- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-22
- تىزىملاش
- 2010-6-26
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 199سائەت
- جۇغلانما
- 2351
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 823
- تېما
- 7
- توردا
- 199سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 7
- يازما
- 823
- تېما
- 7
|
_ھەي ،ماڭا بىر قارىغىنا ، ئوبدان قارا،مېنىڭ نەرىم ساڭا ياقمىدى ؟ ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئايرىلىپ كەتتىڭ ، ماڭىمۇ بىر ئىچىڭ ئاغرىسۇن ....... ھامىنى بىركۇنى ماڭا قىلغانلىرىڭغا پۇشايمان قىىلىسەن ،ئۇ ساڭا نىمە قىلىپ بەردى ؟ ساڭا ئەلەم ئېلىپ كېلىپ باشقا بىرسى بىلەن خوشال ئۆتۈۋېتىپتىغۇ ئەنە ..... -دەپ قايناپ گەپ قىلغاچ مېنىڭ بېلىكىمدىن چىڭ تۇتىۋالغان قوللىرى بىلەن مېنى سىلكىپ تۇرۇپ گەپ قىلۋاتاتتى ئۇ .
<<ھەي ئەكبەر ،ئەجەپ باشقىلارنىڭ ئالدىدىمۇ ئاياپ قويمىدىڭ مېنى.... >> دىگەن خىىياللار بىلەن تۇرسام ئۇ ماڭا قانغا تولغان كۆزلىرىنى تىكىپ تۇرۇپ ؛<<تېز ، ھازىرلا ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلە ،ئەگەر ئۇ قىزنىڭ قېشىدىمۇ تېلىفۇنىڭنى قۇبۇل قىلالىسا بولدى قىلاي ،لىكىن ئۇنداق بولمايدىغان ئىش بولسا مېنىڭ سەن بىلەن يۇرگىنىم يۇرگەن >> دىمەسما ،يۇرۇكۈم باشقىچىلا ئېغىپ كەتتى ... تېلفۇننى شۇنداق تەستە ئۇردۇم ، كۆزياشلىرىم تۆكۈلمەكتە.........ئۇنىڭ تېلىفۇنى سايرىشى بىلەن ئالاقىزادە بولۇپ بىر يېندىكى قىزغا بىر تېلىفۇنىغا قارا پ بىر نىمىلەرنى دىگەچ تېلىفۇننى ئالمىغان ھالىتىنى كۆرۇپ تېخىمۇ كۆڭلۈم يېرىم بولدى ،ئۇلارنىڭ ئىش ھەركىتىنى مەن ۋە ئالىم ئىككىمىز كۆرۈپ تۇرالايتتۇق ، ئالىم ماڭا زەردە بىلەن؛<< ئۇچۇر ياز ، ئۇچۇرمۇ قايتۇرمىسا ...... بۇ ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت ..>>دىدى ماڭا قاراپ .... << مەنمۇ ھازىر ھايۋاناتلار باغچىسى ئالدىدا .... سىلەرنى كۆردۇم ، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قالغۇم بار >> _ ئۇچۇرنى كۆزۇمنى يۇمۇپلا ئەۋىتىپ بولۇپ بىكەت تەرەپكە چاپتىم ، ئەمدى ئۇنىڭ جاۋابىنىڭ قانداق بولۇشى مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس ئىدى ....
- توختا جېنىم ،بىزمۇ يۇرۇپ قالدۇق مانا ،ماڭا دىمەيلايولغا چىقماقچى بولغىنىڭ نىمىسى ... بۈگۈن قايىتما بولدى ئاۋال نەرسىلىرىڭنى ئەۋەتەيلى ئاندىن مەن سېنى پېچچەت يەرگە باشلاپ باراي ، ئەتە يولغا سېلىپ قويايچۇ ؟، بەك بولمىسا مەن سەن بىلەن بىرگە قايتاي ، بەرىبىر بۇ يەردىمۇ قىلىدىغان ئىشلىرىم تۈگىدى ......
_نىمىشقا ئۇ ماڭا يالغان سۆزلەيدۇ ،نىمىشقا يولغا سېلىپ قويغىلى مەن چىقىمەن دەپ يالغان سۆزلەيدۇ ؟نىمىشقا ئۇ قىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ مېڭىپ كېتىدۇ ؟ زادى نىمىشقا ؟......-ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمايلا ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتىم .
