ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر خانىم قىزلار تورخانىدا ئىككىلىنىش
كۆرۈش: 92|ئىنكاس: 9
go

تورخانىدا ئىككىلىنىش

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
18 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 08:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەن بۈگۈن بىر تورخانىغا 11 يېرىملاردا كىردىم ،ئارقامدىنلا ئىككى ئۇيغۇر قىزى<خەن ئېغىز> كىرىپ كەلدى،كېينىشى غەرىپچە،كېڭى يوق،ئىشتىنىڭ رەختى سۇلياۋغا ئوخشايدىغان،80 يىرىلغان <پاسونى>،18-22ياش ئەتراپىدا،تورخانىغا كىرشىگىلا ئەركەكلەرنىڭ دېققىتىنى تارتتى،ئۇلار كېچىنى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن 14يۈەن ھەق تۆلەپ ئىككىسى ئىككى كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا تور ۋە ئويۇندىن ھوزۇرلاندى.تاڭ يۇرىغاندا سائەت 5لەردە يەنە بىر ئۇيغۇر قىز 23-28ياش <تور قۇرتى>بۇ تورخانىغا كىرىپ تورخانا باشقۇرغۇچىلار بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ ئانسىنى ئەمگەندەك ھۇزۇرلاندى ۋە تورغا ياماشتى.بىر چاغدا ھېلققى ئىككى قىز پۇل تۆلەش ئورنىغا كېلىپ تورخانا باشقۇرغۇچىغا بىر نەرسىلەرنى دېگىلى تۇردى،تورخانا باشقۇرغۇچى مېنى چاقىرىپ ئۇلارغا ياردەم قىلساڭ دېدى مەن ئۇيغۇرچە گەپ قىلسام ئۇلار بەك قورقۇپ كەتتىمۇ ماڭا خەنزۇچە سۆزلەپ كەتتى،ئەسلى تورخانىدا بىر قانچە ئۇيغۇر بالىلار ئۇلارنىڭ سومكىسىنى ئېلۋېلىش ئۈچۈن بىر كېچە ھەرىكەت قىپتىكەن،ئۇلار قورقۇپ ئۇخلىيالماپتۇ.قارسام ئۈچ بالا تورخانىدا ئۇلارنى پايلاپ يۈرۈتتى. قىزلار بىردەم ئولتۇرۇشتى ئوغۇللار كېتىدىغاندەك ئەمەس،سائەت 6 بولغاندا تورخانا باشقۇرغۇچى مېنى ۋە <تور قۇرىتى>قىز بىلەن ئىككىمىزنى ھېلقى ئىككى قىزنى سىرىتقا ئېلىپ چىقىپ قۇيىشىنى ئېيىتتى،بىز ئۇلارنى قوغداپ تورخانىدىن يىراقراق يەرگە ئاپرىپ قويدۇق<ئۇلار يولدا كەلگۈچە< خۇداغا شۈكرى ئاران چىقۋالدۇق>دەپ شۈكۈر قىلدى،تورخانىغا ھېلقى ئۇيغۇر بالىلارنىڭ <ھەجەپ قاچتا؟قارغاندا قىز ئوخشايدۇ،بولمىسا قاچمايتى.......>دېگەن ھاڭراشلىرنى ئاڭلىدىم.بىردەمدىن كېيىن ھېلقى <تور قۇرىتى>قىز ماڭا ناشتىلىق ئەكەپتۇ،مەن رەت قىلساممۇ ئۇنماي تۇتقۇزىپ قويدى تاماق مانا ئالدىمدا تۇتۇپتۇ،يەيمۇ ،يېمەيمۇ؟
كۆرگەن ئاڭلىغىنىمنى شۇ پېتى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن
قېرىنداشلىرىم قىزلارنى ،قانداق قىز بولسا ئۇيغۇر بولسىلا تورخانىغا يوللاتمايلى،بۇلۇپمۇ كېچىدە..
ئوۇلىغانلىرىمنى تېخى يازمىدىم داۋاملىق يازمەن ۋاقتىم تۇشۇپ قالدى،ئەتە كەچتە يازاي تېمىنى تەستىقلىماي تۇرۇڭلار باشقۇرغۇچىلار؟

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
451 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 10:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمىڭىز بەك ياخشىكەن...ئاخىرىنى تىزرەك يىزىڭە...

توردا
435سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2448 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 10:12 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمىڭىزغا رەخىمەت ئاخىرنى تىزراق يازغان بولىسىڭىز .

Rank: 8Rank: 8

توردا
770سائەت 
نادىر تېما
10 
دوست
71 
يازما
1496 
تېما
233 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 11:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇنداق ئىشلار جەميەتتە جىق،تىيمىڭىزنىڭ ئاخىرنى تىزراق يوللىغايسىز.

توردا
2سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
43 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 12:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاخىرىنى كاچان يوللاسىز ئەمدى

توردا
520سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2530 
تېما
331 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 13:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەزى قىزلارنىڭ يۈركى چوڭ ھازىر،كېچە-كۈندۈز دېمەي ئاتا-ئانىسىنى ئالداپ قويۇپ چىكىتىۋېرىدۇ... مەن بۇ ھەقتىكى ھىكايە-رومان،كىنو دېگەندەكلەرنى بەك جىق كۆرۈپ كەتتىم.

توردا
59سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
386 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 13:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھازىر 12-13 ياشلىق قىزلارمۇ كىرىدۇ .

توردا
59سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
386 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 13:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاتىسى باشقۇرمىغانلار شۇنداق بولىدۇ .

