ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر مودا بولدى ئاجىرىشىش
كۆرۈش: 82|ئىنكاس: 3
go

مودا بولدى ئاجىرىشىش

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 01:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

قاراپ باقسام تۇرمۇشتا . مودا بوپتۇ ئاجىرىشىش ،
يىتىم قىلىپ بالىنى ،تەنھا قويدى ئاجىرىشىش ،
تۈپ سەۋەپنىڭ مېغزىنى ،تاپالماستىن ئاجىرىشىش ،
كۆز ياشلارنى تۇيدۇرماي كۆل قىلدىغۇ ئاجىرىشىش
باياشاتلىق تۇرمۇشنى ، چۆل قىلدىغۇ ئاجىرىشىش .

سەۋەپ ئىزدەپ ئەر – ئايال ئويلىمايدۇ بالىنى ،
بىر – بىرىگە ھومۇيۇپ سەن ساغ دەيدۇ كالىنى ،
يول قويمايدۇ ئۆز – ئارا تاتىلاپ ھەتتا يارىنى ،
دەز كەتسە گەر تۇرمۇشقا ،يا تاپمايدۇ چارىنى ،
كىچىكىنە ئىش ئۈچۈن مودا بولدى ئاجىرىشىش .

كەتسە ئايال ئۆيىگە ،بالا يىتىم قالىدۇ ،
رىئاللىقا تەن بىرىپ ،ئەرمۇ خۇتۇن ئالىدۇ ،
يېڭى خۇتۇن ئۆيىدە بالىغا دۇمباق چالىدۇ ،
خۇتۇن مىجەر ئۇ ئەرمۇ ،بالىدىن ھەتتا تانىدۇ .
نارىسىدە بالىنى يىتىم قىلدى ئاجىرىشىش .

چىقسا بالا تالاغا ، يىتىمەك دەپ ئاتىلار ،
ۋاقىت ئۆتۈپ بىر كۈنى ،يامانلارغا قېتىلار ،
ئەرمۇ بەزى ئايالغا قىزىق سۇدەك چېچىلار ،
مۇش كۆتۈرۈپ بالىمۇ ئەر- ئايالغا ئېتىلار ،
جىنايەتكە بالىنى باشلىدىغۇ ئاجىرىشىش .

ھەرگىز يىتىم بولمىسۇن ،نارىسىدە بالىلار ،
چىن – مىھىرلەر بىرەيلى قەلبى سۈتتەك ئانىلار ،
پاك – غورۇرنى دەپسەندە زادى قىلماي ئاتىلار ،
كۈندە خۇشال ياشايلى ،ئاتا – ئانا ھەم بالىلار ،
شۇندا بىزدىن يىراقلاپ نېرى كىتەر ئاجىرىشىش .

تاڭنۇر < خەيرۇللا قۇربان > بۆرتالا


ئەسكەرتىش -- جەميىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئورۇنسىز ئاجىرىشىش تۈپەيلى باللىرىنى يىتىملىك كوچىسىغا تاشلاۋاتقان كىشلەرگە قارىتىپ يېزىلدى.


مەنبە-قىزلار تورى



توردا
298سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
798 
تېما
49 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 13:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى شېئىركەن .
رەھمەت سىزگە .....

توردا
435سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2448 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 16:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخىشى تىما يوللاپىسز . رەخىمەت سىزىگە . بۇنىدىن كىيىنمۇ داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ . دىمىسىمۇ بەزى ياخىشى ئۆتەۋاتىقان ئەر -ئاياللارغا نىمە بولدىكى . كۆز تەككەنىدەكىلا ئايىرلىش مۇدا بولغانىدەك ئايىرلۋاتىدۇ دىسە . توۋا باللار يىتىلىق كوچىسدا سەرسان .

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 17:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاللاھ ھەممە كىشلەرنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن ، ئاشۇ نارىسىدلەر تىرىك يېتىم بۇلۇپ قالمىسۇن . ئاشۇنداق ئەقىلسىز كىشلەر تاز تاللاپ يەيدۇ ، ئاخىرى خالاپ يەيدۇ دىگەندەك شۇنداق ئەسكىلەرگە ئۇچىرىغاندا ئاندىن قەدىرىگە يىتىدۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 20:14

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.