- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-9-23
- تىزىملاش
- 2010-10-16
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 577سائەت
- جۇغلانما
- 11798
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 2982
- تېما
- 358
- توردا
- 577سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 75
- يازما
- 2982
- تېما
- 358
|
چاچنىڭ زادى نېمىشقا ئاقىرىپ كېتىدىغانلىقى تۇرمۇشتىكى سىز . ئامېرىكىدىكى MSNBC نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا ، بوستون تافتىس تېببىي مەركىزى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ تېببىي پەنلەر دوكتورى ئوۋېر باراك : ياش ، جىنىس ، ئىرسىيەت ۋە ئىرقنىڭ تەسىرى چاچ ئاقىرىپ كېتىشتىكى ئاساسلىق ئامىل ، دېگەن . ئۇ يەنە چاچ ئاقىرىپ كېتىشنىڭ سىرلىرىنى بايان قىلغان :
ئادەم بەدىنىدىكى تۈكلەر ئارىسىدا ئاۋۋال چاچ ، ئاندىن كېيىن بۇرۇت-ساقال ، ئەڭ ئاخىرىدا بەدەندىكى تۈكلەر ئاقىرىدۇ . چاچ قانچە تېز ئۆسسە ، شۇنچە تېز ئاقىرىدۇ .
چاچنىڭ بالدۇر ئاقىرىشى ئادەتتە 20 ياشتىن ئاشقاندا كۆرۈلىدۇ ، ئاسىيالىقلارنىڭ چېچى كۆپىنچە ھاللاردا 25 ياش ئەتراپىدا ، ئافرىقىلىقلارنىڭ 35 ياش ئەتراپىدا ئاقىرىدۇ . بەزى كىشلەرنىڭ چېچىنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشىگە ۋىتامىن B12 ياكى پېلاگرا كېسىلى (نىكوتىن كىسلاتاسى يېتىشمەسلىك كېسىلى) ، قالقانسىمان بەز كېسىلى ۋە بالدۇر قېرىش كېسىلى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن .
چاچ ئادەتتە چېكىدىن باشلاپ ئاقىرىپ ، ئاندىن چوققىغا كېڭىيىدۇ.
30 ياشتىن كېيىنكى ھەر ئون يىلدا ، چاچنىڭ ئاقىرىش ئېھتىماللىقى %10 تىن %20 كىچە ئاشىدۇ .
جۇڭيى دوختۇرى ئوزۇقشۇناس چىن مېيئې : ئاق چاچنى يۇلغانسېرى كۆپىيىدۇ ، دېگە قاراش خاتا . قارا چاچ ئەڭ ئاساسلىقى چاچ يىلتىزىدىكى قارا پىگمېنت ھۈجەيرىسىدىن شەكىللىنىدۇ ، چاچنى يۇلغىنىڭىز بىلەن چاچ يىلتىزىغا تەسىر يەتمەيدۇ ، دېدى .
‹‹ پايدىلىنىش›› دىن
|
|