توردا
209سائەت 
نادىر تېما
دوست
24 
يازما
1181 
تېما
251 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 17:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمىڭىزغا رەخىمەت ئاخىرنى تىزراق يازغان بولىسىڭىز . مۇشۇنداق تاماكا چىكىدىغان قىزلار نىمىشقا مىنىڭ ئالدىمغا ئۇچۇرمايدىغاندۇ........... مۇشۇ قانۇن دىگەن نەرسە بولمىغان بولسا چاناپ چاناپ باشقىلارغا ئىبرەت بىرىپ ئۇدۇنيادا دەردىنى تارتىشقا رازىتىم......ھەي ئاللا شۇ قىزلىرىمىزغا كۇچلۇك ئىمان نۇرى ،،،،كۆڭلىگە ئىنىساپ ئاتا قىلىسۇن....................... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kaplan120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-16 17:20

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
18 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 21:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەستىقلىماي تۇرۇڭلار دېسەم ئالدىراپ تەستىقلاپ قويۇپسىلەر ،بوپتۇ. بۇ تېمىنى ئىككىگە بۆلۈپ يازاي ئەمدى.داۋامى.. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى تاڭ سەھەردە ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات يېرىدە ھەقىقىي يۈز بەرگەن.

ھەراسىت بىز قىزلارنى تورخانىدىن چىقىرىپ قويغاندىن كېيىن تورخانا باشقۇرغۇچى مەندىن قانداق بولغىنى سورىدى،مەن ‹ئۇلار كېچىدە بۇ يەرگە نېمە دەپ كېلىدۇ؟ئۆيلىرى ياكى قۇنالغۇلىرى يوقمىكەن؟مەن ئۇنداقلارنى ياقتۇرمايمەن،بولسا باياقى ئوغۇللار شۇلارنى بىر بۇلاپ كېچسى تالاغا چىقالماس قىلپ قويغان بولسا تازا خوش بۇلاتىم›،دېسەم ئۇ ھەيران قالدى.
بۇ ئىشلارغا ھەيران بولدۇم،ئېچىندىم،ئويلاندىم،تىلىدىم،ئۇلاردىن،ئاتا-ئانسىدىن،جەمىيئەتتىن ،ئۆزەمدىن ئاغرىندىم.ئەگەر تورخانا ياخشى جاي بولغان بولسا قانداق قىلاردىكى؟
پىكرىم ئۆزىمىز ۋە ئاچا-سىڭىل،ئاكا-ئۇكلىرمىز،خۇلۇم-خوشنىلىرمىزغا تەلىم -تەربىيە قىلايلى؟بىزنىڭ ئۈستىمىزگە بۇ يۈك يۈكلەنگەن. ھازىر توسمىساق،بالىلىرمىز تورخانىدا تۇغلۇپ توردا چوڭ بۇلۇپ قالدۇ.
مانا بۈگۈن كەچ مۇشۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرسام قورسىقىدا بار بىر ئۇيغۇر ئاچاش تورخانىغا كىرىپ قالدى ۋە ئۇياققا بۇياققا قاراپ بىرئوغۇل بالنى ئىزدەپ تاپتى بىر ئورۇندۇقنى تارتىپ يېندا ئولتۇردى.ئەسلى ئۇ ئېرىنى ئىزدەپ كېلىپتىكەن.ئېرى بىر يېڭدىن چىققان تور ئوينىغا خوتۇىندىنمۇ بەك ئامراق چېغى بىردەم ئوينىۋالاي دەپ مانا ئولتۇرغىلى بىر سائەت بولۇپ قالاي دېدى،ئايالى بىر قانچە رەت دېسىمۇ پىسەنىت قىلماي ئولتۇردۇ. بىردەمدىن كېيىن مەن يېزۋاتقان خەتلەر تەسىر قىلدىمۇ ئۇلار چىقىپ كەتتى.
مانا بۇ تورخانا،تورخانىدىكى بىر كۆرىنىش،مەن تورخانىغا خىزمەت ئىشى بىلەن دائىم كىرىپ تۇرمەن،ھەر قىتىم كىرسەم بىر قانچە كىچىك ۋەقەگە يۇلۇقۇپ قالمەن.
يامان ئىشلارنى كۆرگەندە تۇسۇشنى ئۇيلامەن،لېكىن جۈرەت قىلالمايمەن،چۈنكى بۇ يەرگە كېلدىغىنى جەمئىيەتتىكى بەزى ناچار ئادەملەر كۆپرەك تاساددىبى چاتاق چىقىپ قىلشىدىن قورقىمەن،بۇندىن كېيىن ئەگەر توسغىدەك ماغدۇرۇم ۋە پۇرسەت بولسا ئۇلارنى تورخانىدا مەن تۇساي،باشقا جايلاردا سىلەر تەلىم-تەربىيە بېرىڭلار.ئۇلارنى كەمسىتمەي ياخشى ئۇسۇللار بىلەن يامان يولدىن تۇسايلى؟ئۇلارمۇ بىزنىڭ قىرىنداشلىرمىز كىچىكلىرى ئىنە-سىڭلىمىزغا،چوڭلىرى ئاكا-ئاچىمىزغا ئوخشايدۇ. ئاللادىن ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئىمان تىلەيلى!
تورخانىدا بولۇپ تۇرغا ھەرخىل ئىشلاردىن داۋاملىق خەۋەردار قىلىپ تۇرمەن.تورخانىدىن بېرىلگەن خەۋەرلىرمىز ئۈزۈلمەيدۇ.
كېلەركى تېمىنى مۇشنىڭ ئاخىرغا يازايمۇ يېڭى تېما قىلىپمۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-24 12:27

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.