ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار شىنجاڭنى ئازىراق بولسىمۇ چۈشەنگىڭىز بارمۇ ( ...

      

كۆرۈش: 43|ئىنكاس: 1
go

شىنجاڭنى ئازىراق بولسىمۇ چۈشەنگىڭىز بارمۇ (ئەمسە كىرىڭ)

توردا
162سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
236 
تېما
24 
يوللانغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇيغۇرۇم بىز ياشاۋاتقان جايىمىزنىڭ تارىخىنى شۇنداقلا بايلىقلىرىنى ۋە يەر زېمىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بېلىشىمىز كىرەك. شۇنداقلا يەر-زېمىنلىرىمىزنى ئامال بار ساتمايلى. پۇلىمىز بولسا ئىلىپ قويايلى! زېمىنى بار مىللەتنىڭ ئورنى بولىدۇ. بىز شىنجاڭغا ئولتۇراقلاشقان مىللەت بولغاچقا، بىزنى جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنى دەپ ئاتايدۇ. زېمىنى سېتىپ زېمىسىز قالساق قانداق......................؟


شىنجاڭ دىيارىمىز، مەملىكىتىمىز بويۇنچە ئەڭ چوڭ ئۆلكە بولۇپ ، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 1-مىلىيون 660مىڭ 400كۇۋادىرات كىلومىتېر ، تەخمىنەن مەملىكىتىمىزنىڭ يەر كۆلىمىنڭ 6دىن 1قىسمىى ئىگەللەيدۇ.


شىنجاڭدىكى نېفىت ، تەبىي گاز ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن 300مىليارد توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى نېفىت، تەبىي گاز ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 35%نى ئىگەللەيدۇ. ھەمدە مەملىكىتىمىز بويۇنچە بېرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.




شىنجاڭدىكى كۆمۈر زاپىسى تەخمىنەن 270 مىلىيارد توننا بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى كۆمۈر زاپىسىنىڭ 40% پىرسەنتىنى ئىگەللەيدۇ ، ھەمدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.




شىنجاڭ مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ پاختا ئشلەپ چىقىرىپ بازىسى بولۇپ، ھەمدە كىۋەزنىڭ ئومۇمىي مىقدارى، يەككە مىقدارى، تاۋار مىقدارى، تاۋار سۈپۈتى، كىۋەزنىڭ كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان قىممىتى تا ھازىرغىچە 4-يىل مەملىكىتىمىز بويۇنچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۋاتىدۇ . يەنە كىلىپ مەملىكىتىمىز بويۇنچە يىپەك ئشلەپ چىقىردىغان ، بىردىن-بىر بازىسى بولۇپ ھىساپلىندۇ.




شىنجاڭ دېھقانچىلىقى، ئورمانچىلىقى ، چارۋىچىلىقى ئومۇمىي يەر مەيدانى 1028 مىلىيارد مو بولۇپ، كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان يەر مەيدانى بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ ، مەملىكىتىمىز بويۇنچە كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان كۆلىمىنىڭ 2 ھەسسىدىن ئاشىدۇ.




شىنجاڭ مەملىكىتىمىز بويۇنچە ئەڭ چوڭ پىۋا گۇلى ئىشلەپ چىقىرىش بازىسى بولۇپ، پىۋا گۇلى مىقدارى مەملىكىتىمىزنىڭ 80%نى ئىگەللەيدۇ.




تەكلىمان قۇملىقىدىكى تاش يول دۇنيادىكى يۆتكۇلۇشچان قۇملۇق ئارسىدىكى يەتكۇزۇلگەن ئەڭ ۇزن دەرىجىدىكى تاش يول.




شىنجاڭ داۋانچىڭ شامال ئېلىكتىر ئىستانسسى مەملىكىتىمىز بويۇنچە ئەڭ چوڭ شامال ئېلىكتىر ئىستانسسى.





شىنجاڭ يودلۇق تۇز زاۋۇتى، مەملىكىتىمىز بويۇنچە ئەڭ چوڭ يودلۇق تۇز زاۋۇتى، ئىشلەپ چىقىرىدىغان يودلۇق تۇز مىقدارى مەملىكىتىمىز بويۇنچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.





شىنجاڭدىكى ئۈزۈم تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 64مىلىيون 640 مىڭ مو، يىللىق ئىشلەپ چىقىرىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغاندا 251 مىڭ توننىدىن ئاشىدۇ . سۇ تەركىبى ئەڭ ياخشى بولغان ئۇرۇقسىز ئۈزۈم ، پەقەت مىقدارى قاتارلىق تۈرلە بويۇنچە مەملىكىتىمىزدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.






شىنجاڭدىكى كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان ئۈزۈم، قوغۇن، تاۋۇز...... قاتارلىق مېۋىلەر تەخمىنەن 126.6 كىلوگىرام بولۇپ، مەملىكىتىمىشدىكى كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان مېۋىلارنىڭ مىقدارى ئەڭ كۆپ.






شىنجاڭ مەملىكىتىمىز بويۇنچە باشقا دۆۋلەتلەر بىلەن چېگىرلىنىش دائىرسى ئەڭ ئۇزۇن ، قوشنا دۆۋلەتلەر بىلەن چېگىرلىنىشى ئەڭ كۆپ بولۇپ ، چېگىرلىنىش دائىرسى 5400كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. تەخمىنەن مەملىكىتىمىزنىڭ ئومۇمىي چېگىرا دائىرسىنىڭ 4دىن 1قىسمىنى ئىگەللەيدۇ.





شىنجاڭدىكى تارىم دەرياسىنىڭ ئۇزۇنلىقى 2179 كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى دەريا بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.






شىنجاڭدىكى باغراش كۆلىنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 1000 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ پوڭ تاتلىق سۇلۇق كۆل بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.







تۇرپاندىكى ئايدىڭ كۆل دېڭىىز يۈزىدىن 154 مېتىر تۆۋەن بولۇپ، مەملىكىتىمىز قۇرۇقلىقىنىڭ ئەڭ تۆۋەن رايۇنى.







تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلۈمى 3 مىلىيون 370 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، دۇنيا بويۇنچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.







چاقىلىق ناھىسىنىڭ جەنۇب تەرپىدىكى ئالتۇن تاغ تەبىي قوغدۇلىدىغان رايۇننىڭ يەر كۆلۈمى 4500 كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تەبىي قوغدۇلىدىغان رايۇن.







شىنجاڭ خوتەن قاشتېشى سۈزۈكلىكى ، سۈپىتى، كۈرۇنىشى..... جەھەتلەردە مەملىكىتىمىزدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.







تارىم ئويمانلىقىدىكى توغراقنىڭ كۆلۈمى 4758.8 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تەبىي توغراقلىق بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.




مەنبە : ساقلىۋالغانلىرىم
قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
185سائەت 
نادىر تېما
دوست
60 
يازما
889 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت سىزگە . دىيارىمىزنىڭ يەر كۆلىمى ، قىزىلما بايلىقى ۋە ھەر خىل مەھسۇلاتلىرىدىن ئىنىق مەلۇماتلار بەرگىنىڭىزگە .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-9-24 01:50

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.