ئۇ بېشىمنى سىلاپ ماڭا يەنە تەسەللى بەرمەكتە ،ھەمىشە شۇنداق كۆڭۈلسىزلىككە ئۈچرىساملا بۇگۈنكىدەك مۇشۇ ئالىم پەيدا بولاتتى ، ھەمدە تاققا -تۇققا گەپلرنى قىلىپ كۆڭلۈمنى ياسايتتى ،لىكىن بۇگۈن ھېچ تەسەللى تاپىدىغاندەك ئەمەس ، بىچارىنىڭ قايسى كۈنى مەن ئۈچۈن يارلانغان ،تېڭىلغان قولنى كۆرۈپ ،<< بولدىلا ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇناي ، ئۇنىڭغىمۇ نىمە جاپا ؟>>دىگەنلەرنى ئويلاپ نەرسە كىرەكلىرىمنى يولغا سېلىۋەتتىم ...
_ئاۋۇ تۇرپانغا بارىدىغان ماشىنا ئىكەن ، تېز بول بىزمۇ چىقىۋالايلى .
_نىمىشقا بارىمىز ئۇ يەرگە ؟-ھەيران بولۇپ سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن .
_ئىلگىرى قايسى بىر كۈنىى ماڭا سەن ؛<<ئوقۇش پۇتتۇرۇپ يۇرتقا قايتقۇچە تۇرپانغا بېرىپ كۆرۈپ كەلگۈم بار >>دىگەن ئىدىڭغۇ ؟ ئارزۇيۇڭنى ئەمەلگە ئاشۇرسام بولار ؟
ئۇنىڭ ئۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ بىرقىسىما بولۇپ قالدىم ، ماشىنىغا بىرخىل خوشياقمىغاندەك چىقىپ ئورۇنلاشتىم .بىر چاغدا ئۇ <<تېلىفۇنىڭنى مەن بىر كۆرەي >>دەپلا تېلىفۇنۇمنى قولۇمدىن تارتىپلا ئالدى.
_مانا ئۇچۇرمۇ قايتۇرماپتۇ ، يۇزسىزلىكىنى قارا بۇنىڭ ...........مەن بىر جىلە قىلايچۇ ئۇنى .
_ئۇنىڭ بىلەن ئېتىشمىساڭ بولمامدۇ ؟ ئۇ نىمىلا قىلسۇن ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسام ، نىمىلا قىلساڭ بىكار .-شۇنداق دىگنىمنى بىلىمەن قاتتىق تەككەن بىر تەستەك بىلەن ماشىنىدىكى باشقا كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئىككىمىزگە ھەيرانىلىق بىلەن قاراپ قېلىشتى .ئۇنىڭ كۆزلىرى قانغا تولغان ، تېڭىلغان ھېلىقى قولى غال-غال تىترەۋاتاتتى ، ،نىمە دىيىشىمنى بىلمەي ياشقا تولغان كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ ئارقامغا يۆلەندىم ، ئۇ بولسا ھەدەپ تېلىفۇنۇم بىلەن ھەپىلەشكەچ بىر تەرەپتىن مەندىن كەچۇرۇم سوراپ مەندىن كەچۇرۈم سورايتتى ، ئۇ ھەمىشە شۇنداق ....... كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمدۇم ،كۆزۈمنى يۇمساملا بۇرۇنقى ئىشلار كۆز ئالدىمغا كەلدى ...............
ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپ يېڭى مۇھىت بىلە ئۇچرىشىپ ساۋاقداشلىرىم بىلەن خېلىلا چىقىشىپ قالغان بىر كۈنى ئالىم ماڭا قاراپ تۇرۇپ كتىپ بىر ھازادىن كېيىن <<ئىككىمىز بۇگۈن ئوبدان بىر پاراڭلىشايلى >>دېدى . _ھە ،نىمە دەيسەن ؟( شۇ چاغلاردا بىز ئاساسەن دىگۈدەك <<سەن >>سۆزىنى ئىشلىتەتتۇق
_ ئىككىمىز يۇرۇپ قالساق بولمامدۇ ؟قارا ماڭا ،مەن دىگەن سىنىپنىڭ ئالدى ، مەن بىلەن يۇرۇپ قالساڭ پايدا ئالىسەن .
_ھاھا ... قىزىپ قالمىغانسەن ؟!!!! ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بار جۇمۇ مېنىڭ ، ئۇنداق چاخچاق قىلمايدىغان .
_ئەمىسە ماڭا ياردەم قىل ، يالغاندىن بولسىمۇ يۈرۈپ قالايلى ، سىنىپتىكىلەرنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنى قويغىن .
