قارايمەن ئەينەككە سۇلغۇن چىرايغا،
نىمە بولدۇممەن، بىلمەيمەن ئۆزۇم.
كاللام قۇپقۇرۇق، سۈرىمەن خىيال،
تۇرمۇشۇم مەنىسىز، ساراڭدەك سۆزۇم.
بۇ دۇنيا گۇزەلكەن، ئەمما رەزىلكەن،
تۇرمۇشتا توسالغۇ بەكلا كۆپ ئىكەن.
ئىيىتىڭا جان دوستۇم شۇ سۆيگەن يارىم،
نە ئۈچۈن سانجىيدۇ يۇرەككە خەنجەر.
يۇرىمەن سىرىتلاردا كۈلۈپلا ئويناپ،
ۋەلىكىن قارايمەن كۆزلىرىم تالغان،
بىلسەڭچۇ ئەي يارىم كۆڭۇل سىرىمنى.
ئىچىلىپ ، يىيىلىپ كۈلگىنىم يالغان!!
ئۆتەمدۇ كۈنلىرىم شۇنچە مەنىسىز،
پۇشايمان ھەسرەت ئۆكۈنۈش بىلەن،
ماڭىمەن قەدەمدە نىچۈن پۇتلىشىپ،
خۇدا دەپ يىغلايمەن تەلپۇنۇش بىلەن
ۋە لىكىن يەر قاتتىق ئاسمان ئىگىزدۇر،
ئۆكۈنۈش نۆۋىتى كەلگەندە ماڭا،
ھەر ۋاقىت ئۆزۈمنىڭ بەخىتىنى ئىزدەپ،
تىلاۋەت قىلارمەن دەيمەن ئاھ خۇدا !!
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-20 20:01
|