ئاڭلاپ جانان تويۇڭ بولغاننى، قولىقىمغا ئىشەنمەس بولدۇم . ئاقاتتى ياش دەريا سۈيىدەك، قىزىللىقتىن تونۇماس بولدۇم.
ئاھ، نېمە دەي بەرگەن ۋەدەڭگە، كۈتىكىن نىگار دېگەن ئىدىڭغۇ. تۇيدۇرمايلا قىپسەن تويۇڭنى، ئېيتقىنا بۇ ماڭا سوۋغاڭمۇ؟
بىلەلمىدىم، ئويۇڭنى ئەسلا، ئويناۋاتامسەن مۆكۈ-مۆكۈلەڭ. خەۋەر قىلساڭ بولاتتى ئەسلى، دىل ئاغرىقى يامانكەن بىلسەڭ.
ئاھ ئۇرارمەن كەچمۇ ھەم كۈندۈز، قويدۇڭ مېنى چەكسىز ئازاپقا. نى چۈن بۇنداق بولىدۇ تەقدىر، ئېچىم ئاغرار ئاشۇ قىزچاققا.
بوپتۇ جانان بەختلىك بولغان، يېڭى يارغا قىلارسەن ۋاپا. سۇ ئېچكىلى بارغاندا بىرگە، سالما ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ جاپا.
مەنبە: قەلب خاتىرەمدىن.
|