_نىمە دىگىنىڭ ئۇ ؟
سىنىپتىكى بىرسى بىلەن ئۆتۈشكەن ، سېنى بىر ئاينىڭ ئىچىدە باش ئەگدۈرسەم ، ئۇ پۈتۈن سىنىپتىكىلەرنى مېھمان قىلىدىغان بولغان ، بولمىسا مەن پۇتۇن سىنىپتىكىلەرنى مېھمان قىلغاننىڭ ئۈستىگە سىنىپ باشلىقلىق ۋەزىپەمدىن ئىستىپا بېرىدىغان بولدۈم .....
_ھاھا ..... ياخشى گەپكەن قېنى كىم ئۇتۇپ چىقىدىكىن مەن بىر كۆرەي ؟..... بىر كۈنى سىنىپقا كىرسەم بالىلار ؛<<_ -ھەي .قاراڭلار ،ئۇ قىز باغۇ بەك يامانكەن كېلەكەلمەيلا سىنىپ باشلىقىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىۋاپتۇ .. ھەي ، سىنىپ باشلىقىمىزغا مەن كۆز تىكىپ قويسام ئۇ ئېلىپ قېچىپتۇ ، خەق يامانكەن ..خەپ ، كۈنلەر ئۈزاققۇ تېخى .........>>دىگەنگە ئوخشاش <<قىزىق نۇقتا>>ھەققىدە پىكىر يۇرگۈزىۋېتىپتۇ .........ئاڭلىماسقا سېلىپ ئولتۇرسام بىرسى ئالدىمغا كېلىپ ؛<<مۇبارەك بولسۇن !! يۇرۋاپسىز .. قاچانلىققا چاي بېرىسىلەر ؟>> دىمەسما بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى ....
شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن يۇرۇپمۇ قالمىدىم ، يا ئۇمۇ ۋاز كەچمىدى ، يا سىنىپتىكىلەر تولا گەپ تېپىپمۇ ھارماي ھەش -دىگۈچە ئوقۇش پۇتتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر يىلى قالغان ئىدى .... بۇ جەريانلاردا سىنىپ باشلىقىمىز ئالىمنىڭ مېنى پات-پات ئۈرۈپ تۇرۈشلىرىغىمۇ كۆنۈپ قالغاندەك قىلاتتم ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى شۇ قىزلارغا قول تەككۈزۈش ئىدى ، ئۇ ھەمىشە بىر تەستەك سېلىپ بولغاندىن كېيىن بىرەر ھەپتىگىچە مەندىن تولا كەچۈرۈم سوراپ ئىچىمنى پۇشۇراتتى ...... ھەر ھالدا ئوقۇتقۇچىلىرىم ماڭا باك ئامراق ئىدى .ئاشۇنچە ۋاقىتلىرىمنى كىتاپخانىدا ئۆتكۈزگەچكە ھەممىسى ماڭا ئۆگۈنۈش جەھەتتىن قول قوياتتى لىكىن مۇشۇ مۇھەببەت ،ھېسسىيات ئىشىغا كەلگەندە ھەي....... خۇددى مەن زادى بىرسى بىلەن يۈرۈپ باقمىسام بۇ دۇنيا قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغاندەك ....مانا سىنىپ مەسئۇلىمىزمۇ مېنى ئالىم بىلەن بىرگە تولا ئىشقا بۇيرىيدىغان بولۇپ كەتتى ، يا ئۇ قېلىن سىنىپ مەسئۇلىمىزغا دىدىمىكىن تاڭ ، سىنىپ مەسئۇلىمىز يىغىن ئاچسىمۇ ئىككىمىزگە مەنىلىك قاراپ مەنىلىك گەپلەرنى قىلىدىغان بولۇپ كەتتى .... ئالىمنىڭ نەزىرىدە مەن بارا بارا ھېسىياتسىز مەخلۇققا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بولسام كېرەك بىر كۈنى ئۇ ماڭا ؛<< ئەتە سېنى پىسخىكا دوختۇرنىڭ قېشىغا ئاپىرايمىكىن >>دىمەسما كۈلۈپ يېتىپ قالغىلى تاس قالدىم ..........
ھەممە كۆڭۈلسىزلىكنىڭ ۋە بىر مەزگىللىك خوشاللىقنىڭ بارچە مەنبەسى مۇشۇ توردىن باشلاندى ، توۋا دەيمەن ، بۇرۇن توردا تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەنلەرنى ئاڭلىسام ئۇلارنى تازا مازاق قىلاتتىم ئەمدى ئۆزۇم ......... توۋا!!!
( داۋامنى ئىنكاس سۇپىتىدە يوللاي ، ئاپام تولا چاقىرىپ ھېرىپ قلدى . تاماق يېۋېلىشىم كېرەك ئىكەن ...سەل تۇرۇپ كۆرىشەيلى ھە ؟!!!)
|
|