ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر بولغان بولساڭ گەر سەن يېنىمدا
كۆرۈش: 1351|ئىنكاس: 52
go

بولغان بولساڭ گەر سەن يېنىمدا  

توردا
147سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
1385 
تېما
213 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 16:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تۆكۈلمەس ئىدى كۆزلىرىمدىن ياش،

بولغان بولساڭ گەر سەن يېنىمدا.

مۇھەببەت گۈلى توزىدى مانا،

ئۆچۈپ قالغاچ گۈلخان دىلىمدا.


يوللىرىڭغا تەلمۈرۈپ قاراپ،

ئۆتتى كۈنلەر شۇنچىمۇ ئاستا.

ئاھ شۇندىمۇ كەچمىدىم سەندىن،

قەلبىم ئازاپقا تولسىمۇ لىقلا.


ئۆزگە بىردىن كۈتكۈم يوق ۋاپا،

چەكسەممۇ گەر بىر ئۆمۈر جاپا.

ئەسلەپ ئۆتەرمەن سېنى بىر ئۆمۈر،

سەن يېنىمدىن كەتسەڭمۇ ئەي، بىۋاپا.


دىلىم كۈيلىسىمۇ، تىلىم يول قويماس

"جېنىم قايتىپ كەل"دېيىشكە ئەسلا.

ئۇشبۇ چاغدا قىلغان سۆزلىرىڭ،

قىلغاچقا دىلىمنى بەكمۇ چوڭ يارا.


مەيلى كەتسەڭ كىتىۋەر يايرىم،

يالغۇزلۇققا كۆنۈپ قالارمەن.

خۇددى سېنى سۆيۈپ قالغاندەك،

سەن يوق يۇرتقىمۇ ئۆگنىپ قالارمەن.


خەيىر جانانىم ئاخىرقى سۆزۈم،

"بەختلىك بول" مەن يوق بولساممۇ.

پەرۋايىڭغا ئالمىدىڭ ئەجەپ،

مەن سەن يارغا شۇنچە كۆيسەممۇ.



مەنبە: قەلب خاتىرەم





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا teshna تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-22 17:11


توردا
372سائەت 
نادىر تېما
دوست
55 
يازما
1532 
تېما
37 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 09:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىۋاپانى يەنىلا سۆيۈش ،
ئازاپلىق ھەم قىيىن بىر ئىش .
ئۇ باشلىدى يىڭى ھاياتنى ،
ئۇنۇت سەنمۇ .ئارتۇقچە بۇ ئىش .

توردا
147سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
1385 
تېما
213 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 10:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش intizar0998 نىڭ يازمىسى

ئۇنتاي دېدىم ئۇنۇتالمىدىم،
چىن يۈرەكتىن سۆيگەچكە ئۇنى.
تۇنجى سۆيگەننى ئۇنۇتۇش تەسكەن،
ھېچ تاپالمىدىم داۋاسىنى.

توردا
630سائەت 
نادىر تېما
دوست
64 
يازما
3866 
تېما
527 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 10:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
teshna يوللانغان ۋاقتى 2011-9-22 16:51
تۆكۈلمەس ئىدى كۆزلىرىمدىن ياش،بولغان بولساڭ گەر سەن ي ...


ھەقىقەتەنمۇ بەك ياخشى يىزىپىسز . خاتىرڭىزدىكى بىر -برىدىن ئېسل مۇھەببەت لىركىلىرڭىزنى ئايماي يوللاپ تۇرۇڭ .ھەممەيلەن بىرىلىكتە مۇھەببەت دىڭىزىدىن ئۇزۇپ ئۆتەيلى .[
تەستە ئۆتەر سەنىسز كۈنلىرىم ،

تەنھالىقتا غېرىپلىق بېسىپ .


ئىزدەپ بارسام تەشەككۇرۇڭ يوق ،

تەشەككۇرنى دۇشمەنىدىن ئالىدىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 138 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-23 10:47

توردا
216سائەت 
نادىر تېما
دوست
65 
يازما
956 
تېما
117 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 10:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇھەببەتكە شىپاھ رىتسىپ يوق،
تا ئەزەلدىن مەڭگۈگە شۇنداق .
چىن مۇھەببەت ئىزدىسەڭ ئەگەر ،
سۆي ئۆزۈڭنى ، ئۆمۈر بويى سۆي .





توردا
300سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1550 
تېما
58 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 10:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش intizar0998 نىڭ يازمىسى

كىم سىزنى بىۋاپانى سۆيۈڭ دىگەن ؟ۋاپادارنى سۆيەتتىڭىز مۇنداق؟

توردا
147سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
1385 
تېما
213 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 11:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش tirixkin نىڭ يازمىسى

خەقنىڭ سىرتىغا قاراپلا ۋاپادارمۇ بىۋاپامۇ بىلگىلى بولمايدىكەن مۇنداق، بولمىسا سىزلا ياردەم قىلمامسىز؟ قارىسام سىز خېلى ئۇستا ئوخشايسىز ۋاپادارلارنى ئايرىشقا!

توردا
300سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1550 
تېما
58 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 11:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش teshna نىڭ يازمىسى

مەن ئۆزەم ۋاپادار بولغاندىن شۇڭا ئۇستا

توردا
147سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
1385 
تېما
213 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 11:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش 138 نىڭ يازمىسى

تەشەككۇرنى دۈشمەندىن ئېلىپ،
تىلىم ئەمەس، دىلىم زارلاندى.
نېمە دەيمەن تەقدىر شۇنداقكەن،
ئازابتىن تولغۇنۇپ، قەلب ئۆرتەندى.

توردا
147سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
1385 
تېما
213 
يوللانغان ۋاقتى 2011-9-23 11:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش hunter01 نىڭ يازمىسى

سۆيمەكمۇ تەس، ئۇنۇتماق ئاندىن،
ئۇنۇتاي دېسەممۇ ئونۇتالمىدىم.
چىن يۈرەكتىن سۆيگەچكە يارنى،
ئاھ، باشقىغا ھېچ كۆنەلمىدىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2012-1-1 20:58

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.