ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 99|ئىنكاس: 8
go

تىجارەت

توردا
65سائەت 
نادىر تېما
3 
دوست
0 
يازما
353 
تېما
60 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-22 00:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

تىجارەت


( مۇخەممەس )




پۇلنىڭ غېمى كويىدا، يولغا چىققا تىجارەت ،

شەمۇ-شەنى ئايلىنىپ، ئالتۇن تاپقان تىجارەت ،

ئەقىل ئېپى ئۆزگىچە، ھەركەت چاققان تىجارەت ،

ئائىلىنى خاتىرجەم، تىنىچ باققان تىجارەت ،

خەلق ئالەم ئالدىدا، كەسپى چولپان تىجارەت .




قېرى بوۋاي، مومايلار، تاتلىق ئىكەن پۇل دەيدۇ ،

بوۋاقلارمۇ يىغلايدۇ، بۇلماق تىخى يىمەيدۇ ،

نەپ بولمىسا ئۆزگىلەر، قۇرۇق گەپنى دىمەيدۇ ،

تىلەمچىگە نان بەرسە، يەنە تىخى پۇل دەيدۇ ،

مېھرى ئىسسىق بۇ پۇلنىڭ، كۆڭۈل تاتقان تىجارەت .




ئۆزگىنىمۇ، ئۆزنىمۇ، نۇمۇس قىلماي باپلايدۇ ،

شىرىن گېپى تۇيۇقسىز، خۇشال قىلىپ ئەپلەيدۇ ،

جىگدە سېلىپ دوپپىغا، قەرزى بولسا سەپلەيدۇ ،

كەسپى ئۇلۇغ قويمىچى، تاتلىق گەپتە كەسلەيدۇ ،

نى ئادەمنى قاخشاتقان، ساختا يالغان تىجارەت .




سوغا ئېلىپ باشلىققا، ئۆيدىن تىخى كەتمەيدۇ ،

ئارىلىقتىن نەپ ئېلىپ، مىليۇنىرغا يەتمەيدۇ ،

پۇرسەت بولسا بەزىدە، قىرىنداشنى قەسلەيدۇ ،

نۆۋەت كەلسە ئۆزىگە، خوشامەتنى ئەسلەيدۇ ،

باشلىق بولۇپ ئۆسۈشمۇ، روناق تاپقان تىجارەت .




پۇل سورىسا يوق دەيدۇ، بار بولسىمۇ قىرىنداش،

بىرىپ تۇرسا ناۋادا، بولۇر ئاخىر بىر باتناش،

غەلۋە-غوتاڭ ئاۋىيدۇ، پۇل ھەققىدە كۆپ داتلاش ،

ئۆلۈپ قالسا كارى يوق، دەپ قويىدۇ ھەي ئاداش ،

ئىنسانلىقنى يوقاتقان، سېتىۋەتكەن تىجارەت .




ساختا ئوغۇت ئىشلىتىپ، دىھقان ئالدى << مول-ھوسۇل>>،

ھاياتلىقنى پەرىشتە، نابۇت قىلدى بىر ئوكۇل ،

بۇلغانمىدا كۆپ ئىشلەپ، جاننى بەردى نى ئوغۇل ،

موھىت قېنى، جان قېنى ؟ ئېلىپ كەتتى ھەي رۇسۇل ،

ئىقتىسادنىڭ دەردىدە، جاھان بۇزغان تىجارەت .




باخشى-داخان پۇل دەيدۇ، موللا رەمبال پۇل دەيدۇ ،

سەللە يوغۇن ئىمان يوق، << مەن سۇف، >>دەيدۇ كەل دەيدۇ،

ئالداپ قويسا ناداننى، << ساقايدى بۇ يەل >> دەيدۇ ،

گەر ساقايسا ۋىراچمۇ، << ئاددىغىنە يول >> دەيدۇ ،

ساختىلىققا ئېشىنىپ، ئۆمۈر ئۆتكەن تىجارەت .




