شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 19-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 23 ياشلىق زاڭزۇ قىز شىلوجوما شۇ يەر ۋاقتى 16-سېنتەبىر تۈركىيە ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 201-يىللىق چېلىشىش دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئاياللار ئەركىن چېلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 67 كىلوگراملىقلار بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشكەن، بۇ شىزاڭ تېنچ ئازاد بولغان 60 يىلدىن بۇيان شىزاڭ قولغا كەلتۈرگەن ماھارەت تەنتەربىيەسىدىكى تۇنجى دۇنيا چېمپىيۇنى. شىلوجوما ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، موڭغۇلىيە ماھىرىنى يېڭىپ دۇنيا چېمپىيۇنى بولغان.
مەنبە: " شىنخۇا تورى". |