يىگىرمە تال گۈلنى چېكىگە قىسىپ،
يىگىرمەئۆستەڭگە چۆمۈلدى بىر قىز.
يىگىرمە دەرەخنىڭ قولىدىن تۇتۇپ،
باسىدۇ ئۆزىنى يىگىرمىنچى ئىز.

يىگىرمە يۇلتۇزدىن ساقىغان تىلەك،
يىگىرمە مۆھۈرنى باسىدۇ تاشقا.
يىگىرمە بۇلۇتنىڭ كەينىگە مۆكۈپ،
ھىلال ئاي تولماقچى يىگىرمە ياشقا. 
تونۇرنىڭ تەپتىدەك ئىسسىق شەھەردە،
مېھرىمگە لىق تولدى بىر ئەزىم دەريا.
چىرايلىق مامكاپنى پۈۋلەپ ئولتۇرۇپ،
ئاققۇنىڭ پەرۋازى يەتتى يادىمغا. 
ياپيېشىل چىمەنگە تۆكۈلدى ئارمان،
ھە، بۈگۈن كىملەرنىڭ يادىغا يەتتىم؟
بۇلۇتلار كۆيىدۇ مەغرۇرلۇمدا،
بىر تامچە ياشقىلا ئايلىنىپ كەتتىم. 
باغرىمغا باسىدۇ ئىسسىق باغرىنى،
ۋاپادار،مۇلايىم ئاپئاق كەپتىرىم.
غۇنچىدەك پورەكلەپ كەتتى بىمالال،
ئۆزىنى سۆيۈشتىن قانىغان لېۋىم. 
كىرپىكىم ئاستىغا يېيىلغان گۇگۇم،
توشقۇزۇپ قويىدۇ سەۋر قاچامنى.
ئىچىمدە بىر مۈشۈك ياشىدى ئۇزاق،
بەھوزۇر تاتىلاپ كۆڭۈل يارامنى.

ئالدىراش ئايالدەك ئۆتىدۇ ۋاقىت،
كىمكىنە چۇۋۇغان ئۆرۈم چېچىنى.
مەن يەنە چۆكىمەن يالغۇزلۇقۇمغا،
سۇندۇرۇپ قىسمەتنىڭ ھارام شېخىنى.

شۇ قەدەر سۈزۈك ھەم شۇ قەدەر تىمتاس،
سىياھتەك قارايغان شەھەر كېچىسى.
ئون سەككىز ياشتىكى ئارمانلىرىمدۇر،
شېئىردىن تۆكۈلگەن شاپتۇل چېچىكى. 
بۇ دۇنيا بەزىدە بىر دۆۋە كىتاب.
بەزىدە سۈپۈرگە ياكى مىس قازان.
شەھرىزات، چۆچىكىڭ گۈزەل بولسىمۇ،
خەيرىيەت ئۆزۈمگە قايتىمەن ھامان. 
يىگىرمە بۆشۈككە بۆلىنىپ تۇرۇپ،
يىگىرمە ئىشىكتىن ئۆتتۈم بىمالال.
ئاسانمۇ ئەمەسكەن يىغلاپ ئۇزىتىش،
ياشاشتىن بىلگىنىم شۇدۇر ئېھتىمال.

سۇغاردىم قەلبىمنىڭ باياۋىنىنى،
پەسىللەر شېخىدا چېچەكلىدى كۈز.
مېھرىمگە پاتمىغاچ مۇدھىش ھاياجان،
دەررىگە لايىقمەن بىرمىڭ ئالتە يۈز ! 
مەنبە:ساقلىۋالغانلىرىم
|