- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-21
- تىزىملاش
- 2010-11-10
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 42سائەت
- جۇغلانما
- 1625
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 205
- تېما
- 112
- توردا
- 42سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 6
- يازما
- 205
- تېما
- 112
|
1.سەمىمىي بولۇڭ؛قىزلارنىڭ سەمىمىي كۆيۈمچان بولۇشى، ئۇلاردىكى مىجەز-خۇلقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپلا قالماستىن،بەلكى ئۇلارنىڭ گۈزەل قەلبىنىڭ ئىنىكاسىدۇر.سەمىمىي بولغاندا قىز بىلەن يىگىت بىر-برىگە ئۆز-ئارا يول قويۇپ،نىيەت-مەقسەتلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ.شۇنداقلا ئائىلە قۇرۇغاندىن كىيىن، ئەر- خوتۇن،قېيىن ئانا،كېلىن ۋە يەڭگىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىناقلىقىنى ئىلىگىرى سۈرۈپ،ئائىلە تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختىيار ئۆتكۈزۈلەيدۇ.
2.تەمكىن بولۇڭ؛يىگىتلەر بىلەن ئۇچراشقان چېغىڭىزدا، ئۆزىڭىزنى قەستەن قاچۇرماڭ ياكى ناز-كەرەشمە قىلىپ ئۆزىڭىزنى كۆرىسىتىزكە ئۇرۇنماڭ.ئەكسىچە،تەمكىن ۋە ئېغىر-بېسىق بولۇڭ.چۈنكى قىزلارنىڭ بۇنداق لاتاپەتلىك ۋە مۇلايىم خىسلىتىگە كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغان بىر خىل سېھىرىي كۈچ يوشۇرۇنغان بولىدۇ.بۇ يەردە دېيىلۋاتقان تەمكىن بولۇش يەنى ئايالالرنىڭ نۇمۇسچان بولۇشىنى،بولۇپمۇ شاللاقلىق ۋە چاكىنا ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە بېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەنىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،قىزلار يەنە ئۆزىنى تۇتۇشىنى بىلىشى كېرەك.تەمكىنىلىك قىزلارغا نىسىبەتەن ئېيىتىقاندا ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئۇنىڭ تاشقى ئامىلىنىڭ قىزلارنى يولدىن چىقىرىشىنى چەكلەپ،قىزلارنىڭ پاكلىقىنى ساقلىشىدا زۆرۈر رول ئوينايدۇ.
3.گۈزەللىككە ئىنىتىلىش؛كىيىنىشكە ئەھمىيەت بىرىش، ئۆزىڭىزنى تۈزەپ يۈرۈشكە دىققەت قىلىڭ،چۈنكى كېلىشىكەن قامەت،چىرايلىق فىگۇرا ۋە تاشقى قىياپەت قىزلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن قۇشۇپ،سېھىرى كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.بۇنىڭ بىلەن قىزلار يىگىتىنىڭ قەلبىنى ئۇتۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە قارىتالايدۇ.شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشنىڭ لەززىتىدىن بەھىر ئېلىپ،ئۆزىدە بىر خىل ئېسىل مىجەز-خۇلقنى يېتىلىدۈرەلەيدۇ.
مەنبە؛قىزلار دەستۇرى
|
|