،ئىناۋەت تاپسا شۇ ئەلنىڭ ھەربىر پۇقراسىمۇ ئامان بولىدۇ،يۈكسىلىدۇ،قەدىر-قىممىتى ۋە ئىناۋىتىدىن مەھرۇم بولىدۇ.دەل مۇشۇ مەنىدىن چىقىپ خەلقىمىز؛(ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا،رەڭگىرويىڭ سامان بولماس)دەپ،بۇ خىل بىرلىك ۋە بىر پۈتۈنلۈكنىڭ خاسىيىتىنى ناھايىتى ئىخچام يەكۈنلەپ بەرگەن.

تارىختا يۈسۈپ خاس ھاجىپ،مەھمۇد كاشغەرىي ۋە باشقا نۇرغۇن ئەدىب،ئالىملىرىمىز ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى،ئېسىل ئىنسانىي خىسلىتى بىلەن بىزگە ئۈلگە تىكلەپ،بەردى،ئۇلار جەمئىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرگە.ئەلنىڭ تەقدىرىگە ھەممىدىن كۆپرەك كۆڭۈل بۆلدى.ئەل-ۋەتەننىڭ سۈيىدە ئاقتى،ئوتىدا كۆيدى،تۇپرىقىدا يوغۇرۇلدى.ئۇلار ئۆزىنىڭ ۋەتەن،خەلقى ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىنى مۇھىم بىلىپ،خەلقىنىڭ چاكىرى بولۇپ،ئۇلارنىڭ تەقدىر-ئىقبالىغا مەسئۇل بولۇشىنى ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىك قەرزى بىلىپ ياشىدى.

بۈيۈك ئالىم،تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرىي پەرزەنىتلەرگە مۇنداق نەسھەت قىلىدۇ؛(ھەي ئوغۇل،مەندىن ئۆگەن،نەسىھەت ئال،پەزىلەتلىك بول،ئەل ئارسىدا ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ بىلمىڭىنى تارات).مەھمۇد كاشغەرىينىڭ پەرزەنت تەربىيسى ھەققىدىكى بۇ دەۋىتى خەلقىمىزنىڭ تەلىم-تەبىيە ئەنئەنسىگە،بالىلارغا قويۇلغان ئادىمىيلىك تەلەپ-تەۋسىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئۇيغۇر كلاسىك ئىدىيە تارىخىدا ۋە بىلىش تارىخىدا(قۇتادغۇبىلىك)نى ئەڭ مۆتىۋەر ئورۇنغا قويمىز.(قۇتادغۇبىلىك)تە ئادىمىيلىككە قويۇلغان تەلەپ-تەۋسىيلەر ناھايىتى كۆپ،كىتابتا يارىتىلغان ئوبرازلارنىڭمۇ پەزىلىتى ئىنتايىن يۈكسەك.يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئوتتۇرىغا قويغان ئادىمىيلىك تەلەپ-تەۋسىيلىرى ھازىرقى زاماندىمۇ ئىلغار،تەرەققىيپەرۋەر ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ،ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ ئىلىغار ئۆلچىمى بىلەن ئورتاقلىشالايدۇ.ئۇ؛(ئادەم ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى ىبلىشى كېرەك)لىكىنى تەشەببۇس قلىدۇ،چۈنكى،ئادەمنىڭ ئۆزىنى ىبلىش تەلپى بارلىق بىلىشىنىڭ مەركىزىدە تۇرىدۇ.شۇڭا ئېيتىلىدۇكى،ئۆزىنى بىلىش دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك.ئادەم ئۆزىنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىگەندىن كىيىن،ئاندىن مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغان.(مەن-ئادەم)دېگەن بىلىش تۇيغۇسىنىڭ ئويغىنىشى ئادەمگە دەسلەپكى قەدەمدە ناھايىتى نۇرلۇق بىر روجەكتىن نىشان بېرىدۇ.ئۆزىنىڭ بىلگۈچى،مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى،بەخت-سائادەت بەرپا قىلىغۇچى ئىكەنلىكىگە نىسبەتەن ئۈمىد،ئىشەنچ ئويغىتىدۇ.ئۆزىنى بىلىشتىن مەھرۇم بولغان ئادەم بۇ دۇنيادا خۇددى زۇلمەتتىكىدەك ياشايدۇ،مەنزىلىمۇ قاراڭغۇ ۋە تۇمانلىق بولىدۇ.بۇنداق ئادەمگە پاجئەدىن باشقا ھېچ نەرسە نېسىپ بولمايدۇ،شۇڭا،شەرقتە(بىل)،(ئوقۇ)دېگەن تەشەببۇس ئىنتايىن مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ،ئادىمىيلىك نوقتىسىدن ئېيىتقاندا،يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىزگە،شۇنداقلا پۈتۈن دۇنياغا ھەقىقىي مەنىدىكى مۇكەممەل،شەرەپلىك ئادەمنىڭ ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇپ بەردى.ئادەمگە ئىنتايىن يۇقىرى قەدىر-قىممەت نەسەبى بېرىپ،ئادەمنىڭ ئەسلىي ماھىيتىنى يورتۇپ بەردى.يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئادەملەرنىڭ خاراكتېرىغا ئاساسەن ئادىمىي،ھايۋانىي،تىرىڭ ئۆلۈك،بېجىرىم-ساق ۋە كېسەل،زەئىپ دەپ باھا بەرگەن،ئۇ مۇنداق يازىدۇ؛

