ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 100|ئىنكاس: 7
go

بىر مىنۇت (119)

توردا
1163سائەت 
نادىر تېما
دوست
158 
يازما
1919 
تېما
428 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئائىلە تەربىيەسىدىكى بىر مىنۇت




ھازىر نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئىنگلىز تىلى، كومپيۇتېر، ساز ئۆگىتىدىغان ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ بېرىپ، تەتىللەردە ھەرخىل كۇرۇسلارغا ئاپىرىپ، ئۆزىنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش بۇرچىنى ئاشۇرۇپ ئۇرۇنلىغاندەك ھېس-تۇيغۇلاردا يۈرىدۇ. ئەمما بىر ئادەم ئۈچۈن، توغرا يولدا، توغرا ئەقىدە، دۇرۇس ئېتىقادقا ياشاش، نان تېپىپ يېيىشكىلا پايدىسى بولىدىغان ئىقتىدارلارنى ھازىرلاشتىن كۆپ مۇھىمدۇر. شۇڭلاشقا پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ يادروسى، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىغا نىسبەتەن بالىسىغا قانداق ئادەم بولۇشنى، نېمە ئۈچۈن ياشاشنى، ھاياتتا قايسى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، نېمىنى قوللاپ، نېمىگە قارشى تۇرۇپ ياشاشنى ئۆگىتىشتۇر. ئەمما ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى قىلالمىغان ئىشلارنى بالىلىرى قىزىقمىسىمۇ زورلاپ قىلغۇزىدۇ. دېمەك، شۇنى بىلمەك قىيىن ئەمەسكى، پەرزەنت تەربىيەسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بالىدىلا، ياكى نۆل ياشتا، ياكى قورساقتا ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزىدە.
دەرۋەقە، بىر مىنۇتنىڭ قۇدرىتى ناھايىتى ئۇلۇغ. بىر ئانا ئەۋلاد تەربىيەلەشتە نۇرغۇنلىغان «بىر مىنۇت»لارنى باشتىن كەچۈرىدۇ.

بىراق گەپ ئۇنىڭ شۇ بىر مىنۇتتا قانداق ئىشلارنى قىلىشىدا.بىر مىنۇت يېقىنلىشىش بالىڭىزنىڭ قولىنى بىر مىنۇت تۇتۇپ، بېشىنى بىر مىنۇت سىيلاپ،

باغرىڭىزغا بىر مىنۇت بېسىپ ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى تەبرىكلىسىڭىز، مېھرىڭىز ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىشەنچ قوشقان بولىسىز.
  گېپىگە بىر مىنۇت قۇلاق سېلىش بەزىدە شۇنداق ئالدىراش چېغىڭىزدا بالىڭىز كۆڭلىدىكىنى ئېيتىش ئۈچۈن سىزگە تېلېفون بېرىدۇ ياكى يېنىڭىزغا كېلىدۇ.

بۇ چاغدا ئۇنىڭ گېپىگە بارلىق دىققىتىڭىز بىلەن بىر مىنۇت قۇلاق سېلىڭ، شۇندىلا بالىڭىز بىلەن ئوتتۇرىڭلاردىكى ئىشەنچ، مېھىر-مۇھەببەت تېخىمۇ ئاشىدۇ.
  بىر مىنۇت بىللە ئويناش بىللە ئويناش ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. بالىنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
  بىر مىنۇت ئىچىدە تۈزىتىش بالىڭىزنىڭ خاتا ئىش قىلغىنىنى كۆرگەن شۇ بىر مىنۇت ئىچىدە، خاتالىقىنىڭ ئاقىۋىتىنى چۈشەندۈرۈپ،

تۈزىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىڭ.


  بىر مىنۇت ماختاش بالىنىڭ ۋۇجۇدىدا ئۆزىگە خاس ئارتۇقچىلىق بولىدۇ. بۇ ئارتۇقچىلىقلارنى بايقاشقا ماھىر بولۇڭ

ۋە بايقىغان ھامان بىر مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىڭ.





مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچېلىق گېزىتى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-22 17:46

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
161سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
289 
تېما
30 

ئىجادكار ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى مەسلىھەتكەن ،

توردا
185سائەت 
نادىر تېما
دوست
60 
يازما
889 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەكمۇ ياخشى تېما ئىكەن . مۇشۇ بىر مىنۇت ۋاقتىنى چىقىرالمىغان ئاتا- ئانىلار قانچىلىكتۇ ؟ ئۆز پەرزەنتىگە بىر مىنۇت ۋاقىت ئاجرىتىپ كۆڭۈل بۆلمىگەن ئاتىنى ۋە ئانىنى مەن ئۆزىنىڭ ئادەم بولشىغا ۋاقىت چىقارمىغان ئادەم دەپ قارايمەن . ئادەم بۇ دۇنيادا نىمە ياشايدۇ شۇ بالام دىمىسە . ئىسىڭىزدە بولسۇن سەبىيلەرگە بەرگەن بىر قىتىملىق توغرا تەربىيە ياكى ماختاش ئۇلارنىڭ ھەم سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ .

توردا
210سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
848 
تېما

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بولىدىغان گەپ ئىكەن ، دىمىسىمۇ ئاتا-ئانام بەزىدە ماڭا بىر مىنۇت ۋاقتىنى بېرەلمەيدۇ ..........ھەي .......

توردا
577سائەت 
نادىر تېما
دوست
75 
يازما
2982 
تېما
358 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
rana211 يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 12:16
بولىدىغان گەپ ئىكەن ، دىمىسىمۇ ئاتا-ئانام بەزىدە ماڭا ...

ئۇلارمۇ سىزنى ئويلايدۇ دە

توردا
202سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
1107 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تىمىكەن رەھمەت سىزگە!

توردا
41سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
365 
تېما
69 
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:18 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش dartman119 نىڭ يازمىسى

ناھايىتى ياخشى مەسلىھەتكەن، ھازىر ئەسقاتمىسىمۇ كىيىنچە ئەسقېتىپ قالغۇدەك~

توردا
153سائەت 
نادىر تېما
دوست
36 
يازما
706 
تېما
63 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 22:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى مەسلىھەت ئىكەن....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-9-24 01:50

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.