قاتار چاي
( مۇخەممەس )
چايدا ئۆتكەن كۇنلىرىڭ، بەكمۇ خۇشال كۆڭۈل توق ،
ھەممە ئىشتا خاتىرجەم، چايدىن باشقا ئىشى يوق ، يوغۇن سۆزلەپ ئۆتىدۇ، ياۋاشلارغا گېپى ئوق ، سورۇن ئۇچۇن يىڭىدىن ،زەنجىر-ھالقا ئۈزۈك سوق ! قاتار چاينىڭ گېپى جىق، ئۆزگىلەرنىڭ گېپى پوق .
ئالدىراشلا يۇرۇيدۇ، نەچچە يەردە چېيى بار ، ئەل ئاغزىدا تۇگىمەس ، نەغمە-داستان نېيى بار ، ھىچكىمدىن قورۇقمايدۇ، شۇنچە يۈرەك قېپى بار ، خەلىق ئالەم ئالدىدا، تۇتسا خىلى سېپى بار ، قاتار چاينىڭ ھۆرمىتى ، ئۇنىڭ يۇزى بەك يورۇق.
قاتار چاينى بەك ئويناپ، ئۆيگە كىرمەك تەس بولدى ، تىل-ھاقارەت دەشنامدا ،قۇلاقلىرى گاس بولدى ، ئەر-خوتۇنلار دەردىدە، ھالى ئۇنىڭ مەس بولدى ، بۇ ئويۇننىڭ كەينىدە، دىلى سۇنۇق لەس بولدى ، قاتار چاينىڭ دەردىدە، قەرىز بولۇپ ھالى يوق .
قاتار چاينىڭ دەستىدىن، ياكى ئۆيدە تۇرالماي ، بانا سەۋەپ ئىزدەپمۇ، ئۇ سورۇندىن قاچالماي ، سورۇن قاتراپ سوكۇلداپ، ئارام خۇدا ياتالماي ، نەچچە يەرگە نىسى بوپ، مۇئاش چىقماي ساتالماي ، قاتار چاينىڭ تەسىرى، ئەجەپ بولدى تۇمۇچۇق .
ئاتتىن چۇشسە چۇشكەندۇ، ئۈزەنگىدىن چۈشمەيدۇ ، ھالى خاراپ چايچىنىڭ، مۆڭدەپ تىخى كەتمەيدۇ ، نوقۇپ قويسا بەزىدە، ھالىمىزغا يەتمەيدۇ ، خۇددى رەڭگى سىغىزدەك، خىيالىمدىن كەتمەيدۇ ، قاتار چاينى ئوينىغان، ئېرى بارلار ، ئېرى يوق...
ئاپتۇرى: يۈسۈپجان سابىر ئوتياق |