(ياراتتى ۋە يۈكسەلتتى تاللاپ ئادەم،

بېرىپ ھوش-ئەقىل،پەزىل،ئىلىمنى ھەم.

تىلىنى چىقارىپ،ئاڭا بەردى دىل،

ئۇيات بەردى يەنە گۈزەل،خۇش پېئىل.

بىلىم بەردى،ئىنسان زورايدى بۇ كۈن،

ئەقىل بەردى،شۇڭا يېشىلدى تۈگۈن.)

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ ئارقىلىق ئادىمىيلىكىنىڭ ئۈچ مۇھىم تۈۋرۈكنى تىكلەپ بەردى.يەنى ئەقىل-پاراسەت+ئىلىم-مەرىپەت+ئەخلاق-پەزىلەت=شەرەپلىك،قۇدرەتلىك،ھۆرمەتلىك ئادەم،ئەگەر ئادەمدە بۇنىڭ بىرى كەم بولۇپ قالسا،كەمتۈك ئادەم بولۇپ قالىدۇ.يۈسۈپ خاس ھاجىپ(ئادىمىيلىك ماھىيەت ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسەتتىن مەھرۇم بولسا،ئۇنداق ئادەم بىر ئوچۇم لاي بىلەن ئوخشاش)دەپ قارايدۇ؛بىلىمقسىز ئادەمنى(تىرىكلەر ئارىسىدىكى ئۆلۈك،كېسەل،زەئىپ،نىمجان روھ)دەپ ئاتايدۇ؛ئەخلاقسىز ئادەمنى (ھايۋان)دەپ سۈپەيلەيدۇ.يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئېسىل.ئالىيجاناپ خاراكتېرگە ئىگە بولغان،تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولغان،سەمىمىي،مەرد،ۋىجىدانلىق،غورۇرلۇق ئادەملەرنى ئەخلاقنىڭ يادروسىغا قويىدۇ.

دېمەك،ئىلىم-مەرىپەتلىك بولۇش بىلەن پەزىلەتلىك بولۇش بىرىككەندە،ھەقىقىي مەنىدىكى ئادىميلىكنىڭ ئاساسىنى ھازىرلىغىلى بولىدۇ،ئادەمدە يۇقىرى بىلىم بولۇپ،پەزىلەت بولمىسا،خەلقىمىز ئۇنداق ئادەمنى ( ئادىمىيلىك شەرتىنى تولۇق ئادا قىلمىغان)دەپ قارايدۇ.ئەگەر پەزىلەت بولۇپ،بىلىم بولسا،ئۇنداق پەزىلەتنىڭ ھاياتىي كۈچى بولمايدۇ.خەلقىمىز شۇ مەنىدىن چىقىپ(ئالىم بولماق ئاسان،ئادەم بولماق تەس)دەپ قارىغان.

مەنبە؛جوڭگۇ مىللەتلىرى

توردا
58سائەت 
نادىر تېما
دوست
14 
يازما
319 
تېما
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يىزىلغان ماقالىكەن ...............
ئالىم بولماق ئاسان ،ئادەم بولماق تەس ................
قۇرۇق سۆز قىلماق ئاسان ، ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماق تەس .............

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
دوست
12 
يازما
220 
تېما
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يىزىلغان ماقالىكەن ...............
ئالىم بولماق ئاسان ،ئادەم بولماق تەس ................
قۇرۇق سۆز قىلماق ئاسان ، ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماق تەس .............

توردا
296سائەت 
نادىر تېما
دوست
43 
يازما
1327 
تېما
28 
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 13:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىككى پۇتىدا ئۆرە تۇرسىلا ئادەم بولمايدۇ . ئادىمىيلىك - ئادەمنى ئادەم قىلىدىغان .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-9-24 01:19

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.