تەكشۇرۇشكە كەلسىمۇ، ماڭا ئازراق بەر دەيدۇ ،

بەرمىسە گەر باھادا، بۇ بەك ناچار يەر دەيدۇ ،

ئاخىرىدا ۋاي تىخى، ئاققۇزماپسەن تەر دەيدۇ،

ئازراق بولسا بەرگىنىڭ، بارمۇ يانا سەر دەيدۇ ،

بىزنى شۇنداق گول قىلىپ، ئاينىپ كەتكەن تىجارەت .




يىقىلغاندا يۆلەك يوق، يۆلەپ قويسا پۇل دەيدۇ ،

كۆزگە كىرسە ئەخلەتلەر، پۇۋلەپ قويسا پۇل دەيدۇ،

ھاجىتىگە راۋا يوق، سۈيلەپ قويسا پۇل دەيدۇ،

ناخشا ئوقۇپ ئىكراندا، كۇيلەپ قويسا پۇل دەيدۇ ،

ئىنسانلىقنى پۇل قىلىپ، بەركەت تاپقان تىجارەت .




ئاپتۇرى: يۈسۈپجان سابىر ئوتياق

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
64 
يازما
679 
تېما
64 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-22 00:09 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت جۇمۇ بەكلام مەنىلىك يىزىپ سىز جۇمۇ........جىق جىق يوللاپ تۇرۇڭ...نادىرتىمىلارنى.

توردا
273سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
22 
يازما
918 
تېما
150 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-22 15:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىجادىي تىمىلىرىڭىز ئۈزلۈپ قالمىسۇن ئوتياق ئاكا

توردا
91سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
14 
يازما
263 
تېما
42 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-22 16:10 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ساختا ئوغۇت ئىشلىتىپ، دىھقان ئالدى << مول-ھوسۇل>>،

ھاياتلىقنى پەرىشتە، نابۇت قىلدى بىر ئوكۇل ،

بۇلغانمىدا كۆپ ئىشلەپ، جاننى بەردى نى ئوغۇل ،

موھىت قېنى، جان قېنى ؟ ئېلىپ كەتتى ھەي رۇسۇل ،

ئىقتىسادنىڭ دەردىدە، جاھان بۇزغان تىجارەت .




بەكمۇ ياخشى چىقىپتۇ، ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.
ساقلىۋالسام بولامدۇ؟

توردا
0سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
6 
تېما
0 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-22 18:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىجارەت ئەڭ ئۇلۇغ كەسىپ. بۇرۇنقى زاماندا تىجارەتچىلەرنى مەدەنىيەت تارقاتقۇچى دەپ تەرىپلەتتىكەن،بۇنچىلىك سۆكۇپ كەتمەڭلار.

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
9 
يازما
416 
تېما
35 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-22 20:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىر قىسىم تىجارەتچىللىرىمىز پۇلنى دەپ ھال - ھارامنى ئايرىماس بولۇپ كەتتى خەقنىڭ كۆزىنى بوياپ

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
9 
يازما
416 
تېما
35 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-22 20:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىر قىسىم تىجارەتچىللىرىمىز پۇلنى دەپ ھال - ھارامنى ئايرىماس بولۇپ كەتتى خەقنىڭ كۆزىنى بوياپ

توردا
237سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
33 
يازما
2156 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-23 15:47 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەممىسىلا ئوىشاش ئەمەسقۇ، ھالال تىجارەت قىلىپ ھالال پۇل تاپىدىغان تىجارەتچىلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس، تىمىڭىزغا تەشەككۈر، ھارمىغايسىز....

توردا
159سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
10 
يازما
777 
تېما
4 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-23 15:56 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەر ئىشنىڭ ياخشى يامىنى، ئاق قارىسى بولىدۇ.
تىمىڭىزغا رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 20:12

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.