ۋاي دات ئاڭلىمىدىم دىمەڭلار 
ئۆيدە ئولتۇرۇپ زىرىكىپ،
قاراپ ماڭدىم تالاغا.
بىر قىزچاققا قاش ئېتىپ،
قالدىم ئوبدان بالاغا.

نىمە بولدىكىن دىمەڭلا،
مەندىن سوراپ يۈرمەڭلا.
سورمىساڭلا دەپ بىرەي،
ئەجەپ مازكەن دىمەڭلا.

قارا كۆزەينەكنى تاقاپ،
چاچنى بىر چەتكە تاراپ.
ئاخسا مېڭېپ يۈرەتتىم،
ئالدى كەينىمگە قاراپ.

ھەي دىگەندەك قىلغانتى،
كەينىمدىكى بىر قىزچاق.
ئۆرۈلۈپلا قارىسام،
چىكىلگەنكەن قاش-قاپاق.

ئۆزى شۇنداق كىلىشكەن،
بۇيى بەكمۇ ئۇزۇنكەن.
يۇرتۇم ئىسسىق بولغاچقا،
كىندىكى ھەم ئۇچۇقكەن.

كىچىك تىلىم لىكىلداپ،
قاش ئېتىپلا ساپتىمەن.
شەرەتلىدى مىنى دەپ،
نەگە ماڭدۇق دەپتىمەن.

بىرسى كىلىپ ئارقامدىن،
بىرنى تەپتى كاسامغا.
ئاستا سىلاپ كاسامنى،
بەدەر قاشتىم كاپامغا.

ئەسلى ئۇ قىز ھەي دىگەن،
ئالدىمدىكى ئىرىكەن.
قىز ئەمەسكەن ئەسلى ئۇ،
ئەگە تەككەن خوتۇنكەن.

ئىرى بارغا قاش ئېتىپ،
ھارام تاياق يەۋالدىم.
ئىرى يوقلار باردۇ دەپ،
بۇ يەرگىلا كىرۋالدىم.

مەن ئەمەسقۇ ساۋىركام،
بىكار تاياق يەيدىغان.
جۈپتى يوقلار بارمىدۇ،
گەپلىرىم بار دەيدىغان. 
مەنبە: 520 سىتودىيسىى تىمىنى ئاپتۇرغا باغلىۋالماڭلار |