يېشىللىقتىن پاياندار،كۆرەك ئۇيغۇر ھويلىسى،
گۈزەللىككە چىن ئۈلگە-ئۆرنەك ئۇيغۇر ھويلىسى.
كۆك ئاسماندىن سۈپسۈزۈك،ئەينەك ئۇيغۇر ھويلىسى،
ئىزگۈلۈكتىن باشلانغان تىلەك ئۇيغۇر ھويلىسى،
سۇقۇۋاتقان ھاياتقا يۈرەك ئۇيغۇر ھويلىسى. 
راملىرىدىن نۇر چۈشۈپ تۇرغان ئېسىل ئۆيى بار،
ئۆيگە لايىق كۆڭلىدە ياخشى ئارزۇ-ئويى بار،
قوتىنىدا توققۇزدىن ئوتتۇزغىچە قويى بار،
ئالتۇن كۈزدە خامدان ئوينايدىغان (تويى)بار،
نېسىۋىگە-نېمەتكە ئەلۋەك ئۇيغۇر ھويلىسى. 
جىرىم تىكەر ھەر ئۇيغۇر مەيلى بىر كۈن ياشىسۇن،
چۈنكى جىرىم ئارماندۇر،ھايات كۈلۈپ ياشنىسۇن،
سايسىگە ھارغانلار كېلىپ ئۆزىنى تاشلىسۇن،
ئۆيى بىلىپ بەھۇزۇر ئۇيقۇسىنى باشلىسۇن،
تېنىگەنگە دوست،قاياش،يۆلەك ئۇيغۇر ھويلىسى. 
سۇ قوغلىشىپ ياشايدۇ،سۇ ئىچىدۇ ئېقىنىدىن ،
ھەر چاغ قوشنا-قۇلۇمغا ياردەم قىلار يېقىنىدىن،
قۇچقىدا باھار بار،يىراق چاقماق-چېقىنىدىن،
كىم سۆيۈنمەس دۇنيادا مۇنداق ئىللىق ئېقىمىدىن،
مۇھەببەتكە،نەپرەتكە ئەلگەك ئۇيغۇر ھويلىسى. 
ھەيلە قىلىساڭ،بېغىدىن ھەر خىل مېۋە تېپىلار،
تولۇپ بارى شەربەتكە ئېغىزلارغا ئېتىلار،
سېخىي بولغاچ ئىگىسى.نان بىلەن چاي قېتىلار،
كۆڭۈللەرنىڭ رىشتىسى ئۈزۈلمەس بوپ چېتلار،
كۈلۈپ تۇرغان پەسلىسىز گۈلدەك ئۇيغۇر ھويلىسى. 
بوسۇغا ئاتلاپ كىرگەننى (يىراق تۇرغىن )دېمەيدۇ،
خىزمىتىدە بولۇشقا جېنى بىلەن تېنەيدۇ،
بارنى قۇيۇپ مېھمانغا،بەلكى ئۆزى يېمەيدۇ،
سوۋغا بېرىپ كېتەردە،يەنە ئاق يول تىلەيدۇ،
ئايان يەتتە ئىقىلىمغا ئەلتەك ئۇيغۇر ھويلىسى. 
تەرتىپ،يوسۇن،پاكىزلىك ئەڭ قىممەتلىك ئۈچ نەسىھەت،
ئۈنەمدىكىن گۈل دەيسەن قۇچقىغا تاش تەتسە،
ئىگىسىدە يېقىمىلىق ئۇنىڭىدىكى ھەر نەرسە،
ھەر كىم بېرەر شۇنچىلىك ساۋاق بەرسە،نەپ بەرسە...
ئىلىمىيىلىقىتىن بېشارەت-دېرەك ئۇيغۇر ھويلىسى. 
ئەلمىساقتىن ئۇيغۇرنى بۆشۈك بولۇپ بۆلىگەن،
ۋاپادارلىق،مېھىنەتنى،ئىناقلىقىنى كۈيلىگەن ،
شوتىسىدابەختىنىڭ پەلەكسېرى ئۆرلىگەن.
تەبئەتكە بىرلىشىپ يۆلەنگەن ھەم بۆلەنگەن،
خۇددى ياغنىڭ ئىچىدە بۆرەك ئۇيغۇر ھويلىسى. 
مەنبە: جوڭگۇ مىللەتلىرى |